-
باي دادا ئۈچىنجى باپتىن خۇلاسە - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-06-22
ئۈچىنجى باپتىن
قىسقىچە خۇلاسە
تۆۋەندىكى رەسىمدىن سىز كۆپ پۇل تېپىشنىڭ سىرىنى بايقايسىز.
باي بولۇش ئۈچۈن سىز چوقۇم مۇنداق بىر ئەمىلىيەتنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك: مەسىلە ئەزەلدىن ئۆزلۈكىدىن ھەل بولمايدۇ. سىز بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەندىن كىيىن، يېڭى بىر مەسىلىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايسىز. مۇھىمى، سىز چوقۇم مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانى ھەقىقىي باي بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك. سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالىسىڭىزلا ئاندىن باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالايسىز. سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز توسالغۇسىز بولىدۇ . -
باي دادا ئۈچىنجى باپ 7. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-06-21
ئۈچىنجى باپ يەتتىنجى قىسىم
نېمە ئۈچۈن بايلار تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىدۇ؟
تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرسىڭىزلا بايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز
-
باي دادا ئۈچىنجى باپ 6. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-06-17
ئۈچىنجى باپ ئالتىنجى قىسىم
كۆپ پۇل تېپىش
مالىيە ئەھۋالى ۋە نەق پۇلنىڭ ئايلىنىشى رەسىمىنى بىر يەرگە قويساق، سىز بەلكىم بىرىنچى ئىقتىساد قابىلىيەت «كۆپ پۇل تېپىش»قا نىسبەتەن ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن. -
باي دادا ئۈچىنجى باپ 5. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-06-17
ئۈچىنجى باپ بەشىنجى قىسىم
پۇلنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشى
بۇ كىتابنىڭ باش قىسمىدا، مەن ئىككى خىل مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتكەن. يەنى، بىر مەسىلە: خەجلەشكە پۇل يوق؛ يەنە بىر مەسىلە: پۇل بەك كۆپ بولۇپ كېتىش. 1974-يىلى، مەن دېڭىز ئارمىيىسىدىن ئايرىلغاندا ئۆزۈمنىڭ چۇقۇم قايسى خىل پۇل مەسىلىسىنى تاللىشىم ھەققىدە كۆپ ئويلانغان. ئەگەر مەن خەجلەشكە پۇل يوق بولۇش مەسىلىسىنى تاللىسام، ئەلۋەتتە ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىگە بېرىپ ئىلگىرىكى خىزمىتىمنى داۋاملاشتۇرسام بولىدۇ ياكى بىر ئۇچقۇچى بولسام بولىدۇ . ئەگەر مەن «پۇل بەك كۆپ بولۇپ كېتىش.» مەسىلىسىنى تاللىسام، مەن شىلې شىركىتى Xerox Corporation نىڭ تەمىنلىگەن ئىش ھەقىقىي بەك تۆۋەن بولسىمۇ يەنىلا شىلې شىركىتى Xerox Corporation دە خىزمەت قىلسام بولىدۇ . سىز كۆرگەندەك مەن ئەڭ ئاخىرى يەنىلا پۇل بەك كۆپ بولۇپ كېتىش مەسىلىسىنى تاللىدىم.
-
باي دادا ئۈچىنجى باپ 4. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-06-15
ئۈچىنجى باپ تۆتىنجى قىسىم
ھېسيات ئەقىل-پاراسىتى
بۇ يەردىكى مۇھىم بىر نۇقتا ، سىز چوقۇم مالىيە ئەقىل-پاراسىتىنىڭمۇ بىر ھېسيات ئەقىل-پاراسىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك.دۇنيادىكى ئەڭ باي مەبلەغچى ۋارىن بافىت Warren E. Buffett مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھېسياتىنى باشقۇرالمىسڭىز، ئۇنداقتا پۇلىڭىزنى باشقۇرالمايسىز»، سىز باشتىن كەچۈرمەكچى بولغان جەريانمۇ ئوخشاش. مېنىڭ ئەڭ جاپالىق سەزگۈرەشتەم: چۈشكۈنلەشكەن ۋاقتىمدا چېكىنىپ چىقماي ھەم مەغلۇب بولغاندا ئىرادەمنى يوقاتماي ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا داۋاملىق ئۆگىنىش.
