<<  تور بەتنىڭ كۆچۈرۈشنى چەكلەش كودى | باش بەت | 41يىلدىن كېيىن 90 پىرسەنىت تىل يوقىلىدۇ  >>
  • بلوگلار قانداق قىلىپ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ؟ - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]

    2009-03-28

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37164958.html

    بلوگنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىپ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى مۇنداق ئىككى تەرەپلىمە مەسلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، ئۆزىگە قارىتا باشقۇرۇشنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش؛ يەنە بىرى، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قانداق تاللاپ چىقىش. بەزىلەر بلوگدا ھەرقانداق ئادەم تېما يوللايدىغان بولغانلىقىدىن ئەنسىزلىك ھېس قىلىپ، بلوگلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان كۆپلىگەن تېمىلار تۈپەيلىدىن بلوگنى يېڭى ئۇچۇر ئەخلاتخانىسى بولۇپ قالارمۇ دەپ ئويلىغان. تۆۋەن دەسمايىلىك بلوگنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى بلوگنى يەنە قانچە ئۇزاق مەزگىل تەرەققىي قىلىشقا تۇتۇپ تۇرالايدۇ؟
    بلوگنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىش قىلالماسلىقى شۇ بلوگنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە– تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىپ شۇنىڭغا رىئايە قىلىپ مېڭىش ياكى ماڭالماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
    بلوگ خۇددى ئايرىم– ئايرىم ئېچىلغان كىشىلەرنىڭ شەخسىي تۇرالغۇسىغا ئوخشايدۇ، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ پاكىز، ئازادە ۋە رەتلىك بولۇشىنى خالايدۇ.  شۇڭلاشقا بلوگ گەرچە ناھايىتى ئەركىن سورۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەرتىپچانلىقى ۋە مەزمۇنىنىڭ ئىجادچانلىقتا ئىگەللىگەن نىسبىتى ئىلگىرىكى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ھازىرغا قەدەر بلوگ دۇنياسى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە تەرتىپلىك ۋە قائىدىلىكلىكنى ساقلاپ كەلمەكتە، ھەتتاكى ئۇنىڭدىكى تېمىلارنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى ۋە تەسىر دائىرىسى بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بېسىپ چۈشمەكتە.
    ئەلۋەتتە، بەزى بلوگگېرلاردا بلوگلاردىكى ئۇچۇرلارغا يىنىكلىك بىلەن ساختا ئۇچۇرلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان ئىشلار بار، بىراق بلوگ دۇنياسىدا ياخشى بىلەن ناچار ئوتتۇرىسدىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكىدىن بەزى ئوبرازى ياخشى بولمىغان بلوگلار ئەڭ ئاخىرىدا تەبئىي ھالدا شاللاپ چىقىرىۋىتىلىدۇ.
    بلوگ بارلىققا كەلگەندىن تارتىپلا سودىلىشىش يۈزلىنىشىگە قاراپ مېڭىشقا قارشىلىشىۋاتىدۇ. بلوگ تور بەتلىرى ئاساسەن تۆۋەن دەسمايە بىلەن يۈرىشىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بىز بوشلۇق ۋە ئىسىم سېتىۋىلىشقا ھېچقانداق دەسمايە ئىشلەتمەيمۇ بلوگ سۇپىسىغا ئېرىشەلەيمىز. مەسىلەن، بلوگباس سۇپىسى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى تېخنىكىنى ئىگەللىگەن ھەر قانداق بىر بلوگگىر بلوگباستىن ھەقسىز بلوگدىن بىرنى ئىلتىماس قىلىپلا تەخمىنەن 1 سائەت ئىچىدە ئۇيغۇرچە مۇكەممەل بلوگ سۇپىسىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقالايدۇ.
    جوڭگو بلوگلىرى سۇپىسى قۇرۇلغاندىلا مۇنداق ئۈچ پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان: سودا خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى باسماسلىق، سودا خاراكتېرلىك ئېلانلارنى باسماسلىق، مەزمۇنغا نىسبەتەن سودا خاراكتېرلىك ھەق ئالماسلىق . بۇ خىل ئۇسۇل بلوگلارنى داۋاملىق ساقلاپ قالالامدۇ؟ لاياقەتلىك بلوگگېرلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئوقۇرمەنلىرى، ۋە يۇقىرى بولغان ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى بولىدۇ، بۇ بلوگ تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. بىراق بلوگ سۇپىسى تەمىنلىگەن ئورۇنلارغا نىسبەتەن، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئارقىلىق ئۆزىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا موھتاج. شۇڭلاشقا بلوگلارنىڭ سودا خاراكتېرلىك ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ياخشى بولغان چىقىش يولى. سودا تور بېكەتلىرى بلوگلار ئارقىلىق ئۆزىنى تەشۋىق قىلىدۇ، بلوگلارمۇ سودا خاراكتېرلىك تور بېكەتلىرىنىڭ بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ساقلاپ قالىدۇ. دېمەك، ئىقتىسادلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىش بلوگلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇقەررەر يولى.
    بىراق، مەيلى سودا خاراكتېرلىك ئېلانلاردىن بلوگ كىرىمى قىلىش بولسۇن ياكى سودا خاراكتېرلىك تور بېكەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش بولسۇن، بلوگلار يەنىلا ئىقتىسادلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىش ئېلىپ كەلگەن تەسىردىن ساقلىنىپ بلوگنىڭ تېمىلىرىنى ئەبجەش قىلىپ قويۇپ، بلوگنىڭ ئەسلىدىكى خاراكتېرىنى يوقىتىپ قويماسلىققا ئالاھىيدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
     

