-
سەبۇرى ئىزدەش تورىنىڭ 2010.يىلى - [سەبۇرى ئىزدەش توربېكىتى]
2010-12-20
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/96957321.html
سەبۇرى ئىزدەش تورى ئىشقا كىرىشكەنلىكىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن.
收藏到:Del.icio.us

_ م.ئە.سەبورى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/96957321.html
ھەش- پەش دىگۈچە بىر يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، « ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر ئامبىرى تۈزۈش، كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەت مۇھىتى يارىتىش» نىشانى بىلەن ئەسلىدىكى سەبورى ئېلېكتىرون كۇلۇبى (ئېلېكتىرون ھەۋەسكارلىرى مۇنازىرە مۇنبىرى) نى سەبۇرى ئىزدەش تورى قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئېلان قىلغانغا دەل بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلدا بىز نېمە ئىش قىلدۇق، يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك؟ كەمىنە مەردان ئەخمەت، سەبۇرى تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سەبۇرى تور بېكىتىنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق ئاكتىپ قوللىغۇچىلار، سادىق تور بېكەت زىيارەتچى ئەزالىرىغا ئاز-تولا ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلىشىپ كۆرۈشنى لايىق تاپتىم.
ئالدى بىلەن گەپنى تور بېكەتنىڭ ئىسمىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بىر ياخشى توربېكەت ئۈچۈن ئەستە ساقلاشقا قولايلىق، مەنىسى ئاددى تور ئىسىمىنىڭ بولۇشى بەكمۇ مۇھىم. سەبۇرى دىگەننىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ ھەقتە «سەبۇرى ھەققىدە» سەھىپىسىدە ئازغىنە بولسىمۇ تونۇشتۇرۇش بېرىپ ئۆتتۇق. 19.ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق شائىرنىڭ بىرى(ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ تېكىستى قىلىپ ئىشلىتىلگەن)، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى جاھانغا نامى مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ نەسەبنامىسىنى تۈزۈشتەك ئۇلۇغۋار ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆتىگەن ئىمىر ھۈسەيىن سەبۇرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىمىمىزدۇر. بۇ تور بېكەتنىڭ ئىسمى تورداشلىرىمىزغا ناتونۇش بولغىنىدەك، سەبۇرىنى تونۇيدىغان كىشىلەرمۇ كۆپ بولمىسا كېرەك. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تور بېكەت ئىسمىنى سەبورىدىن ئۆزگەرتىپ باشقا ئىسىم قويىدىغان ۋاقىتتا ئىزدەش ماتورىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئايىمىغان قېرىنداشلىرىمىز ئالدىدا جاھىللىق بىلەن ئۆز ئالدىمىزغا ئېلان- تەشۋىقات سۇپىسى قۇرۇپ بولسىمۇ بۇ ئەستە تۇتۇش تەس دەپ قارالغان ئەدەبىي تەخەللۇس نامىنى ساقلاپ قالىمىز دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرغان ئىدۇق.
دەل يۇقىرىقىدەك سەۋەب تۈپەيلى تور بېكەت يالغۇز مۇستەقىل ئىزدەش ماتورى تۈزۈشتىن، ئۆز ئالدىغا ئېلان تەشۋىقات سۇپىسىغا ئىگە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان كەسپىي تور بېكەت بولۇپ چىقىش تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى. بىر يىل ئىچىدە بۇ تور نامىنىڭ سىتاستىكا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن زىيارەت مىقدارى 1 مىليون 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. سەبۇرى ئېلان ھەمكارلىقى سەھىپىسى 7.ئاينىڭ ئاخىرى يولغا قويۇلغاندىن ھازىرغىچە بولغان 5 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تىزىملاتقان ئەزا سانى 3000 دىن ئاشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تور بېكەتتە داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەزالار 40% كە بارىدۇ.
