• ئىزدەش ماتورى ھەقىقەتەن كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئاۋۋال تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ كۆرەيلى:
     1995.يىلى ئىككى ياش ئوقۇغۇچى Larry Page ۋە Sergey Brin ئورتاق پىكىرگە كېلىپ كۆپ مىقداردىكى ئۇچۇرلار ئارىسدىكى لازىملىق ئۇچۇرنى توغرا تېپىپ چىقىشنى ئەڭ چوڭ رىقابەت دەپ قارىغان. 1996.يىلى بۇ ئىككىيلەن Larry نىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ياتىقىدا Google شېركىتىنىڭ بىرىنجى سانلىق ئۇچۇر مەركىزىنى قۇرىدۇ. 2000.يىلى Google دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھالەتنى ھازىرغا قەدەر ساقلاپ كەلمەكتە. 2005.يىلى Google نىڭ پايچېك باھاسى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان. شېركەت بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ، «دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش!» ئۇلارنىڭ نىشانى بولۇپ كەلمەكتە.

    (يۇقىرىقى مەزمۇنلار سەبورى تورى ئىشخانىسى ئىزدەش ماتورى سەھىپىسىدىن ئېلىندى:
    http://sebori.cn/home/html/search/12.Html)

  • تور بېكەتنىڭ كېلىپ چىقىشى:
    ئېسىمنى بىلسەملا ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىغا ناھايىتى قىزىقىدىكەنمەن. باشلانغۇچتا تەبىئەت دەرسلىكىنى، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا فىزىكا دىگەن پەننى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم. ئاللاھ ئىگەم مۇرادىمنى ھاسىل قىلىپ 2004.يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئارزۇيۇمدىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى كەسپىگە ئۆتۈپ كەتتىم.

    2007.يىلى 6.ئايدىن 2008.يىلى 10.ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە شىئەن ئېلىكتىرون پەن– تېخنىكا ئۇنۋىرسىتىتى تېخنىفىزىكا ئېنىستىتۇتنىڭ ئۆلچەش ئەسۋابلىرى توكيولىنى ئېچىش تەجىرىبىخانىسىدا رەقەملىك ئېلىكتىرون تېخنىكىسى تەتقىقات يۆنىلىشىنى ئاساس، تەقلىدىي ئېلىكتىرون تېخنىكىسى ۋە يەككە پىلاستىنكىلىق كومپىيۇتىر تېخنىكىسىنى قوشۇمچە قىلغان ھالدا ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا باشچىلاپلا كىرىپ كەتتىم. بۇ جەرياندا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇچقۇن لوڭقىسى» ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرستىن سىرتقى ئىلىم–پەن مەھسۇلاتى ياساش قاتارلىق مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپلا قالماي يەنە «مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مېخانىكا لاھىيلەش مۇسابىقىسى» نىڭ شەنشى ئۆلكە مۇسابىقىسىگە مەكتىپىمىزدىن قاتناشقان 12 ۋەكىلنىڭ بىرى بولۇپ قاتنىشىش شەرىپىگە ۋە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان «دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەجىرىبە– تەتقىقات پىلانى» غا قاتنىشىپ غەلبىلىك ھالدا بىر تېمىنى تاماملاش جەريانىدا يۇقىرى پەن– تېخنىكىلىق ئېلىكتىرون ئەسۋابلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلار بىلەن ئۇچرىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم.

    ... ...

  • توردا دۇكان ئېچىش تور سودىسىغا قىزىقىدىغان شەخىسلەرگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇل. ھەرقانداق بىر مەھسۇلات، ئۇچۇر ياكى مۇلازىمەتنى سىز تور سودىسى ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادىي پايدىغا ئايلاندۇرالايسىز. كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان ئەلىبابا شىركىتى قارمىقىدىكى تاۋباۋ تورى مۇكەممەل ئىقتىدار ۋە قولايلىق سودا– سېتىق سۇپىسى تەمىنلەپ بەرگەن بولۇپ، سىز ئەگەر پارچە سېتىش تۈرىگە قىزىقسىڭىز ئەلىبابا تورىدىن ماللارنى ئەرزان باھادا توپ ئېلىۋېلىپ بۇ يەردە پارچە ساتسىڭىزمۇ ۋە ياكى ئۆزىڭىدە بار بولغان كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدىكى سىزگە نىسبەتەن ئىشلىتىلىش قىممىتى بولمىغان لېكىن باشقىلارغا پايدىلىنىش قىممىتى بار نەرسىلەرنى تور دۇكىنىغا تىزىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. تور سودىسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن توردا دۇكان ئېچىشنىڭ تەپسىلىي جەريانى ۋە قەدەم باسقۇچلىرىغا دائىر بىرىنجى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈچ كۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىرى تاۋباۋ تورىدا ھەقسىز بىر دۇكانغا ئىگە بولدۇم، دەسلەپكى قەدەمدە ھەقسىز دۇكانغا ئېرىشىش ئۈچۈن پېقىردا بار بولغان 10 پارچە كىتاب مال قاتارىغا تىزىلدى:

  • 维族 女儿

    ئاناتىلىم تورتۇراسى قۇرۇلۇپ 2 ھەپتە بولغاندىغۇ دەيمەن، كىيۇ كىيۇ توپلىرىدا خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى ھەققىدە تەشۋىقات قىلىپ يۈرسەم، بىر كىشىنىڭ « قايسىڭلار پەرزەنىت تەربىيسى ھەققىدە ياخشىراق بىر تور بەت تەۋسىيە قىلىسىلەر» دەپ خەت قالدۇرغىنىنى كۆرۈپ، قىزىقىپ نىمىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىسام تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان قىزىمغا تەۋسىيە قىلاتتىم، دىدى. پېقىر بۇ ھەقتە بىرەر مەخسۇس تور بەت بارلىقىنى ئېسىمگە ئالالماي (تورداشلار بىلسە تەۋسىيە قىلىپ قويسا) ئۆزۈم ياسىغان بلوگنى كۆرۈپ بېقىش تەكلىپىنى بەرسەم، بۇ ئاكىمىز ئاناتىلىم تورتۇراسىغا ياخشى باھالارنى بەردى.
    بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئويلىنىپ قالدىم، گەرچە ئاناتىلىم بلوگىدىكى تېمىلارنى ناچار دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشى سورىغان نەرسىگە نەق چۈشىدىغان تېمىلار يوق ئىدى. مۇشۇ ھەقتە بىرەر ماتېرىيالغا ئېرىشكىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى؟! دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

    بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار ئېلان قىلىنغان ئورۇنلار:
    http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=21606
    http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-99280.html
    http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-62516.html
    http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=36631

  • ئادەمنىڭ ئۆمرىدە تۇنجى ئۇچرىشىشىدىلا ئامراق بولۇپ قالىدىغان ۋە قايتا– قايتىلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشسىمۇ زېرىكمەيدىغان نەرسىلەر كۆپ بولمىسا كېرەك. ئىلگىرىمۇ بۇنداق نەرسىلەر ۋە ئادەملەر بولغان ،لېكىن ئۇ چاغدا بلوگ يازمىغاچقا ئايرىم خاتىرلەپ قويۇشنى ئويلىمىغان، بۈگۈن نىمىشقىكىن سەلكىندىكى تور تۇرالارنى ئارىلاۋىتىپ «رەنجىمە» ناملىق بۇ ناخشىنى بىر ئاڭلاپلا ياقتۇرۇپ قالدىم، ھەم قايتا– قايتا ياندۇرۇپ ئاڭلاپ كەتتىم. ناخشا تېكىستى ئاددى بولسىمۇ، لېكىن مۇزىكىدىكى سېھرى كۈچ ۋە ناخشىنى ئورۇنلاش سەنئىتى ماڭا ئۇزاق مەزگىل يوقىتىپ قويۇپ ئىزدەپ تېپىۋالغان تونۇش بىر نەرسەمنى قايتا ئۇچراتقاندەك تۇيغۇغا ئەكېلىپ قويدى.

  • ... ...

    خۇلاسە: ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم بلوگلارنىڭ بەلگىلىك مىقداردا ئېلان كىرىمى قىلغانلىقى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغان ھەقىقەت. مەسىلەن تەكلىماكان بلوگىنىڭ بىر يىل ئاۋۋالقى بلوگدا پۇل تېپىشنى تونۇشتۇرۇش دەرسلىكىدە، تەكلىماكان بلوگىغا  بىر كۈندە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 37 دوللار كىرىم بولغانلىقى قەيىت قىلىنغان. بىراق، پېقىرنىڭ كۆز قارىشىچە بولغاندا ، بلوگدا پۇل تېپىشنىڭ پاتىقىقىغا پېتىشتىن ئىلگىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىغان بەش تۈرلۈك مەسىلە ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش بىزنىڭ ئەگرى يولنى ئاز مېڭىشىمىزغا ياردىمى تېگىدۇ.  

  • خەلقئارالىق ئانا تىل خاتىرە كۈنى

     قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى: 1999.يىلى نويابىر، ب د ت  مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21.فېۋرال كۈنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.

  • يۇقىرىقى ئەھۋال بويىچە ئېيىتقاندا باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىپ تۇرۇپ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش بىر ياخشى ئىش، بۇنىڭ بىلەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلگەن تور بەتنىڭ قىممىتى ئېشىپلا قالماي، ياخشى ماقالىلەردىن كۆپچىلىك ئورتاق پايدىلىنىدۇ، بۇ ھەم شۇ ماقالە يوللانغان ئەسلى تور بەت ئۈچۈن باشقا ئورۇنلاردا تەشۋىقات بولۇپ قالىدۇ. بىراق ماقالە مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتمەي تۇرۇپ ماقالىنى كۆچۈرۈش يالغۇز بىر تور بەتنىڭ خەلىقئارادىكى ئۇچۇر ئامبىرىدا قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، بىزدىكى تورچىلىقنىڭ ساپاسىنى چۈشۈرۈپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئېغىر ئەخلاق كىرزىسى پەيدا قىلماي قالمايدۇ.

  •  «ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتى تۇنجى سانىدا شىئەندە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ بەرگەندىن باشقا ئېنسىكىلوپىدىك ئالىمىمىز ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەرجىمھالى، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا پۈتۈن دۇنيانى زىل– زىلىگە سالغان شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ ئىش – ئىزلىرى، غالتەكلىك ئاياغ بىلەن ئۆز يۇرتىدىن يولغا چىقىپ 97 كۈندە بېيىجىڭغا يېىتپ بارغان باھادىر ئەزىمەت،  يېشىللىق ئەلچىسى– نۇرئەلى ياسىن، مەملىكەتلىك تەبئىي ئاۋازدا ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسدە «يارۇ» ناملىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى بىلەن ئالتۇن مىدالغا  ئېرىشكەن ئايشىگۈل مۇھەممەدلەرنى مەتبۇئات ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى. ئاللاھ خالىسا كۆكلەم  قايتىدىن كۆكلىگۈسى!  

  • [本日志已设置加密]