نۇرغۇن كىشىلەر بۇ جەرياندا مەغلۇب بۇلىشىدىكى بىر سەۋەب، ئۇلار بىر قېتىمدىلا رازى بولغىدەك ئۈنۈمگە ئىگە بولالمىسىلا چىدىيالمايدۇ. مەن ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن تۆۋەن مائاشلىق خىزمەتنى قوبۇل قىلىشىمنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب، ئاساسلىقى رازىمەنلىك ھېسياتىنى كىچىكتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈش. نۇرغۇن كىشىلەر بۈگۈنكى بىر نەچچە دوللار ئۈچۈن ئەتىكى تېخىمۇ كۆپ دوللارلىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قۇيىدۇ. مەن 20~30 ياشلاردا ھەرگىزمۇ كۆپ پۇل تاپمىغان، ئەمما بۈگۈن مەن مىلياردېر بولدۇم. -
باي دادا ئۈچىنجى باپ 3. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-06-15
ئۈچىنجى باپ ئۈچىنجى قىسىم
ھەر بىر نىشانغا يىتىشنىڭ جەريانى بولىدۇ
ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز، ھەر قانداق بىر نىشانغا يىتىش ئۈچۈن بىر جەريان كېرەك، بۇ جەرياندا بىز تېرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، بىر دوختۇر بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم قاتتىق ئېغىر بولغان تەربىيىلەش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشىمىز كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر دوختۇر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ لېكىن جاپالىق جەريان ئۇلارنىڭ دوختۇر بولۇش قەدىمىنى توسۇپ قۇيىدۇ. كىتابنىڭ بېشىدا سىز مېنىڭ مەقسەتكە يىتىش جەريانىمنى ئوقۇدىڭىز، بۇ جەريان دەل خىزمەت قىلىش جەريانىدۇر.
كىشىلەردە «بىرىنچى ئىقتىسادى قابىلىيەت: كۆپ پۇل تېپىش» كەمچىل بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرى ئۇلار پۇلغا ئېرىشىشىنى ئويلايدۇيۇ ئەمما جەرياننى باشتىن كەچۈرۈشنى خالىمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر تا ھازىرغىچە ئۇلارنى باي قىلىدىغاننىڭ پۇل بولماستىن بىر جەريان ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەن. نۇرغۇن لاتارىيەدە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ۋە زور ئائىلە مىراسىغا ئېرىشكەن«بايۋەچچىلەر» تىزلا ۋەيران بولىدۇ ،... ...
-
باي دادا ئۈچىنجى باپ 2. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-06-13
ئۈچىنجى باپ ئىككىنجى قىسىم
خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشتىن ئىلگىرى
مەن ئىلگىرى يازغان«باي دادا خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشتىن ئىلگىرىكى 10 سائەتلىك دەرس» ناملىق كىتابتا، تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەش جەريانىمنى، بىرىنچى قېتىم نىلۇڭ ۋە George de Mestral پۇل قاپچۇقى سېتىش دولقۇنى بازىرىنى يازغان. ئۇ كىتابتا مەن ھەربىر تىجارەتنىڭ ھەممىسى 8 خىل ئامىلدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ 8 خىل ئامىلغا ئىگە بولۇشنى بىلىمىگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەغلۇب بولۇش ياكى پايدا ئالالماسلىقىدىكى سەۋەب ئىكەنلىكىنى يازغان. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەر قانداق كارخانىچى بولۇشنى ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىجارەت قىلىشنى ئويلايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۇ كىتاب ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم. سىز خىزمىتىڭىزدىن ئىستېپا بېرىشتىن بۇرۇن ئۇ كىتابنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشڭىز ھەقىقەتەن مۇھىم.