نۆۋەتتە تەشۋىقات ئۇسۇلىنىڭ ئۇنۋېرسال بولۇشى بىلەن بىرگە تور بېكەت ئەزالىرىنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىق، قوللىنىشچان مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ئەسلىدىكى ئېلان ھەمكارلىقى ئەزالىرى ئاساسىدا تور بېكەت يۈزىدە ئومۇميۈزلۈك مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىغان ئەزالار مەركىزى تۈزۈش خىزمىتى 11.ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ جىددىي ئىشقا كىرىشتى. ئېلان تەشۋىقات ئۇسۇلى يالغۇز ئېلان ئادرىسىنى تەشۋىق قىلىشتىن ئەزالارنىڭ شەخسىي تور بېتىنى تەشۋىق قىلىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. شەخسىي تور بېكەتنىڭ ئىقتىدارلىرىمۇ داۋاملىق تولۇقلىنىپ ماڭىدۇ.
ئەزا مەركىزىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا سەبۇرى تور بېكىتى ئەسلىدىكى باشقا سېستىمىلارنى ئىشلىتىشتىن ئۆز ئالدىمىزغا بېكەت سېستىمىسى يېزىشقا قاراپ يۈزلەندۇق. نۆۋەتتە ئەسلىدىكى ئايرىم-ئايرىم سېستىمىلارنى تەرجىمە قىلىپ بىر يەرگە قويۇپ ئىشلەتكەن سېستىمىلاردىن خەۋەر، لۇغەت، فىلىم، ياردەم، ئېلان سەھىپىلىرىنى ئۆزىمىز قايتىدىن بىرلەشتۈرۈپ يېزىپ چىقتۇق. يەنە تورسودا ئىزدەش، ئەزا مەركىزى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئىجادىي سەھىپىلەرمۇ داۋاملىق تولۇقلاپ تۈزۈلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ئېلان قىلىنغان سېستىمىلارنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىدىكى باشقىلارنىڭكىنى ئىشلەتكەن سېستىمىدىن ئېشىپ كەتتى، ھەمدە بۇ سەھىپىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ھەر ئايدا دېگۈدەك يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۇرۇش پىلانى ئىشقا كىرىشتى. تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن alixixi تەمىنلىگەن توردەرىجە سېستىمىسى ۋە PJBlog سېستىمىسىدا تۈزۈلگەن سەبۇرى Ubuntu Linux گۇرۇپپىسى سەھىپىسىنى ساقلاپ قالدۇق. قالغان سەھىپىلەر بىردەك توربەت ئىزدەش ۋە ئۇلىنىش بېتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ پۈتۈن تور بېكەتنىڭ بىرلا مۇستەقىل سېستىما بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
تور بېكەتنىڭ ئىزدەش تور بېكىتى بولۇشتەك ئىقتىدارىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر قايسى ئاساسىي سەھىپىلەردە ئۇچۇر مىقدارىنىڭ ھەسسىلەپ كۆپ بولۇشى (باشقا ھەرقانداق ئۇيغۇرچە تور بېكەتتىن كۆپ) گەۋدىلەندى. نۆۋەتتە سەبۇرى تور بېكىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلەتكەن ساندان چوڭلۇقى 1 گىگابايىت(1024 مىگابايىت)قا بارىدۇ. يەنى بۇ سەبۇرى تور بېكىتىدە 130 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە ھەرپلىك (لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ھەرپلەرمۇ ئارىلاش بولۇشى مۇمكىن) تور بېكەت ئۇچۇرلىرى بار دىگەن گەپ. ئىزدەش ماتورىنىڭ ئىقتىدارىنى داۋاملىق تولۇقلاپ تۈزۈپ بۇ ئۇچۇرلارنى تورداشلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئۇچۇر قىلىپ چىقىش بىزنىڭ كۈنسېرى ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئارزۇيىمىز. مانا مۇشۇنداق ئارزۇ بىلەن سەبۇرى تور بېكىتى ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىدۇ.
بۇ جەرياندا تور بېكەتنىڭ ئىستىقبالىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇۋاتقان ۋە قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى بېرىۋاتقان ھەم شۇنداقلا تور بېكەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تېخنىكىلىق ئىشلىرىغا ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن ياردەم قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا تور بېكەت نامىدىن ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
كامالىي ئېھتىراملار بىلەن:
مەردان ئەخمەت سەبۇرى
2010.يىلى 12.ئاينىڭ 20.كۈنى