-
41يىلدىن كېيىن 90 پىرسەنىت تىل يوقىلىدۇ - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-03-28
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37166534.html
سىچۈەن تورى ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرى 2009.يىلى 11. يانۋار خەۋىرى:
يەنە 41 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 90 پىرسەنىت تىل يوقىلىدۇ! تۆنۈگۈن غەربى جەنۇب مىللەتلەر ئۇنىۋېرستىتىنىڭ پروفىسسورى، داڭلىق شائىر لوچىڭچۈن «چىڭدۇ ھېكايىلىرىنى خەلق سۆزلىسۇن» پروگراممىسىغا قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلغان، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىئىنەزىرى ناھايىتى ھەيران قالارلىق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە «تىل-يېزىق مۇزىيى» قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان.دۇنيادىكى 3% ئادەم 96% تىلدا سۆزلىشىدۇ
«دۇنيادىكى 6000 خىلدىن ئارتۇق تىل-يېزىقنىڭ 3000 خىلدىن ئارتۇقى يوقىلىپ كېتىش خەتىرىگە دۇچ كەلدى . تەتقىقات دوكلاتىدا مۆلچەرلىنىشچە 2050-يىلىغىچە 90% تىل-يېزىق يەر شارىدىن يوقىلىدۇ.» ب د ت مائارىپ، ئىلىم–پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋەكىلى بىستا «2008.يىللىق خەلىقئارا دۇنيا تىلى توققۇزىنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» مۇنبىرىدە ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مىللەتلەر تىل– يېزىقى كۈچلۈك ئورۇندىكى تىل– يېزىقلار بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ، ئېنتىرنىت ۋە دۇنياۋىلىشىشنىڭ زەربىسى يوقىلىپ كېتىشنىڭ خەۋپىنى ئېلىپ كەلمەكتە دەپ كۆرسەتتى.
سىتاستىكا قىلىنىشىچە، ب د ت غا تىزىمغا ئالدۇرغان تىل– يېزىقلار 6000دىن ئارتۇق بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادىكى 97% ئادەم ئىشلىتىۋاتقان تىل-يېزىق بارلىق تىل يېزىقنىڭ 4% نى ئىگەللەيدۇ . دېمەك، 3% ئادەم ئىشلىتىۋاتقان تىل-يېزىق ئومۇمى تىل يېزىقنىڭ 96% نى ئىگەللەيدۇ. يەنە كېلىپ يېرىمغا يېقىن تىل-يېزىقنى ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى 10000 غا يەتمەيدۇ، تۆتتىن بىر قىسىم تىل-يېزىقنى ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى 1000 غا يەتمەيدۇ. جۇڭگودا بەش خىل تىل سېستىمىسىغا تەۋە 130 خىلدىن ئارتۇق تىل بولۇپ، نۆۋەتتە 19خىل تىلدا ئىشلىتىلىشى ئازلىقىدىن يوقىلىش ئالامىتى ئىپادىلەنمەكتە، 73 خىل تىل يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ ياكى خەتەرلىك تىللار قاتارىغا كىردى، 8خىل تىل پۈتۈنلەي ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان.
ئېنتېرنىت تورى تىل-يېزىقنىڭ يوقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ«قايتا پەيدا بولمايدىغان تىل– يېزىق بايلىقى خۇددى جانلىقلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشى، ۋە يەرشارى كېلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىللەرگە ئوخشاشلا ئىنسانلارنىڭ دىققەت ئىتبارىنى قوزغىشى كېرەك ئىدى.»دىدى مائارىپ بۆلۈمى تىل– يېزىق ئۇچۇر باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋاڭتىيېكۈن .
بۇنىڭغا قارىتا، جوڭگو مىللەتلەر تىل– يېزىق جەمئىيتى پەخرىي رەئىسى سۈنخوڭكەي مۇنداق دەپ قارايدۇ «بىر قىسىم ئاجىز تىل– يېزىقلارنىڭ ھاياتى كۈچى يېتەرلىك بولماسلىقى، ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىپ كېتىشى ئاساسلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى، قاتناش، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئۇچۇرلىشىشنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتلەر توپى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېزلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن.» ئىچكى مۇڭغۇل ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەت تىل– يېزىقى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خۇگېجىلې مۇنداق دەپ قارايدۇ «ئېنتىرنىتنىڭ ئىشلىتىلىشى مىللەتلەر تىل– يېزىقى يوقۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.»
