<<  سىز بىلەن تونۇشقانلىقىم بەختىم | باش بەت | ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەرجىمىھالى  >>
  • كۆكلىگىن كۆكلەم(«ياشلىق چەشمىلىرى» ھەققىدە) - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]

    2009-02-04

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34572098.html

     بۇ ئىشلارنى ھامان بىر كۈنى يېزىپ ئېلان قىلىمەن دەپ ئويلايتتىم، ئەمدى ياخشى بولدى، ئاخىرى ئېلان قىلىدىغان بولدۇم.

    تەخمىنەن بۇنىڭدىن 1يىل ئىككى ئاي ۋاقىت ئىلگىرى غەربي–شىمال سانائەت ئۇنۋېرسىتىتىدا مەكتەپ ئىتتىپاق كومېتىتىنىڭ قوللىشى بىلەن بىر نەچچە تىرىشچان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاپالىق تىرىشىشى داۋامىدا «كۆكلەم خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ ،«ياشلىق چەشمىلىرى» نامىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقلىق گېزىت چىقىرىش ئويى بىلەن شىئەن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولغان 12 مەكتەپتە بۇ ھەقتە تەشۋىقاتلار بولدى ، كۆكلەمنىڭ ئاساسلىق خىزمەتچىللىرى ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ، ئانا تىل– يېزىقىمىزغا بولغان ھۆرمەت يولىدا ئېغىر ئۆگېنىش بېسىمى ئالدىدا دادىل تۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ، ھەپتە ئاخىرى بولسىلا بىر يەرگە يىغىلىپ باشقا مەكتەپلەرگە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ ئالدىراش ئەمما ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىۋېتەتتى. تەشۋىقات قىلىش بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەچكە دەرھال بۇ گېزىتىنى كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلدى، مەن بىر نەچچەيلەن بىلەن ھەمكارلىشىپ گېزىتنىڭ باسما ئىشلىرىدىكى ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ۋە يىغىلغان ماقالىلەرنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈشكە مەسئۇل بولدۇم، گېزىتنىڭ مەبلىغىنى تەمىنلەپ بېرىشكە ئەھدە قىلغان غەربي–شىمال سانائەت ئۇنۋېرسىتېتى مەكتەپ ئىتتىپاق كومېتىتىنىڭ قائىدىسى بويىچە پەقەت بەلگىلەنگەن بېسىش ئورنىدىلا باسقۇزالايتتۇق، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇ باسما ئۆيى بەك كىچىك بولغاچقا، گېزىت تىزىشتە ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتالى يۇنىكودنى قوللىمايلا قالماستىن، ئېھتىيات ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر نەچچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ھېچقايسىىدا ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال كۆرسىتىشكە ئامال بولمىدى. يۇمشاق دېتال مەسلىسى بولسا كېرەك دەپ، ئۇيغۇرچە فونىتلارنىمۇ شۇ يۇمشاق دېتال ئىچىدىن قوشۇش تۈرىگە بىرمۇ بىر كىرگۈزۈپ باقتۇق. ئالە شەرىڭنى! بۇلارمۇ ئاقمىدى.

     شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىرى ئۈمىدسىزلىك بىلەن مەكتەپكە قايتىش يولىدىكى كوچا ئاپتوزىدا ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ئېسىمگە كەلگەن ئامال ۋورد ئارقىلىق ئۆزىمىز بىر ئاماللار بىلەن گېزىت چوڭلۇقىدا ، گېزىت شەكلىدە تىزىپ چىقىپ شۇنى گېزىت قەغىزىگە بېسىپ چىقىش ئىدى . يېڭى يىلمۇ كىردى . ۋاقىت قىستىغانسېرى جىددىيلىشىشكە باشلىدۇق ، مەۋسۈم ئاخىرى بولۇپ قالغاچقا ئىمتاھانلار يىغىلىپلا كېلىپ نۇرغۇن ئاۋارىچىلقلار بولدى، ھەرقايسى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئەسەر يىغىشىمىزمۇ تەسكە چۈشتى، لېكىن قەتئىي چىقىرىمىز بۇنى دەپ ئويلايتتۇق . نېمىلا ئىش بولۇپ كەتمىسۇن بىر سان چىقىرىپ مۇدادىمىز ھاسىل بولسۇن . باشقىلار زاڭلىق قىلىسىمۇ ، نېمە دېسە مەيلى ئەسەرلەرنى يىغىپ بولالمىساق ئۆزىمىز بىر ئامالىنى قىلىپ، خىزمەت گۇرۇپپپسى ئىچىدىن بىزمۇ ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرايلى دېدۇق .

