<<  ھۆسىن تۈزەش مەغلۇبىيتىدىن كېيىن ئالۋاستىغا ئايلانغان داڭلىق شەخىسلەر | باش بەت | قىزىمغا يېزىلغان 3.پارچە خەت(ئىمتاھاندا مەڭگۈ دىگۈدەك ئەپسۇسلىنىش بولىدۇ)  >>
  • خىيال تونىلى1 (ئۈمىدسىز خىيال) - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]

    2009-03-12

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36473988.html


    خىيال تونىلى
    م.ئە.سەبورى
     ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
    –ئابدۇقادىر جالالىدىن

    ئۈمىدسىز خىيال

    يۈرۈكۈمدە ئەندىشە گۇمان،
    يېتەلمەيمەن ئۇنىڭ تەكتىگە.
    خىيالىمدا قاپقارا تۇمان،
    چىقىپ قالدىم ئازاب تەختىگە

    ئازابلارغا ئەركىنلىك بەردىم،
    دەپنە قىلىپ خىياللىرىمنى.
    ئەقىدەمنى قىلىپتىم ياتلىق،
    ھەسىرەتكە بولدى ھامىلدار،
    بەربات قىلىپ ئارزۇلىرىمنى.

    سۇپىلارغا خاتىرجەم چىقىپ،
    كەتمىنىڭنى دۇتتار قىلىپ چېلىپ.
    ئېتىقاد چۈشۈپ كەتتى ھاڭلارغا،
    خىيال!
    تەلىيىگە قالدى ئېسىلىپ.

    ياش تۆكىدۇ كۆيۈۋاتقان شام،
    مۇڭلۇق ئاقار ئازابلىق دەريا،
    شىۋىرلايدۇ ئاجىزە ئېقىن؛
    بىر ئازابتا تەڭ پۇچىلانسىمۇ،
    بىر– بىرىنى كۆرمەيدۇ يېقىن.

    مەن كۈلىمەن ھەر سەھەر يالغۇز،
    پاك قەلىبكە ئىنتىزار بولۇپ.
    خىياللاردىن ئىزدەيمەن ئۇنى
    زارىقىشتا كۆزلەرگە
    گاھى ياش
    گاھى قان تولۇپ.

    تارىخ مەڭگۈ ئۈزۈلمەس ئېقىن،
    ئىشەنچ ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى.
    ئۈمىد ئەگەر كەتسە يامانلاپ،
    كۆرۈنمەيدۇ ھەرگىز قارىسى.

    خىياللارغا بولمىغىن ئاشىق،
    تۈگەپ كەتسۇن دىلنىڭ يارىسى.
    ئارمان نەچچە زادى يەتكۈدەك؟
    جاۋاب بەرگىن ئۇيغۇر بالىسى؟!

    2004.يىلى مارت.
    غەربىي جەنۇبىي تارىم نېفىت بازىسى


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • بۇ شئىر بەك ياخشى چىقىپتۇ