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆز قاراشلاردىن يەنە ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات دوكلاتى بار. بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە،« يۇقىرى پەن– تېخنىكا گەرچە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر قىسىم تىل– يېزىقلارنىڭ يوقىلىشىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تىل– يېزىقنىڭ بىرلىشىشىكە قاراپ يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى.»
نۆۋەتتىكى تىل– يېزىقلارنىڭ مەۋجۈت بولۇش ۋە يوقىلىش يۈزلىنىشىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، لوچىڭچۈن چوقۇم مائارىپ ، ئاخبارات ئورۇنلىرى قاتارلىق ھەر تۈلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق تىل– يېزىقلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇ يەنە مۇنداق تەكلىپ بەردى، موزىي قۇرۇپ نەرسە– كېرەك، كىيىم– كېچەك ۋە ئويۇن قويۇش، ئائىلە مۇزىيى، خەلق ئارىسىدا توپلاپ ساقلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئانا تىل مەدەنىيتىىدىكى ئەمەلىي بويۇملارنى ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.
پايدىلىنىلغان تېمىلار:
http://www.kaxtexi.cn/news/news2/69.htm
http://news.163.com/09/0111/05/4VBQHOKD0001124J.htmlئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تور تۇرانىڭ تەرەققىياتى ۋە تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتكەيسىز، ھەمكارلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
收藏到:Del.icio.us

评论
مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى!
يېقىندىن قوللاپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.سىزنىڭ ئېلانلىرىڭىزمۇ تولۇق چېكلىدى. ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن!
بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، يېڭى جوڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاز بولمىغان ئىلغار ياشلار لۈشۈن ئەپەندىگە تەكلىپ سۇنۇپ خەنزۇتىلىنىڭ تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تىل ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئىنگلىزتىلىنى ئۆگېنىشنى يولغا قويسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى شەرھىيلىگەن.
لېكىن بۇ ئەخمىقانە ئويلار قانداقمۇ يولغا قويۇلسۇن؟!
ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئەھۋالىنى بىر قەدەر ئۆزگىچە دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئوخشاش ئىش، زىيالىيلىرىمىز، باشلىقلىرىمىز ، تەتقىقاتچىلىرىمىز تىرىشىپ ئېنىق پاكىتلار بىلەن ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتىنى شەرھىيلەپ بەرسە ھېچكىم ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، چۈنكى تىل– يېزىق دىگەن شەكىلسىز مەدەنىيەت.
يېقىندا جوڭگۇ ئىلمىي ماقالىلەر ئۇچۇر مەركىزىدە دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار يازغان ئانا تىل ھەققىدىكى خەنزۇچە ماقالىلەرنى كۆرۈپ ناھايىتى سۆيۈندۈم، بۇ ماقالىلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىمۇ خېلى يۇقىرى ئىكەن.تۆۋەندىكى تېما ئادرىسىدىن كۆرگەيسىز:
http://d.wanfangdata.com.cn/Periodical_ssqs200104033.aspx
ئىشنىمەنكى، بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەر داۋاملىق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
سىياسەتنىڭ قانداق بولۇشى ئۆزىمىزگە باغلىق، مەركەزمۇ تۆۋەندىن چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ قائىدە تۈزۈپ يەنە شۇ تۆۋەندىكىلەرگە ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
لېكىن بىر نەرسە بىزگە ئېنىق بولسۇنكى شەيئىلەر زىددىيەت ئىچىدە تەرەققىي قىلىدۇ ھەم شۇنداقلا زىددىيەت ئىچىدە يوقۇلىدۇ. تەرەققىي قىلىش ياكى يوقۇلۇشنى تاللاش پۈتۈنلەي نۆۋەتتىكى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە!!!