-
مېنى ئۇنتۇپ كەت - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-05
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34691941.html
مېنى ئۇنتۇپ كەت
ھاياتلىقنىڭ ماڭا تەقدىم ئەتكىنى پەقەت ئازاب ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن ، تالاي كەچمىشلىرىم مېنى تاۋلىدى ، مەن يىغلىدىم ، چۈنكى مېنىڭ مېھرى -ۋاپادا يۇغۇرۇلغان جىسمىمغا سىڭگەن روھ ، پەرىشتىلەرنىڭ سىياقىدىن ئەنداز ئالغان ، ئانىلارنىڭ مېھرىدىن تارتۇقلانغان ، ئەڭ گۈزەل نەپىسلىكنىڭ دەل ئۆزى . ئۇنىڭدىكى ئىزگۈ تىلەكلەرنىڭ ھامان روياپقا چىقىشىدىن ئۈمىدۋارمەن . شۇڭا سەن مىنى ئۇنتۇپ كەت ، ئارمانلارغا ئىز سالغان ، ۋىسال ئىزدەپ تېڭىرقىغان ، خىيالچان تىلەكلىرىمنى ئۇنتۇپ كەت . مەن زەپەر دەرۋازىسىنى دۇلدۇلۇمنىڭ دەھشەت كىشنىگەن ئاۋازى بىلەن ئېچىپ ، غالىبلىق تەنتەنىسى قىلغان چىغىمدا ، ناۋادا خالىساڭ ئالدىمغا چىققىن ، بىز بىرگە تەنتەنە قىلايلى .
سەن مېنى ئۇنتۇپ كەت !!!
تالاي ئايدىڭ كېچىلەردىكى مۇڭلىرىمنى ، تالاي ناخشىلارنى بىرگە ئاڭلىغان ئاشۇ ئاخشاملارنى ئۇنتۇپ كەت .تەسەۋۋۇرىمىزدىكى گۈزەل تىلەكلىرىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ كەت . مىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنىمدىن مەھرۇم قىلغىنىم ئېشىپ كەتتى ، سەن بەك كۆپ بەدەل تۆلىدىڭ ، مەن راستىنلا ئۆزۈمنى سىنىڭ جېنىڭ ئىلكىدىكىدەك ھېس قىلىپ قالدىم . شۇڭا مىنى تالاي كەچمىش ھەم تالاي ھەسرەتلىرىڭ بىلەن قوشۇپ دەپنە قىلىۋەت .
سەن مېنى ئۇنتۇپ كەت !!!
كۆرۈۋاتقان كىتابىڭنى ئۈستەل ئۈستىدە ئۇنتۇپ قويۇپ كېتىپ قالغاندەك ئەمەس ، چۈنكى كىتابنىڭ مېھرى بەك چوڭقۇر ، سېنى ئۇ ئىزدىتىدۇ .سەن ئۇنى يەنە تېپىۋېلىشنى ئويلايسەن . ئەڭ ياخشىسى مېنى كوچىدا ئالىچىپار خىياللىرىڭ ئىچىدە تەۋرىنىپ كېتىپ بارغاندا ، ئۇچراتقان ناتونۇش بىرسىنى ۋە ياكى ساڭا قاراپ ئىللىق تەبەسسۇم قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ، ئەمما يۈرىكىڭنى سەل - پەل داۋالغۇتىۋەتكەن بىرىنى ئۇنتۇغاندەكلا ئۇنتۇپ كەت .
سەن مېنى ئۇنتۇپ كەت !!!
سەن مېنى دەريا ساھىلىدە ئۇچراتقان ، ئاق لىباسلىق پەرىشتە دەپ ئويلىمىغىن ،سەن يېقىن كەلسەڭ ئىدىڭ ، قان تامچىۋاتقان يۈرىكىمنى كۆرەتتىڭ ، مۇدھىش جۇدۇن تىلغىغان قەلبىم تالاي ئىزتىراپلار بىلەن چاك - چاك بۇزۇلۇپ يېرىلدى .باھار ئاپتىپى مېنى گويا مەڭگۈ تەرك ئەتكەندەك مۇدھىشلىقتا تۇرساممۇ ، يەنىلا تىك تۇرغان تۇرقۇمغا ئالدانما . مېنىڭ ئىچكى دۇنيايىمدىكى ئازابلار مېنى تۈگەشتۈردى . مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇڭدىكى پەرىشتەڭدەك ساڭا ئۇزاق ھەمراھ بولۇشۇم ناتايىن .
سەن مېنى ئۇنتۇپ كەت !!!
مەن ئازارلاردا مۇدرەپ - چوقۇرۇپ يۈرۈپ ئۆزۈمنى ئىزلەپ تاپاي ، بەلكى بۈگۈن تاپارمەن . ۋە ياكى ئەتە دىدارلىشارمەن . مېنىڭ تىترەك باسقان ئەمما قىسمەتلەر ئىچىدە تاۋلىنىپ ئەزگۈلۈكنى ئىستەيدىغان ئازغىنە ھاياتىم ، غالىبلىق كۈيىنى ئۆزى خالىغان پەدىگە ياڭرىتىپ باقسۇن . ۋۇجۇدۇمدا ھۆكۈم سۈرگەن ئازغىنە قەيسەرلىكنى مەن ھاسا قىلىپ چىڭ تۇتۇپ ، ئالغا قاراپ سەپىرىمنى داۋام قىلاي، مەن يىقىلسام كۈلۈپ كەتمە . چاڭقىسام ئىچ ئاغرىتما ، سەن مېنىڭ ئۆزۈڭگە قارىغاندا بەختلىك ياشىشىمنى خالايتتىڭ . ئەمما ئۇ سۆزنى مەن ساڭا قالدۇرىدىغان بولدۇم .
سەن مېنى ئۇنتۇپ كەت !!!دىلشات ئىسمايىل تەۋسىيىسى
سابىق «ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتىنىڭ تەرمىلەر سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
收藏到:Del.icio.us