    ئاخىرى گېزىت چىقتى، تارقىتىش خىزمىتى ناھايىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. نەچچە كۈندىن كېيىن تەتىل بولۇپ كېتەتتى. گېزىتنى قولۇمغا ئېلىپ قايتا – قايتا ئوقۇدۇم ، (گېزىت چىقماستىمۇ ئاز ئوقۇمىغان بۇ ئەسەرلەرنى) ، ماقالىلەرنىڭ يېرىمىنى ئۆز قولۇم بىلەن كومپىيۇتېرغا كىرگۈزگەن(بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ھازىرغىچە تەۋەررۈك قىلىپ ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.)، لېكىن شۇنداقتىمۇ قايتا – قايتا ئوقۇدۇم، تەتىلدىمۇ قولۇمدىن چۈشمىدى . يېنىش يېنىشلاپ ئوقۇشتىن ھوزۇر ھېس قىلاتتىم .

    يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىپ كەتتى، شىئەندىكى بىر نەچچە داڭلىق ئالىي مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نورۇز بەزمىسى ئۆتكۈزۈپ بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى تەكلىپ قىلىش نەچچە يىللاردىن بېرىقى ياخشى ئەنئەنىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ كۈنى بىز شەنشى پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتغا نورۇز بەزمىسىگە قاتناشقىلى باردۇق. نورۇز بەزمىسىدە كۆكلەم گۇرۇپپىسغا ئاتاپ تەييارلانغان ناھايىتى ياخشى ئىپزوتتىن بىرسى ئوينالدى. بۇ ئارقىلىق بىزگە سەمىمىي تەكلىپ– پىكىرلەر بېرىلگەن، كۆپچىلىكنىڭ ئازرۈ– ئۈمىدلىرى سەنئەت شەكلى ئارقىلق بايان قىلىنغان ئىدى.  كۆكلەم ئەزالىرىغا  شۇ كۈنىسى يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىكى تۇنجى جەم  بولۇش بولۇپ قالدى (بىز يالغۇز بىر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەمەس) لېكىن كىم ئويلىغان دەيسىز ھەم ئاخىرقى قېتىملىق جەم بولۇشىمىز بولۇپ قالدى . «بىز ئەدەبىياتىمىزنى ، ئۇيغۇرتىلىمىزنى باشقا يوللار بىلەن قوللايلى ، گېزىت چىقىرىمەن دەپ شەھەر سىرتىدىكى مەكتەپ رايونىدىن شەھەر ئىچىگە قاتراپ يۈرۈش بىزگە بەكلا ئاۋارىچىلىق بولۇپ كەتكۈدەك ، گېزىت چىقاردۇق دەپلا بىر قانچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلىۋەتسە ھەرقانداق ئەقلى بار كىشى قوبۇل كۆرمەيدۇ بۇنى » ئالدىنقى مەۋسۇملۇق ئىمتاھان نەتىجىلىرىمىز بىزنى چۆچۈتكەن بولسا ،كېيىنكى سانلىق گېزىتكە يىغىلغان ئەسەرلەرنىڭ بەكلا ئازلىقى روھىمىزنى سۇندۇرۇپ ئورتاق ئاۋاز بېرىش بىلەن بىرگە بارلىق خىزمەتلىرىمىزنى توختاتتۇق .

