<<  سەبۇرى تور بېكىتىدىكى ئۆزگىرىش ھەققىدە | باش بەت | ئۇيغۇرچە مۇستەقىل ئىزدەش ماتورىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى  >>
  • سەبۇرى ۋە بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقى - [سەبۇرى ئىزدەش توربېكىتى]

    2010-06-02

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/64960005.html

    سەبۇرى تور بېكىتى بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ ئاز بولسىمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقىنىغا 2 ئايچە ۋاقىت بولۇپ قالدى. بەيدۇ ئېلان تورىدىن ئاز-تولا نەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن باشقا ئۇيغۇر تورداشلارغا ياردىمى بولسىكەن دىگەن ئۈمىدتە بۇ ھەقتە تېمىلارنى ئېلان قىلىپمۇ باقتۇق.بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا ئاز بولمىغان بېكەت باشلىقلىرى ئۆزىنىڭ بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقىغا كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىراق بىر قانچە قېتىم ئىلتىماس سۇنۇپمۇ تەستىقلىتالمىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ تېمىنى يېزىش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ قالدى.

    بۇ يەردە بىز ئېلان ھەمكارلىقى ۋە ئېلان ھەمكارلىق قائىدىسىنىڭ گېپىنى قويۇپ ئەمەلىي يۈز بەرگەن ئىشتىن سۆز ئېچىپ باقايلى:
    سەبۇرى تور بېكىتى www.seburi.com تور نامىنى ئىشلىتىپ قۇرۇلغىنىغا 4 ئاي بولغاندا(شىنجاڭ تورى ئېچىلمىغان شارائىت ئاستىدا)، كۈنلۈك ئوتتۇرىچە زىيارەت ئادەم 200، زىيارەت قېتىم سانى 1000 ئەتراپىدا، دۇنيا دەرىجىسى ئالدىنقى 8 مىليوننىڭ ئىچىدە بولغان سەۋىيە بىلەن بەيدۇنىڭ ئېلان ھەمكارلىق تەستىقىدىن ئۆتتى. ئىشىنىمەنكى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر مەيلى زىيارەت سانى ياكى دۇنيا دەرىجىسىدە بولسۇن يۇقىرىقىلاردىن خېلى ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇنداقتا نېمىشقا ئېلان ھەمكارلىقىغا ئىلتىماس قىلسا تەستىقلانمايدۇ؟

    2010.يىللىق بەيدۇ سودا ئېلان ھەمكارلىقى يىغىلىشى جۇڭگودىكى بەش چوڭ شەھەردە ئېچىلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەبۇرى ئىزدەش تورى (瑟布日搜索) نامى بىلەن تەكلىپلىك مېھمان سۈپىتىدە مەن ۋە تۆۋەن يىللىقتىكى يەنە بىر دوستۇم بىلەن 5.ئاينىڭ 19.كۈنى شىئەن رايونلۇق بەيدۇ ھەمكارلاشقۇچىلىرى يىغىنىغا قاتناشتۇق. داغدۇغىلىق ئاساسىي يىغىندىن كېيىن ئېلان ھەمكارلىقى ئەزالىرىغا ئايرىم مۇنازىرە ئويۇشتۇرۇلدى. مۇشۇ ۋاقىتتا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىق تەرەققىيات بۆلۈمى تور بېكەت دېرىكتورى ۋاڭفاڭ خانىم بىلەن يىغىندىن كېيىن ئايرىم كۆرۈشۈپ ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەت ياسايدىغانلىقىمنى ۋە بىر قىسىم تور بېكەت باشلىقلىرى دوستلىرىمنىڭمۇ بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقىغا ئەزا بولغۇسى بارلىقىنى، لېكىن بىر قانچە قېتىم ئىلتىماس قىلىپمۇ تەستىقلىتالمىغانلىقىنى ئېيتتىم. ۋاڭفاڭ خانىم نۆۋەتتە بەيدۇ ھەمكارلىق مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ئېھتىياجى تۈپەيلى مەزمۇن ۋە زىيارەت ئادەم سانى جەھەتتىن ئازراقلا كۆزگە كۆرۈنگۈدەك نەرسە بولسا چوقۇم تەستىقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئالاھىيدە قىلىپ، بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقى تىل چەكلىمىسى قويامدۇ؟ يەنى ئۇيغۇرتىلىغا نىسبەتەن، دەپ سورىسام. نۆۋەتتە ئېلان ئىلتىماسىنى تەستىقلاشتا ئاساسلىق تور بېكەت زىيارەتچىلەر سانى ۋە تور بېكەتتىكى ئەمەلىي مەزمۇن(مەزمۇننىڭ ئاز-كۆپلۈكى)غىلا قارايدىغانلىقىنى تىل چەكلىمىسى يوقلۇقىنى ئېيتتى، ۋە ئالاھىيدە قىلىپ ئېلان قويۇلۇش قائىدىسى بويىچە رايونغا ئاساسەن ۋە مەزمۇنغا ئاساسەن قويۇپ كەلسە بەلكىم خەنزۇچە يېزىق بولمىغاچقا مەزمۇنغا ئاساسەن قويۇلىدىغان ئېلانلارنى تونۇماسلىقى مۇمكىن، لېكىن رايونغا ئاساسەن قويۇلىدىغان ئېلانلار يەنىلا كۆپ دېدى. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاڭفاڭ خانىم ئىسىم كارتۇچكىسىنى سۇنۇپ باشقا مەسىللەر بولسا داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى.

