-
يېشىللىق ئەلچىسى ---- نۇرئەلى ياسىن - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-07
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34615911.html
يېشىللىق ئەلچىسى ---- نۇرئەلى ياسىن
ياشلىرىمىزنىڭ ئۈلگىسى، قەلبىگە ئۇلۇغ ئارزۇلارنى پۈككەن ۋە شۇ ئارزۇسى يولىدا توختىماي تىرىشىۋاتقان جاسارەتلىك ئوغلان نۇرئەلى ياسىن 2008- يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن كۈتىۋېلىش، شۇنداقلا دۇنيا جىنىس رىكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا غالتەكلىك ئاياغ بىلەن مېڭىشنى پىلانلىدى ۋە دادىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ سەپەرگە ئاتلاندى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي لىنىيە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغىچە، ئومۇمىي مۇساپە 5000 كېلومېتىر بولۇپ، سائىتىگە 10~ 15 كېلومېتىرغىچە، كۈنىگە 80~ 100 كېلومېتىرغىچە، كۈندىلىك ئارام ئېلىش ۋاقتى 10 سائەت، پائالىيەت ۋاقتى10 سائەت، تاماق ۋاقتى 4 سائەت بولۇپ، مۇشۇ پىلان بويىچە 65كۈن ئىچىدە پۈتكۈل مۇساپىنى تاماملاپ چىقىش پىلانلانغان .
تۈرلۈك مۈشكۈلاتلىق يوللارنى بېسىش ۋە يېڭىش ئارقىلىق ئاتا - بالا ئىككىيلەن 2007- يىلى 12- دېكابېر شىئەنگە يېتىپ كەلدى. شىئەن قاتناش ئۇنۋىرسىتىتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نۇرئەلى بىلەن ياسىن ئەپەندىنى قىزغىن ئالقىشلار ۋە دەستە گۈللەر بىلەن كۈتۈۋالدى .
ئىككىنجى كۈنى نۇرئەلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىئەن نىفىت ئۇنۋېرسىتىتى، چاڭئەن ئۇنۋېرسىتىتى ۋە شىئەن ئېلىكتىرون پەن - تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىغا بېرىپ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ 42 كۈنلۈك جاپالىق سەپىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى ۋە ھەر قايسى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، ھەممەيلەن ئۇنىڭ جاسارىتىدىن قاتتىق تەسىرلەندى ۋە ئاپرىن ئوقۇدى.
شۇ ئاينىڭ 14. كۈنى نۇرئەلى ياسىن ئاتا- بالا ئۆز سەپىرىنىڭ شىئەندىن بېيجىڭغا بولغان يولنىڭ داۋامىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. نۇرئەلى بىيجىڭغا كانكى بىلەن تىيىلىپ ئوڭۇشلۇق يىتىپ باردى.
2008- يىلىنىڭ تۇنجى كۈنى (1- يانۋار) شىنجاڭلىق يىگىت نۇرئەلى ياسىن دادىسىنىڭ ھەمرالىقىدا غالتەكلىك ئاياغ بىلەن 97 كۈن تىيىلىپ بىيجىڭغا ئوڭۇشلۇق يىتىپ باردى ۋە بىيجىڭ پىدائىيلار جەمئىيىتىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ بىيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ، مىيىپلار ئولىمپىك يىغىنىنىڭ پىدائىيسى بولدى. بىيجىڭ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى، بىيجىڭ شەھەرلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، بىيجىڭ پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاڭلى نۇرئەلى ياسىن ۋە ئۇنىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشتى .
نۇرئەلى ياسىن كۈنىگە 80~ 100 كىلومېتىرغىچە تىيىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10~ 12 سائەتكىچە تىيىلىپ ماڭدى. مۇشۇ 97 كۈندە نۇرئەلى ياسىننىڭ دادىسى ئۇنىڭ ھەمرا بولۇپ موتسىكلىت مىنىپ ئۇنىڭ يىنىدا ماڭدى .
«كۆكلەم» خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ ئوغلاننىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز...
ئەمىرزات كامىل خەۋىرىسابىق «ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتىنىڭ كۆزنەك سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
历史上的今天:
Alimama نىڭ بلوگ ھەمكارلىق پىلانى 2009-02-07International Mother Language Day 2009-02-07Uyghur language 2009-02-07خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى 2009-02-07
收藏到:Del.icio.us