    زۇلقەر بىلەن تۇنجى قېتىم مەكتىپىگە كۆكلەم خىزمەت گۇرۇپپىسىغا قوشۇلۇشقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بارغاندا تونۇشقان ، تۇنجى پاراڭلىشىشتىلا سۆزلىرىمىز بىر يەردىن چىقىپ، ناھايىتى تېزلا يېقىن قەدىناسلاردىن بولۇپ كەتتۇق، نىشانىمىز، غايىمىز ئوخشاشكەنۇ تونۇشماي يۈرۈپتۇق ، مانا گېزىتنىڭ ئىشى بىلەن تونۇشتۇق، جاپالىق ئەمما ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەردە بىرگە بولدۇق، ئەگەر باھا بېرىشكە توغرا كەلسە دوستىمىز ئەمىرزات بىلەن زۇلقەر بارلىق كۆكلەم خىزمەتچىلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان ۋە كۆكلەمنى بىر قوللۇق بېقىپ چوڭ قىلغان بالىسىدەك كۆرىدىغان يىگىتلەر ئىدى. گېزىتىنىڭ ئەمدى چىقىرىلمايدىغانلىق ھەققىدە سۆزلەر بولغاندا ئۇزاققىچە ئېغىر سۈكۈت، مەسۇم چىرايدىن باشقا نەرسىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. «ياشلىق چەشمىلىرىنى ئانىسى تۇغۇپ باقماي تاشلىۋەتكەن بوۋاقتەكلا تاشلىۋىتەمدۇق ؟ بەك رەھىمسىزلىك بولدى – بۇ!؟» دىدى  زۇلقەر ئاخىرى چىداپ تۇرالماي قىيالماسلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ، «ماڭا مەيلى ، نېمە ئىش بولسا ، ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىسەممۇ مەيلى ، گېزىت چىقسۇن ، داۋاملىق چىقسۇن ، ئىقتىساتتىن ياردەم قىلمىسا پۇلنى مەن ئامال قىلىپ ئىئانە توپلاي، ئەسەر يېتىشمىسە ، مەن كۆپرەك يول مېڭىپ ھەل قىلىدىغانغا تەييار ، گېزىت توختاپ قالمايدىغانلا بولسا نېمە ئىش قىلسام مەيلى !» دەيتتى دوستۇم ئاقكۆڭۈل(ئسىمىنى ئاشكارىلاشقا خالىمىغاچقا شۇنداق ئېلىندى) ئۆزىنى بېسىۋالالماي ، لېكىن ھەممە دەردىمىزنى ئىچىمىزدە بىلىپ  سۈكۈت قىلماقتىن باشقا چارە يوق ئىدى، ئەقلىمىز بىلەن ئىش قىلمىساق كېيىنكىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالىمىز، شۇ كۆڭلىمىز بولسا يەنە باشقا يوللار ئارقىلىق ئەدەبىياتىمىزنى راۋاجلاندۇرساق بولىدىغۇ، بۇ بىزگە بىرىدىنىبر تەسەللىي بېرىدىغان سۆز بولدى .
    شۇنداق قىلىپ ئىچىكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىل– ئەدەبىياتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن دەپ چىقىرىلغان ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى گېزىت «ياشلىق چەشمىلىرى» بىر سان چىقىپلا توختىتىدى .          

    گېزىت توختىدى، ھېكايە توختىدىما؟ ياق يۇقىرىدا تىلغا ئالغان دوستۇم زۇلقەر بىلەن بىر يىلدىن بۇيان قايتا كۆرۈشۈپ باقمىدىم، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشى بىلەن تۇرمۇشىمىزنى تەرتىپكە سېلىپ كېتىۋەردۇق. لېكىن بۈگۈنكى شۇ ۋاقىتتا  ئەينى چاغدا  ياشلىق چەشمىلىرىدىن تۇنجى پارچىسىدا ئازراقلا ئېلان قىلىنىپ  توختاپ قالغان ئەسەر «قىشتىكى ئايرىلىش» ناملىق زۇلقەرنىڭ ئەسىرى شەبنەم مۇنازىرىسىدە ئەڭ نادىر تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى ، ئۇ ھەم باشقا بىر قانچە مۇنبەرلەردا ئۈزلۈكسىز ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىۋاتىدۇ. زۇلقەرنىڭ شەررارى بلوگى يېزىشقا كىرىشكىلى بىر مەزگىل بولغان بولۇپ كەڭ تورداشلىرىمىزغا يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى سۇنۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ(كېيىن تور ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ زۇلقەرنىڭ مەكتەپ تور بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقاچقا بلوگنىڭ ئىشىنى كېيىنرەك ۋاقىتقا قويغانلىقىنى ئېيتتى)، مانا بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرى ، خوشاللىنارلىق ئاخىرلىشىش  .

    يۇقىرىقى ماقالىدە يەنە تىرىشچان، ئىزدىنىشچان دوستىمىز ئاقكۆڭۈلنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق، ئۇمۇ ھازىر جېك تور خاتىرىسىنىڭ ئەسەر تەمىنلىگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىگە تېگىشلىك ئەھمىيەتلىك ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ .
    بۇ ھەم تېخىمۇ ياخشى ئاخىرلىشىش. قالغان ئەزالار ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئولتۇرمايمەن، بولسا ھەممىسىنى يازغۇم بار ئىدى ، لېكىن تېما سەھىپىسى چەكلىك.