    تۆۋەندىكىسى ئىسىم كارتۇچكىسىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلار:
    王芳
    百度联盟网站部门经理
    电话:010-59927325
    手机:13501112872
    邮件:wangfang@baidu.com
    百度Hi: T娜联盟

    ھەر قايسى ئۇيغۇرچە تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ تەكلىپ- پىكىرلىرى پېقىر سەبۇرىغا چۈشسە بەيدۇغا يەتكۈزۈپ قويۇش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتىم، ئەلۋەتتە. بىراق كونىلار <يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس> دەپتىكەن.
    شۇڭلاشقا باشقا بېكەت باشلىقلىرىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلىرى بولسا بىۋاستە ۋاڭ خانىمغا ئىنكاس قىلىشىنى، دۇنيادا 7.ئورۇندا تۇرىدىغان تور بېكەتنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاز- تولا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

    ئۇندىن باشقا بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقىنىڭ سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى ئادرىسى تۆۋەندىكىچە:
    http://utility.baidu.com/quality/quality_form.php?word=%B0%D9%B6%C8%C1%AA%C3%CB


    收藏到:Del.icio.us





Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • 你们跟百度联合太好了,并且跟我们分享了你们的经验 非常感谢你们。 维语网站也手牵手,相互合作,共同前进!
  • ئوزىڭىز كۆرۇپ بىقىڭ.http://elanim.cn/
  • ھازىر 3 ئادەم سىزنىڭ ئىلانىڭىزنى بىرىپتۇ،بۇنداق بولغاندا بۇ تورغا ئەزا بولغان بىرئادەم بىرipدا سەبۇرىنى 3قىتىم چىكىدۇ دىگەن گەپ،بۇنىڭ ئەلۋەتتە توربىتىڭىزگە زىينى بارغۇ دەيمەن.
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،يىڭىدىن قۇرۇلغان ئىلانىم تورىدا سەبۇرى ئىلانى ئارقىلىقمۇ پۇل تىپىش ئۇسۇلى يولغا قويۇلۇپتۇ،خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
  • بارخان بلوگى قايتا قۇرۇلدى،ئۇلىنىش قىلىپ قويىشىڭىزنى سورايمەن.
  • بىلىملەر تورى تېمىلىرىنى باشقا بىكەتلەردە كۆرسۈتۈش كودى
    http://www.bilimlar.com/ud/viewthread.php?tid=119
  • سەبورىكاممۇ مانا ئىچكىرىدە ئۆگەنگەنلىرىدىن نەتىجە چىقىرىپتىغۇ؟ [defFace:2]
    م.ئە.سەبۇرى回复dilkuyi说:
    تىركەش ئىنىم، بارمۇسىز؟ ئالاقىلاشمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ.
    2010-06-28 01:12:49
  • بەيدۇ بىلەن گۇگىل سېلىشتۇرغاندا قايسىسىنىڭ ئېلان كېرىمى يۇقىرىدۇ؟
    م.ئە.سەبۇرى回复ئەركىم说:
    گوگېلنىڭ ئېلانىنى ئىشلىتىپ كۆرمىگەن، ئىزچىل بەيدۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن. شۇڭا ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىزمەن.
    2010-06-05 12:28:35
  • سەبورى تور بېكىتىنىڭ بەيدۇدىن ئېلان ئالغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ھەم قوللايمىز.
    م.ئە.سەبۇرى回复dunyakara说:
    يېقىندىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!
    2010-06-04 00:01:52