<<  سەبورى تور ئىنگلىز تىلى 4. لېكسىيە | باش بەت | يېشىللىق ئەلچىسى ---- نۇرئەلى ياسىن  >>
  • غەربى شىمال سانائەت ئۇنۋېرستىتى - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]

    2009-02-06

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34615574.html

     غەربى شىمال سانائەت ئۇنۋېرستىتى


                                                     زۇلقەر ھۈسەييىن شەرارى 
    غەربىي شىمال سانائەت ئۇنۋېرسىتتى مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئاۋىئاتسىيە، ئالەم ئىشلىرى،دىڭىز قاتنىشى قۇرۇلۇشى مائارىپى ۋە تىخنىكا تەرەققىياتىنى ئاساسى گەۋدە قىلغان، سانائەت پەنلىرىنى ئاساس، باشقۇرۇش،فىلولوگىيە،ئىقتىساد- قانۇن پەنلىرىنى قوشۇمچە قىلغان، تەتقىقات خاراكتېردىكى كۆپ پەنلىك، ئېچىۋىتىلگەن ئىلىم- پەن تىخنىكا ئۇنۋىرسىتتى.
       دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە «985 قۇرلۇشى» ۋە «211 قۇرلىشى» غا كىرگۈزۈلۈپ، نۇقتىلىق قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى.
       مەزكۇر مەكتەپ تارىخى، مەدەنىيىتى دۆلىتىمىز ئىچى- سىرتىغا داڭلىق بولغان قەدىمىي ئاستانە شىئەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ھازىر «دۆلەت مۇداپىئە پەن- تىخنىكا سانائەت ھەيئىتى» گە بىۋاستە قاراشلىق.
      غەربى شىمال سانائەت ئۇنۋىرسىتتى 1938- يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان. دەسلەپكى دۆلەت ئىگىلىدىكى غەربى شىمال سانائەت ئىنستىتوتى، خۇادۇڭ ئاۋىئاتسىيە ئىنىستىتوتى، خاربىن ھەربى ئىشلار سانائەت ئىنىستىتوتى، ھاۋا ئارمىيە تىخنىكا فاكۇلتىتى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بېرى ئىزچىل پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ھەربى قىسىم رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلىشىگە، كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.
      مەكتەپنىڭ ئومومىي كۆلىمى2917 مو بولۇپ، كونا مەكتەپ رايونى1117مو،يىڭى مەكتەپ رايونى 1800مو (پىلاندىكى كۆلىمى 3911)، مەكتەپتە 19ئىنىستىتوت، 53 تۇلۇق كۇرۇس كەسپى 101ماگىستىر ئاسپىرانت نۇقتىسى،57دوكتۇر ئاسپىرانت نۇقتىسى ۋە 10دوكتۇر ئاشتى كۆچمە نۇقتىسى بار.
      مەكتەپتە ھازىر 3000دىن ئارتۇق ئىشچى- خىزمەتچى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1700دىن ئارتۇق كەسپى ئوقۇتقۇچى، ئىككى ئاكادىمىيە ئاكادىمىكى 6نەپەر، قوش ئۈنۋانلىق ئاكادىمىك 19نەپەر. دوكتۇر ئاسپىرانت يىتەكچىسى 320نەپەر. پرافىسسور ۋە ياردەمچى پرافىسسورلار 1430 دىن ئارتۇق. مەكتەپتە دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كەسىپتىن ئونى. «دۆلەت مۇداپىيە پەن-تىخنىكا سانائەت ھەيئىتى» نۇقتىلىق كەسپىدىن ئون ئالتىسى، شەنشى ئۆلكىلىك نۇقتىلىق كەسىپتىن ئوتتۇز بەشى. ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن يىگىرمە بەشىى بار. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن 6 سى، دۆلەت دەرىجلىك كەسپى تەجىرخانىدىن تۆتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق تەجىربىخانىسىدىن ئىككىسى  بار.
      غەربى شىمال سانائەت ئۇنۋىرسىتىتى ھازىر ئاساسى جەھەتتىن دۆلەت مۇداپىئە تىخنىكا تەتقىقاتىنى ئالاھىدىلىك قىلغان ئالىي مەكتەپ بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا نۇقتىلىق تەررەققىي قىلدۇرۇلغان ساھەلىرىدىن ئۈچ بوشلۇق (ئالەم بوشلۇقى ، ئاۋىئاتسىيە، دىڭىز ئىشلىرى) m3 (ماتىريال كۈچى ئىلمى، ماشىنسازلىق) c3 (كومپىيوتېر، كونتۇرۇل قىلىش، خەۋەرلىشىش) قاتارلىق ئىلمى تورلىرىنى قۇرۇپ چىقتى.
       «ئادىل بولۇش، راستچىل بولۇش، دادىل بولۇش،چىداملىق بولۇش» تەك مەكتەپ تۈزۈمى، «ئاساسىي پۇختا بولۇش، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇش، ئاددى-ساددا بولۇش، ئىزدىنىپ يىڭىلىق يارىتىش» تەك مەكتەپ ئىستىلىدە تەربىيلەنگەن ھەربىر مەكتەپ ئەزاسى ئانا مەكتىپىمىزنىڭ تېخمۇ روناق تىپىشى، ھەر قايسى ساھەلەردە تېخىمۇ ئىلگىرلىشى ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە. مەكتىپىمىزمۇ«دۆلەت ئىچىدىكى بىرىنچى قاتاردىكى، خەلقئاراغا داڭلىق ئالىيمەكتەپ» بولۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمەكتە.

