-
بلوگ ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن خوش خەۋەر: سەبورى بلوگلار جەمگاھى قۇرۇلدى! - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-09-28
سەبورى تور بېكىتىنى قايتا رەتكە سالغاندىن كېيىن، ئىزچىل بىر بلوگ ماقالىلىرى توپلىمى، يەنى بلوگلار جەمگاھى سېستىمىسى ئۈچۈن بىر ئاز ئىزدىنىپ كۆرگۈم بار ئىدى، ئاللاھ خالاپ خېلى يامان ئەمەس بىر سېسىمىغا ئۇچراپ قالدىم، ۋە ناھايىتى قولايلىق ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم. نۆۋەتتە 20 گە يېقىن بلوگ قوشۇپ قويۇلدى. بىراق كۆپ قىسىم بلوگلارنىڭ مەزمۇنى يېڭىلانمىغىلى خېلى بولۇپ قاپتۇ. ئىچكىرىكى ئۆلكىلەردە تۇرۇشلۇق، داۋاملىق بلوگ مەزمۇنىنى يېڭىلاپ تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسا. شۇنداقلا بلوگلار جەمگاھىنى قوللاش يۈزىسىىدىن دوستانە ئۇلىنىش قىلىپ قويسا دىگەن ئۈمىدتىمەن.
سەبورى ئۇيغۇرچە بلوگلار جەمگاھى ئادرىسى: http://sebori.cn/blog
-
خىيال تونىلى3 (خائىن خىيال) - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-24
خىيال تونىلى
م.ئە.سەبورى
ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
–ئابدۇقادىر جالالىدىنخائىن خىيال
قارچۇغۇڭدا چاقنىغان نۇردىن،
سېزىۋالدىم ئازاب ھېدىنى.
تىنىقىڭدا قارا رەڭ نەپەس،
چۈشەندۈرمە كۆڭۈل سىرىڭنى. -
تور دۇكىنى ئېچىشتىكى بەش ئاساس - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-03-20
بىرىنجى: تور دۇكىنى ئېچىشتا تەييارلىقسىز ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ
تاۋباۋدا ئىگىلىك تىكلەيمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم ئاۋۋال ھەرتۈرلۈك ئاساسىي بىلىم ۋە تېخنىكىلارنى ئىگەللەپلا قالماي، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ھەقىقىي بىلىمىڭىزگە ئايلاندۇرىشىڭىز كېرەك. تاۋباۋدا دۇكان ئېچىشتىن ئىلگىرى تاۋباۋ ئۇنۋىرسىتىتى ياكى تاۋباۋ رايونلىرى قاتارلىق تور بەتلەردىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ئالدىنقىلارنىڭ قانداق ئىگىلىك تىكلىگەنلىكى، قانداق قىلىپ ئىشەنچ دەرىجىسىنى نۆلدىن شاھلىق ئورنىغا ئاشۇرالىغانلىقىنى ئۆگىنىڭ. نۆلدىن شاھلىق ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆپلەپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىگە ئىشىنىمىز، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش تەجىرىبىسىنى بىر– ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا يىغىنچاقلاپ كەتكىلى بولمايدۇ، بۇ يەنە قانداق مال كىرگۈزۈش، مالنى سېتىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى مۇلازىمەتلەرنى قانداق ئېلىپ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت ئۈزلۈكسىز تۈردە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگەنگىنىمىزدىلا ئۆزىمىزنىڭ كىچىك دۇكىنىمىزنى ئەگرى يولدا ئاز ماڭغۇزۇپ روناق تاپقۇزالايمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىلىكىلەرنىڭ يەكۈنى. -
تاۋباۋ(taobao)دا تور دۇكىنى ئېچىپ باقتىم - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-03-20
توردا دۇكان ئېچىش تور سودىسىغا قىزىقىدىغان شەخىسلەرگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇل. ھەرقانداق بىر مەھسۇلات، ئۇچۇر ياكى مۇلازىمەتنى سىز تور سودىسى ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادىي پايدىغا ئايلاندۇرالايسىز. كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان ئەلىبابا شىركىتى قارمىقىدىكى تاۋباۋ تورى مۇكەممەل ئىقتىدار ۋە قولايلىق سودا– سېتىق سۇپىسى تەمىنلەپ بەرگەن بولۇپ، سىز ئەگەر پارچە سېتىش تۈرىگە قىزىقسىڭىز ئەلىبابا تورىدىن ماللارنى ئەرزان باھادا توپ ئېلىۋېلىپ بۇ يەردە پارچە ساتسىڭىزمۇ ۋە ياكى ئۆزىڭىدە بار بولغان كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدىكى سىزگە نىسبەتەن ئىشلىتىلىش قىممىتى بولمىغان لېكىن باشقىلارغا پايدىلىنىش قىممىتى بار نەرسىلەرنى تور دۇكىنىغا تىزىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. تور سودىسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن توردا دۇكان ئېچىشنىڭ تەپسىلىي جەريانى ۋە قەدەم باسقۇچلىرىغا دائىر بىرىنجى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈچ كۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىرى تاۋباۋ تورىدا ھەقسىز بىر دۇكانغا ئىگە بولدۇم، دەسلەپكى قەدەمدە ھەقسىز دۇكانغا ئېرىشىش ئۈچۈن پېقىردا بار بولغان 10 پارچە كىتاب مال قاتارىغا تىزىلدى:
-
خىيال تونىلى2 (سۈرگۈن خىيال) - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-18
خىيال تونىلى
م.ئە.سەبورى
ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
–ئابدۇقادىر جالالىدىنسۈرگۈن خىيال
قىزىل، يېشىل چىراغ بەلگىسى،
باشقۇرالماس خىياللىرىمنى.