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تور تۇرانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتكەيسىز. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • ھەم بىلۇگدا قاندا قىلغاندا ئۇيغۇرچە خەتنى قللايدىغان قىلغىلى بۇلىدۇ؟
    جىددى ئىدى،ھەم ماڭا زىرىكمەي،سىزنىڭ بىلدىغانلىرىڭىزنى ئۆگىتىپ قۇيىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
    م.ئە.سەبۇرى回复alla守护说:
    داۋاملىق كىيۇ كىيۇدا ئالاقىلىشايلى!
    2010-06-04 00:01:34
  • مەن بىر ئويغۇرھە ئۇسلۇپتىكى بىلوگدىن بىرنى قۇراي دىگەن ماڭا ياردەم قىلاسىزمۇ؟مىنىڭ كى كى رىم 279557602
    م.ئە.سەبۇرى回复alla守护说:
    سىز بىلەن كى كى دا ئالاقىلاشتۇققۇ دەيمەن. ئىشلىرىڭىز قانداق بولۇپ كەتتى؟
    داۋاملىق ياردەم قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييارمەن.
    2010-06-04 00:01:15
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇلانمىكا. مىنى تونۇدۇڭىزمۇ؟ بەلكىم ئۇنتۇپ قالغانسىز. مەن تىھران بولىمەن... ئۇۇن بولدى تورغا چىقالمىدىم ئالىي مەكتەپ ئىتىھانى دەپ. بۈگۈن خەنزۇچىنى بىرىپ بولۇپ تورغا چىقىشىم... بىلوگىڭىز دەھشەت چىرايلىق بولۇپ كىتىپتۇ جۇمۇ؟ مەن بۇنىڭدىن كىيىن كىلىپ تۇرىمەن. دوستلۇقىمىز مەڭگۈ ئۈزۈلمىسۇن...
    م.ئە.سەبۇرى回复tikran说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تېھرانجان. سىزنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي. ئالىي مەكتەپ ئىمتاھاننى ئوڭۇشلۇق بەرگىنىڭىزدىن ناھايىتى خوشالمەن، ياخشى نەتىجىلەر سىزگە يار بولغاي، ئەتىكى ئارزۇ تولدۇرۇش ئىشلىرىڭىزمۇ ئوڭۇشلۇق بولغۇسى! ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق ئۈزۈلمىسۇن!
    2009-06-09 20:42:01
  • سەبورى ئەپەندىم ،سىزنىڭكى بىلوگ ئىلتىماس قىلىش ،رەسىمىڭىزنى ئىشلەتتىم .بەك چىرايلىق ئىشلەپتىكەنسىز .