    سابىق «ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتىنىڭ باش بېتىدىن بېتىدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • مەن يۇقۇرىدىكى مەسىلىنى ئۆيدىكى 19دىيوملۇق كومپىيۇتېردا بايقىغان ئىدىم. ھازىر بىر ئاغىنەمنىڭ ئويىدىكى 17دىيوملۇق كومپىيۇتېردا كۆرسەم نورمال ئىكەن. بۇ چاتاق بەلكىم CSS دە بولىشى مۈمكىن. كەڭ ئېكراندا نورمال ئەمەس ئوخشايدۇ. يەنە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.
    م.ئە.سەبۇرى回复بۇلاق说:
    شۇنداق مېنىڭ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىقىنىممۇ 17دىيوملۇق كومپىيۇتېر.
    بولىدۇ، بەك ياخشى تەكلىپ بېرىپسىز. مەن بۇ ھەقتە داۋاملىق ئىزدىنىپ باقاي. باشقا مەسىللەر بولسا داۋاملىق ئىنكاس قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
    2009-02-06 22:25:23
  • دىمەكچى بولغىنىمنى رەسىمدە كۆرسىتىپ قويدۇم.
    http://lh5.ggpht.com/_OTAFpcItpY4/SYwKTl4KwUI/AAAAAAAAAJg/Q_Ymxu_P4cA/s800/2009-2-6%2015-52-58.jpg
    م.ئە.سەبۇرى回复بۇلاق说:
    سىزدەك ئەستايىدىل، سەمىمىي توردىشىمنىڭ بولغانلىقىدىن چەكسىز خوشاللىق ھېس قىلىمەن. مەقسىتىڭىزنى تولۇق چۈشەندىم، داۋاملىق قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز، مېنىڭ ياردىمىم تېگىدىغان ئىشلار بولسا ھەرۋاقىت قولۇم كۆكسۈمدە!
    2009-02-06 18:54:38
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
    بلوگ ئۇسلۇبىڭىزنى ئالماشتۇرىۋاپسىز، مۇبارەك بولسۇن!
    تېخى تولۇق ئالماشتۇرۇپ بولمىدىڭىزمۇ قانداق؟ يازما مەزمۇنى كۆرىنىدىغان جاينىڭ كەينى تولۇق چىقمايدىكەن. ياكى مېنىڭكىدە مۇشۇنداق كۆرۈندىمۇ، ۋەياكى سىزنىڭ مۇشۇنداق ئۇسلۇبىڭىزمۇ؟
    لېكىن ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن.
    م.ئە.سەبۇرى回复بۇلاق说:
    ئاۋۋال سىزنىڭ بلوگ ئۇسلۇبىنى ياقتۇرغىنىڭىزغا ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن بۇ مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن تېخى يېڭى ئۆگەنچى بولغاچقا بەزى خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن خالىي بولالمىدىم. سىز رەسىمدە كۆرسەتكەن ھالەت بلوگ ئۇسلۇبىنى سىناق قىلغان ۋاقتىمدىمۇ كۆرۈلگەن ئىدى. بىراق ئۇ چاغدا رەسىم قىستۇرۇلغان تېمىلاردىلا شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپ رەسىم چوڭلۇقىدىن مەزمۇن ئورنىدىن چوڭ بولۇپ كەتسە شۇنداق بولىدىكەن دەپ بىر تەرەپ قىلغان. سىز يوللىغان رەسىمدىكى تېمىدا رەسىم يوق تۇرۇپمۇ شۇنداق كۆرۈنۈپتۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە يەنە ئىزدىنىپ كۆرەي. لېكىن مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا ئىزچىل نورمال كۆرۈنۈپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مىقدار قىممەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ چاتاقنى تېپىشقا ئامال يوق، CSS كودىنى مەن تېخى تۆنۈگۈنلا بىر ماقالىدىن بىر تەرەپتىن ئۆگېنىپ بىر تەرەپتىن بۇ ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان، شۇڭا قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرىڭىزگە تەشنامەن. .
    2009-02-06 18:49:50