• سەبۇرى تور بېكىتى بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ ئاز بولسىمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقىنىغا 2 ئايچە ۋاقىت بولۇپ قالدى. بەيدۇ ئېلان تورىدىن ئاز-تولا نەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن باشقا ئۇيغۇر تورداشلارغا ياردىمى بولسىكەن دىگەن ئۈمىدتە بۇ ھەقتە تېمىلارنى ئېلان قىلىپمۇ باقتۇق.بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا ئاز بولمىغان بېكەت باشلىقلىرى ئۆزىنىڭ بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقىغا كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىراق بىر قانچە قېتىم ئىلتىماس سۇنۇپمۇ تەستىقلىتالمىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ تېمىنى يېزىش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ قالدى.

    بۇ يەردە بىز ئېلان ھەمكارلىقى ۋە ئېلان ھەمكارلىق قائىدىسىنىڭ گېپىنى قويۇپ ئەمەلىي يۈز بەرگەن ئىشتىن سۆز ئېچىپ باقايلى:
    سەبۇرى تور بېكىتى www.seburi.com تور نامىنى ئىشلىتىپ قۇرۇلغىنىغا 4 ئاي بولغاندا(شىنجاڭ تورى ئېچىلمىغان شارائىت ئاستىدا)، كۈنلۈك ئوتتۇرىچە زىيارەت ئادەم 200، زىيارەت قېتىم سانى 1000 ئەتراپىدا، دۇنيا دەرىجىسى ئالدىنقى 8 مىليوننىڭ ئىچىدە بولغان سەۋىيە بىلەن بەيدۇنىڭ ئېلان ھەمكارلىق تەستىقىدىن ئۆتتى. ئىشىنىمەنكى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر مەيلى زىيارەت سانى ياكى دۇنيا دەرىجىسىدە بولسۇن يۇقىرىقىلاردىن خېلى ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇنداقتا نېمىشقا ئېلان ھەمكارلىقىغا ئىلتىماس قىلسا تەستىقلانمايدۇ؟