ئۇ كىتابتا، مەن تىجارەت قىلىپ تەخمىنەن بىر يىل ئىچىدە چوڭ ئۇتۇق قازىنىپ مىليونېر بولغاندىن كىيىن تۇيۇقسىز مەغلۇب بولغانلىقىمنى يازغان. مەن ئاشۇ مەغلۇب بولغان ۋاقىتتىكى چۈشكۈنلۈك ۋە مەغلۇبىيەت تۇيغۇمنى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىش نىيىتىمنى يازغان. مېنىڭ قەرزىم ھەددى ھېسابسىز بولۇپ كەتكەن. تۇغۇلغاندىن بۇيان ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيەت خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىدىم. -
باي دادا ئۈچىنجى باپ 1. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-06-13
ئۈچىنجى باپ بىرىنجى قىسىم
بىرىنجى ئىقتىساد قابىلىيەت: «كۆپ پۇل تېپىڭ»
مەن نيۇيورك شىتاتىدىكى ئامېرىكا سودا كېمىسازلىق ئونۋېرسىتىتىدا 4 يىل ئونۋېرسىتىت ھاياتىنى باشتىن كەچۈردۈم. 1969-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئېرىشكەن بىرىنچى خىزمىتىم كالفورنىيە شىتاتىدىكى ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىدە نېفىت چىقىرىش كېمە ئەزاسى بولۇش بولدى. مەن ئۈچىنچى مۇئاۋىن بولۇپ ، ئالاسكا، ھاۋاي ۋە تاشى ئارىلى ئارلىقىدا قاتنايتتىم. ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتى خېلى ياخشى شىركەت بولۇپ ، مېنىڭ خىزمىتىممۇ خېلى يامان ئەمەس ئىدى. مەن ھەر يىلى 7 ئاي خىزمەت قىلىپ، قالغان 5 ئايدا دەم ئېلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساياھەت قىلالايتتىم. كىرىمىممۇ يامان ئەمەس بولۇپ ، يىللىق كىرىمىم تەخمىنەن 47 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ھازىرقى 140 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ ئىدى. 1969-يىلى، ئەمدىلا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققان يېڭى ئادەم ئۈچۈن 47 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ھەقىقەتەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى. ئەمما بەزى ساۋاقداشلىرىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا مېنىڭ كىرىمىم يەنىلا تۆۋەن ئىدى. بەزى ساۋاقداشلىرىم ئۈچىنچى قول مۇئاۋىن تۇرۇپ يىللىق ئىش ھەققى تەخمىنەن 70~150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، ھازىرقى 250~500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ ئىدى. ئەمما بۇ يىللىق كىرىمى خالاس. ئەمدىلا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئايرىلغان 22 ياشلىق بىر ياش ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەنمۇ يامان ئەمەس كىرىم ھېسابلىناتتى.
مېنىڭ كىرىمىم بىر ئاز تۆۋەن بولىشىدىكى سەۋەب، ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتى بىرلەشمە دېڭىز ترانسپورت شىركىتى ئەمەس. لېكىن مېنىڭ كىرىمى يۇقىرى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بىرلەشمە شىركەتلەردە خىزمەت قىلىدۇ. -
قىزىمغا يېزىلغان 4.پارچە خەت(مەن كۆيىمەن بالامغا، بالام كۆيىدۇ بالىسىغا) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-18
قىزىمغا يېزىلغان تۆتىنجى پارچە خەت
2007.يىلى 11.ئاپرىل