    قوشۇمچە:

    «ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتى تۇنجى سانىدا شىئەندە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ بەرگەندىن باشقا ئېنسىكىلوپىدىك ئالىمىمىز ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەرجىمھالى،  غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا پۈتۈن دۇنيانى زىل– زىلىگە سالغان شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ ئىش – ئىزلىرى، غالتەكلىك ئاياغ بىلەن ئۆز يۇرتىدىن يولغا چىقىپ 97 كۈندە بېيىجىڭغا يېىتپ بارغان باھادىر ئەزىمەت،  يېشىللىق ئەلچىسى– نۇرئەلى ياسىن، مەملىكەتلىك تەبئىي ئاۋازدا ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسدە «يارۇ» ناملىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى  بىلەن ئالتۇن مىدالغا  ئېرىشكەن ئايشىگۈل مۇھەممەدلەرنى مەتبۇئات ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى. ئاللاھ خالىسا كۆكلەم  قايتىدىن كۆكلىگۈسى!  

    «قەدىمىي ئاستانەدىكى كۆكلەم» ناملىق تەشۋىقات ۋاراقچىسى(رەسىمنى چەكسىڭىز ئايرىم بەتتە ئېچىلىدۇ):

    كۆكلەم خىزمەت گۇرۇپىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار

    كۆكلەم خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرى :

    كۆكلەم خىزمەت گۇرۇپىپىسى ئەزالىرى

    كۆكلەم يېشىللىق ئەلچىسى  نۇرئەلى ياسىن بىلەن بىللە (رەسىمنى چەكسىڭىز ئايرىم بەتتە ئېچىلىدۇ):

    نۇرئەلى ياسىن كۆكلەم ئۇيغۇرلار

    كۆكلەم ئەزالىرىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق جەم بولۇشى:

    كۆكلەم ئەزالىرى شەنشى پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتى


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • بۇنى مەن بۈگۈن كۆرۈپتىمەن، باياتىن تېخى بىر ھىكايە يېزىپ بولۇپ، توردىن بىر نەرسە ئىزدەۋېتىپ، بۇ ماقالىنى كۆرۈپ قالىدىم، قايتا-قايتا ئىككى قېتىم ئوقۇدۇم، ئوقۇۋېتىپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى، ئەينى ۋاقىتتا،«ياشلىق چەشمىلىرىنى ئانىسى تۇغۇپ باقماي تاشلىۋەتكەن بوۋاقتەكلا تاشلىۋىتەمدۇق ؟ بەك رەھىمسىزلىك بولدى – بۇ!؟» دېيىلگەندىمۇ مۇشۇنداق ياش كەلگەنىدى، بولۇپمۇ ھېلىقى باسمىغانىنىڭ كىچىككىنە ئۆيىدە كومپىيوتېرلارغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئۈچۈن قىلىپ كەتكەنلىرىمىز ... گېزىتنى تۇنجى بولۇپ قولۇمغا ئالغاندىكى ھاياجانلىق ھېسياتلىرى... بۇلار ئويلىسام ھەقىقەتەن ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ...
    بىراق، توغرا ئېيتىسىز، بىز ئاناتىلىمىزغا بولغان ھۆرمەت، مۇھەببەتنى باشقىچە يولدا ئىپادىلىسەك بولىدۇ...
    ھەممىزنىڭ ئىشلىرغا ئۇتۇق، ئاسايىشلىق تىلەيمەن ...
    ئاللا رەھمەت قىلسۇن ...

    ئالقىلىشىپ تۇرايلى ھە ....
    م.ئە.سەبۇرى回复zulkar说:
    راسىت دەيسىز. گەرچە گېزىتنىڭ توختاپ قالغانلىقى نۇرغۇن ئاچچىق ھېسلار ۋە ئەپسۇسلىنىشلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇرۇنقى شۇ كۈنلىرىمىزنى ئويلىسام ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا نەقەدەر گۈزەل ئەسلىمىلىرىم، ئۆز ھاياتلىق نىشانىمدا ئارزۇيۇمدىكى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقتەك ۋاقىتلىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن چەكسىز خوشاللىق ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمەن.
    ئاللاھ خالىسا ئاناتىلىمىزنىڭ شۆھرىتى ئۈزلۈكسىز ئاشقۇسى!