    ئەلۋەتتە ئىلانىڭىزنى چىكىشنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويمۇدۇم .[defFace:2]
    بىلوگىڭىز ئۇسلۇبىنى ئۆزگرىتكەننىڭ ياقى ئەمدى كىرىشىم .مەن يانا كىلىپ تۇرىمەن
    [defFace:0]
    م.ئە.سەبۇرى回复چەكمەن说:
    خا... خا. قىزغىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
    ئۇ رەسىمنىڭ باشقا بىر قانچە بلوگلاردىمۇ ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆردۈم.
    مېھماندوستلىقىمنى بىلىسز، ئەزەلدىن تېخنىكا، لاھىيە دىگەنلەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىتىن خوشاللىق ھېس قىلىمەن.
    2009-05-29 17:06:42
  • قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت ،
    بىر سەمىمى تەكلىپىم بلوگىڭىز بەك ئۇنۋېرساللىشىپ كەتتىمىۇ قانداق؟مىنىڭچە بىر مەزمۇن تۈرى بۇيىچە تەرەققى قىلدۇرغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى

    ئېلانلىرىڭىز چىكىلدى
    م.ئە.سەبۇرى回复Uytaam说:
    ئەرزىمەيدۇ، دوستۇم. ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن!
    ئېيتقانلىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق، ئۆزۈممۇ شۇنداق ئۇنۋىرساللىشىپ كەتكىنىنى ھېس قىلغان ئىدىم. شۇڭا بىر ئاي بۇرۇن دەرھال تۇتۇش قىلىپ بىر توربېكەت ياساپ قويغان، خېلى بىر باشقا چىقىپ قالدى. ئەمدى بلوگنى مەخسۇسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەشكە موھتاج.
    قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرىڭىزگە ۋە يېقىندىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!
    2009-05-21 12:06:42
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
    بلوگىڭىز ئۇيغۇر تائاملىرى بلوگىنىڭ ئۇلىنىش تۈرىگە قېتىلدى.
    http://uytaam.blogbus.com
    قوللاش يۈزىسىدىن بلوگىڭىزدا ئۇيغۇر تائاملىرى بلوگىنى تۇغلۇق ئۇلىنىش قىلىپ قوشۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
    تۇغ ئادرىس: http://uytaam.blogbus.com/files/12427989890.gif
    م.ئە.سەبۇرى回复Uytaam说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، يېقىندىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
    تەكلىپىڭىزگە ئاساسەن ئۇلىنىش قىلىندى.
    ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن!
    بلوگىڭىز ئۆزگىچە ۋە خاسلىققا ئىگە ئىكەن. كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى!
    2009-05-21 09:39:10
  • ئەسسالام ياخشىمۇ سىز مەن يىڭى بلوگ قۇرغۇچى پايدىلىنىش قىممىتى بار تىمىلارنى تىخىمۇ كۇپرەك يوللاپ تۇرۇڭ ! سىز نى قىتىۋالدىم مىنىمۇ قىتىۋىلىڭ ھە . بىرلىكتە ھەمكارلىشايلى. قوللىشىڭىز نى ئۇمۇت قىلىمەن !

    م.ئە.سەبۇرى回复vardar说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت، دوستۇم. ئۇلۇغۋار غايە بلوگىڭىزدا نادىر تېمىلار ئاز ئەمەس ئىكەن. خوشاللىق بىلەن دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇۋالدىم.
    بلوگىڭىز كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى!
    ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن!
    2009-05-17 02:34:46