-
ئۇيغۇرچە ھەقسىز توربوشلۇق سېستىمىسى ئىشقا كىرىشتى - [سەبۇرى ئىزدەش توربېكىتى]
2010-07-28
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/70833523.html
تېخىمۇ كۆپ تور بېكەت ھەۋەسكارلىرىغا ھەقسىز، قولايلىق بولغان ئەمەلىي ئۆگېنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش يۈزىسىدىن. سەبۇرى ھەقسىز تور بوشلۇق مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى. ئادرىسى:
نۆۋەتتە توربېكەت قۇرۇش ئويىدا بولغان كونا- يېڭى ھەۋەسكارلار 10 MB لىق ھەقسىز بوشلۇقنى ئىلتىماس قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ ھەقسىز تور بوشلۇقىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى چىقىش قىلىپ نۆۋەتتە asp ۋە php قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك توربېكەت سېستىمىسى ھۆججەتلىرىنى يوللاش ئىقتىدارى چەكلەندى. باشقا ئالاھىيدە ئېھتىياجى بار تورداشلار باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىلتىمسا قىلىپ ئېرىشسە بولىدۇ. بۇ ھەقسىز بوشلۇقنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىلتىماس قىلغاندىكى ھەقسىز ئىشلىتىش ۋاقتى 1 يىل، ئىشلەتكۈچىنىڭ بىر قىسىم شەرتلىرى ھەقسىز بوشلۇق مەركىزىنىڭ بىر قىسىم شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلسە داۋاملىق تۈردە ھەقسىز ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىش ۋە بوشلۇق سېغىمىنى چوڭايتىپ بېرىش مۇلازىمىتىنى ھەقسىز تەمىن ئېتىمىز.
بۇ ھەقسىز مۇلازىمەت يولغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە ھەقسىز بوشلۇق سېستىمىسىنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسىنى تۈزۈش خىزمىتىمۇ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئىشلىتىش قوللانمىسىدا ھەقسىز بوشلۇق سېستىمىسىنى ئىشلىتىشكە دائىر مەزمۇنلار بولغاندىن سىرىت يەنە، ئۇيغۇرچە تور بېكەت ياساش، تور بېكەت قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش بىلىملىرى، html, CSS, JS, eot قا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق ماقالىلەر تەمىنلىنىدۇ.
收藏到:Del.icio.us

评论
بىلوگىڭىز ئۇلىنىشقا قوشۇلدى.
بىلوگ نامى:ئۆتكۈر ئىقتىساد بلوگى
http://otkur.blogbus.com
تۇغ:http://otkur.blogbus.com/files/12218872740.gif
بىلوگىڭىز ئۇلىنىشقا قوشۇلدى.
بىلوگ نامى:ئۆتكۈر ئىقتىساد بلوگى
http://otkur.blogbus.com
تۇغ:http://otkur.blogbus.com/files/12218872740.gif