-
سەبورى تور ئىنگلىز تىلى 4. لېكسىيە - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-05
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34658552.html
تۆتىنجى لېكسىيە
ئېغىزتىلىنى قانداق مەشىق قىلىمىز ؟
تىل ئۆگېنىشنىڭ ئەسلىدىكى ماھىيتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى قوللىنىشتۇر، بۇ خىل قوللىنىش ئەلۋەتتە ئېغىزتىلىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئېغىزتىلىنى ياخشى مەشىق قىلىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . تۆۋەندىكىسى يېڭى شەرق ئېنگىلىزتىلى تىل تەتقىقات مەركىزىنىڭ كۆپ يىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يەكۈنلىگەن قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرى :
1. كۆپ مىقداردا ئەسلى ئۇسلۇبتىكى سۆزلۈك ، دېئالوگ ۋە تۇرمۇش ئىدىئوملىرىنى يادلاش .
2. ھەركۈنلۈك يادلاپ چىققان ماتېرىياللارنى قايتا– قايتا ھەزىم قىلىش ، خىيالىي تەپەككۇرغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۆگەنگەنلەرنى مەلۇم مۇھىت شارائىتىدا تۇرىۋاتىمەن دەپ ئويلاپ تۇرۇپ ئىشلىتىپ كۆرۈش .
3. كۈندىلىك خاتىرە يېزىش . بۇ ئادەت قارىماققا يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى مەشىق قىلىدىغان ئۇسۇلدەك بىلىنىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئېغىزتىلى مەشىق قىلىشنىڭ قالتىس ياخشى ئۇسۇلى . سىز قەلەم تەۋرىتىۋاتقان چېغىڭىزدا كاللىڭىز ناھايىتى كەسكىن ئېنگىلىزتىلى گىمناستىكىسى ئويناۋاتقان بولىدۇ . ئېنگىلىزتىلى ئارقىلىق تەپەككۇر قىلىشنى مەشىق قىلىش ئەڭ يۇقىرى سەۋىيلىك ئېغىزتىلى مەشىقىدۇر .
4. كۆپ مىقداردا ھەرخىل گېزىت ، ژورنال ۋە ھەرخىل ھېكايە ، نەسىرلەرنى ئوقۇش ۋە قايتا بايان قىلىپ بېرىش(دىققەت : قايتا بايان قىلىپ بېرىش ، يادلاش ئەمەس ) . ئوخشاش بىر پارچە ماقالىنى بىر نەچچە قېتىم قايتا بايان قىلىسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
5. ئېنگىلىزتىلىدىن دەسلەپكى تىلىڭىز چىققاندىن باشلاپ تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئىشلار ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا قاراپ يۈزلىنىش .ھەرقېتىم ناتونۇش سۆزلۈك ۋە جۈملىگە يولۇققاندا دەپتەر تۇتۇپ خاتىرىلەپ قويۇپ ، مۇقىم ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆگېنىش ۋە ۋاقىت چىقىرىپ تەكرار ئۆگېنىش . تۆۋەندە تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئېغىزتىلى يۈز دانە جۈملىسىنىڭ دەسلەپكى يىگىرمىسى قوشۇمچە قىلىپ بېرىلدى :
Any messages for me? ماڭا قالدۇرۇلغان سۆز (ئۇچۇر) بارمۇ ؟
Are you by yourself? سەن ئۆزۈڭ يالغۇز كەلدىڭمۇ ؟
All right with you? چاتاق يوقتۇ ؟
Are you free tomorrow? ئەتە بىكار ۋاقتىڭ بارمۇ ؟
Are you kidding me? ماڭا چاقچاق قىلىۋاتامسەن ؟
As soon as possible!ئامالنىڭ بارىچە تېزراق !
Back in a moment! دەرھال قايتىپ كېلىمەن !
Believe it or not! ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكنىڭ ئۆزەڭدە!
Better luck next time! كېيىنكى قېتىم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ !
Boy will be boys ئادەم تەبئىيتى ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ .
Come to the point! گەپ بولسا ئۇدۇل دەڭ !
Do you accept plastic? ئىناۋەتلىك كارتا بولسا بولامدۇ ؟
Does it keep long? ئۇزاق ساقلىغىلى بولامدۇ ؟
Don't count to me! مېنىڭدىن ئۈمىد كۈتمە !
Don't fall for it! ئۇنىڭغا ئالدىنىپ قالماڭ!
Don't get me wrong! سەن خاتالاشتىڭ !
Don't give me that! بۇنداق قىلىقىڭنى ئاز كۆرسەت !
Don't let me down! مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمە !
Dont lose your head! خوشاللىقتىن ھوشۇڭنى يوقىتىپ قويما !
Don't sit there daydreaming! ئۇخلىماي چۈش كۆرمە !
I cross my heart! مەن راستلىقىغا قەسەم ئىچەي !
I don't mean it! مەن قەستەن قىلمىغان !
I feel very miserable! مەن ناھايىتى روھسىزلاندىم !
I have no choice! ماڭا باشقا تاللاش يولى قالمىدى !
I watch my money! بايلىقىم جېنىمدەكلا مۇھىم !
I'll be in touch! ئالاقىلىشىپ تۇرىمەن !
I'll check it out! مەن بېرىپ قاراپ باقاي !
收藏到:Del.icio.us

评论
شۇنداق قىلىپ ماڭا قوش خوشاللىق بولدى. مەن داۋاملىق تىرىشىمەن.
ئۇستازىم، سىزنىڭمۇ داۋاملىق تۈردە قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرلىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.