    سىزنىڭمۇ مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ،ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى!
    2009-05-10 12:24:09
  • ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن!!!
    مەنمۇ يېزىقچىلىققا قىزىقىمەن .....ئانا تىلىمىزنى قوغداش ،ساقلاپ قىلىش ئۈ چۈن ئىچكىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قانات يايدۇرغان پائالىيتىڭلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن !!!!
    م.ئە.سەبۇرى回复خانىكە说:
    ئاللاھ خالىسا ئاناتىلىمىزنىڭ شۆھرىتى ئۈزلۈكسىز ئاشقۇسى!
    قىزغىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
    داۋاملىق قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
    2009-05-02 02:48:34
  • بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ بۇرۇنقى بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى. غەربى شىمال قانۇن ئۇنۋېرسىتىدىمۇ ياكى شىئەن مالىيە ئىقتىساد ئىنىستىتوتىدىمۇ ئىمىنجان ئىسىملىك بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ <<كومپاس>> دىگەن نامدا چىقارغان گېزىنىتىنى كۆرگەنتىم، ئۇ چاغلاردا نەدىمۇ كومپىيۇتېردا باسما نۇسقىنى تەييارلايدىغان ئىش بار دەيسىز، ھەممىسىنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ماي قەرغەزگە يېزىپ تەييارلىۋېلىپ، بىر بىر كۆپەيتىپ تارقىتىپتىكەن، بۇ گېزىتكە پۈتۈن ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەبتىكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرنىڭ ئەۋەتكەن ئەسەرلىرى بېسىلغان ئىكەن، تەسەددىپى بىر پۇرسەتتە قۇلۇمغا ئۇ گېزىتنىڭ ئىككى سانى تىگىپ قالغان، تا بۈگۈنگىچە قممەتلىك تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاپ كىلىۋاىمەن، بۇ گېزىتنىڭ قۇلۇمدىكى سانىدىن قارىغاندا گېزىت بەلكىم ئىككى يىل ئەتراپىدا ئايدا ئىككى سان چىققان بۇلىشى مۈمكىن. كېيىن ئۇ ئۇقۇتقۇچى توغرىسىدا ھەر خىل گەپلەر بۇلۇندى. ھازىر شۇ مەكتەبتە خىزمەت قىلىۋاتقان نىلۇفەر ئىسىملىك خانىمنىڭ يولدىشى بۇلىدۇ. ھەي شۇ گېزىت قۇلۇمغا تەگكەندە ۋاي ئېسىت نىمە دەپ 3 يىل بۇرۇن كەلمىگەندىمەن بۇ مەكتەبكە دەپ قالغان ئىدىم.... چۈنكى مەنمۇ بىر ئەدەبىيات ئاسىناسى ئىدىم -دە ، چوڭ نەرسىلەرنى يازالمىساممۇ، يازغانلىرىمنى گېزىت تەلىۋىگە ياراپ قالار بولغىيتى دەپ ئويلايمەن. ھەي ئاشۇ سۇيۇملۇك تىل.... ئۇ تۇيغۇنى پەقەت ھىس قىلغىلىلا بۇلىدۇ....
    م.ئە.سەبۇرى回复دىلئۇر说:
    بۇ تېمىنى گېزىت توختاپ كەتكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان بولسام ئىدىم، ئۇنىڭغا ئاچچىق ھېسلار، ئېغىر ئېچىنىشتىن باشقا نەرسە بولماس ئىدى. لېكىن مەن تېما ئاخىرىسىدا ناھايىتى ياخشى باشلىنىشنىڭ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم. ئۆتكەنلىرى ئۆتۈپ كەتسۇن، ئىلگىرىكى ئىشلارنى ھەرقانچە كۆپ ئويلىساقمۇ بىز ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، شۇڭا مەن ئىلگىرىكى بارلىق گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنى بۇنىڭدىن كېيىنلىك ئىشلرىمغا بولغان ياخشى تەجىرىبە– ساۋاق دەپ قاراپ قولۇمدىن كېلىشچە ئۆزۈم تاللىغان يولنى داۋالاشتۇرۇىمەن. «ياشلىق چەشمىلىرى» دىكى بارلىق ئەسەرلەر ئاناتىلىمدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. مەن شۇنىڭغا جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتىمەن.ئاللاھ خالىسا بۇ ھەم يەنە مۇشۇنداق ئويدا بولغۇچىلار ئۈچۈن قىممەتلىك پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالغۇسى.
    2009-02-04 12:36:25