بۈگۈن قىزىم ھەر كۈنكىدىن 5 مىنۇت كېچىكىپ قايتىپ كەلدى، يۈرىكىم ئەنسىزلىكتىن ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. بەزىلەر ئەگەر بىر ئايال بالا تۇغۇپ ئانا بولۇپ باقمىسا ھەرگىزمۇ مۇكەممەل ئايال بولالمايدۇ دىگەن ئىكەن. مەن بۇ سۆزنى ئېتراپ قىلىمەن، ئەگەر قىزىم بولمىغان بولسا مەنمۇ ئاپامنىڭ شۇ مېھنەتسىز مېھرى، چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھېس قىلالمىغان بولاتتىم.سۆيۈملۈك قىزىم:
ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك ۋاقتىمدا، ھەر كۈنلۈكى مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە يېنىپ كەلگەندە چوڭ ئاپىڭىز ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ تەلمۈرۈپ تۇراتتى، تاكى ئۈچ بالىسىنىڭ ھەممىسى ئۆيگە قايتىپ بولغاندىلا ئاندىن چىرايىدىكى ئالاقزادىلىك ئاندىن ئازادە كۈلكىگە ئالمىشاتتى. مەن ئۇ چاغدا چۈشەنمىگەچكە چوڭ ئاپىڭىزدىن «ئاپا، بۇ نېمە ئىش قىلغىنىڭ؟ ئەجىبا بىز ئۆينى تېپىپ كېلەلمەمدۇق؟» دەپ سورىسام، چوڭ ئاپىڭىز بىر ئۇف تارتىۋىتىپ «بالىلىرىم ئۆيگە قايتمىسا، يۈرىكىم ئەنسىزلىكتىن پەقەت ئارام تاپمايدىكەن، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانمىدۇ؟ مۇئەللىمى تەنقىدلىگەنمىدۇ؟ ئەسكى ئادەملەرگە ئۇچراپ قالغانمىدۇ؟ ياكى بىرەر قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ قالغانمىدۇ؟... دىگەندەك قالايمىقان ئىشلارنى ئويلاپ كېتىدىكەنمەن. »دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئىچىمدە كۈلۈپ قويدۇم، بىراق چوڭ ئاپىڭىزنىڭ قىلغانلىرىنى پەقەتلا چۈشەنمىگەن ئىدىم. -
قىزىمغا يېزىلغان 3.پارچە خەت(ئىمتاھاندا مەڭگۈ دىگۈدەك ئەپسۇسلىنىش بولىدۇ) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-12
قىزىمغا يېزىلغان ئۈچىنجى پارچە خەت
ئايلىق ئىمتاھاندىكى پەنلەرنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، قىزىمنىڭ دىيىشىچە ئىمتاھاننى ناھايىتى «ناچار» بېرىپتۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىم ئىمتاھاندىن قايتىپ كەلگەندە ئۇ شۇنداق دىگەچكە دادىسى بىلەن ئىككىمىز كۆنۈپ قالغان ئىدۇق.
«ھەجەپ بىزار بولدۇم، خىمىيە ئىمتاھانى بەرگەندە قولۇمغا جىن تېگىپتۇ ، قاراپ تۇرۇپ 6 نى 4 قىلىپ يېزىپ قويۇپتىمەن. بولمىغان بولسا 100 نۇمۇر ئالاتتىم. » «98نۇمۇر ناھايىتى يۇقىرى نۇمۇرغۇ؟» «لېكىن، ئەگەر مەن 100نۇمۇر ئالسام، ئۇ چاغدا ئوخشىمايدۇ، (سىنىپتا)غۇلغۇلا قوزغىغۇدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەتتىم.» قىزىمنىڭ كۆز نۇرى بار چاقناپ، ئارقىدىنلا ئۆچۈپ قالدى.
«ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىنگلىزتىلى(شىنجاڭدا ئانا يېزىقىمىزدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خەنزۇتىلى بېرىدۇ) ، شەنشەندىن ئارانلا 4 نۇمۇر يۇقىرى ئاپتىمەن. يەنە بىئولوگىيە تېخىمۇ ماز. فىزىكا، ماتېماتىكا دىگەنلەرنى تىلغا ئالمايلا قوياي بولدى.»
ئەمەلىيەتتە قىزىمنىڭ خىمىيە، ئىنگلىزتىلى ۋە بىئولوگىيە پەنلىرىدىكى نەتىجىسى ئىزچىل ھالدا سىنىپ بويىچە بىرىنجى بولسىمۇ، بىراق ئۇ زادىلا رازى بولمايتتى.