خىياللارنىڭ دوقمۇشلىرىدا،
ئۇچىراتتىم ئەبجەش تۇيغۇنى.خىياللىرىم ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
ئەمەستەكلا كۈلمە ھاياسىز؛
يېشىل نۇرنى چاچقان قۇياشتەك.
... ... -
تور ئېلانلىرىنىڭ ئۆلچىمى - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-03-14
پېقىر تور بەتلەردىكى كىچىككىنە رەسىملەرنىڭ سېھرىي كۈچى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقانغا ئاز–كەم 3 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا 150 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە تور بەت ۋە بلوگلارغا ھەقسىز تۇغ تەمىنلەش ۋە تور بەت ھۆسىن تۈزەش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. تور بەتكە تۇغ ۋە پلاكات ياساش ھەۋەسكارلىنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز شەخسىي لاھىيە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى ياخشى يۈزلىنىش، بىراق بۇ لاھىيەلەردە ئەڭ ئاۋالقى ئۆلچەم تۇغ رەسىملىرىنىڭ چوڭ– كىچىكلىك ئۆلچىمى ئاز بولمىغان بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا. بۇ بىزنىڭ بەزى تۇغ لاھىيە رەسىملىرىنى ئورتاق قوللىنىشىمىزغا ۋە ئېلانچىلىق ئىشلىرىنى ئورتاق راۋاجلاندۇرىشىمىزغا بىر قىسىم توسقۇنلۇقلار ئېلىپ كەلمەكتە. تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتە بىر قىسىم ئۇچۇرلار تەمىنلەنگەن . تور بەتلەردىكى تۇغ رەسىملىرىنىڭ ئۆلچىمى ئاللىبۇرۇن خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆز تور بېتىگە ئېلان قويغان تور بەتلەر، بولۇپمۇ ئۇلىنىش تور بەتلىرىنىڭ ئامال بار مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىشىنى، ھەم شۇ ئارقىلىق تور بەتلەرنىڭ سۈپىتى، ئېچىلىش سۈرئىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
-
خىيال تونىلى1 (ئۈمىدسىز خىيال) - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-12
خىيال تونىلى
م.ئە.سەبورى
ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
–ئابدۇقادىر جالالىدىنئۈمىدسىز خىيال
يۈرۈكۈمدە ئەندىشە گۇمان،
يېتەلمەيمەن ئۇنىڭ تەكتىگە.
خىيالىمدا قاپقارا تۇمان،
چىقىپ قالدىم ئازاب تەختىگە -
سەبورى تور ئىنگلىز تىلى 5. لېكسىيە - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-17
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ھالىتى، بەدەننى ئەركىن تۇتۇپ، دىققەتنى يىغقان بىر خىل ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدىكى يۈكسەك ھالەتتۇر، ئاممىباب قىلىپ ئېيىتساق بۇ دەل «ئۆگېنىپ كېتىش» تۇر.
ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن كۆڭۈلدىكىدەك ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، چۈنكى باشقا نۇرغۇنلىغان ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتسىز ئوي– پىكىرلەر كاللىمىزنى چىرمىۋالغان بولىدۇ.
ئۇنداقتا دىققەتنى يىغىپ، بەدەننى ئەركىن تۇتقان ھالەتكە كىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىسا ياخشى بولىدۇ؟
بىر خىل ئۇسۇلدا تېزلىكتە بۇ ھالەتكە كىرگىلى بولىدۇ، بۇ دەل «ئاپلېسىن دىققەتنى يىغىش ئۇسۇلى». بۇ چارە ناھايىتى ئاسان، پەقەت دىققىتىڭىزنى بىر نۇقتىغا يىغسىڭىزلا دەرھال ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرىپ كېتىسىز.
«ئاپلېسىن دىققەتنى يىغىش ئۇسۇلى» دەل دىققەتنى مۇقىم ھالدا كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بەدەن ۋە كاللىمىزدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە «دىققەت مەركەزلەشكەن ئەركىن ھالەت» نى شەكىللەندۈرىدۇ. -
بلوگنىڭ زىيارەت سانىنى ھەقسىز ئاشۇرىدىغان 77 دانە RSS مۇندەرىجىسى - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-02-12
2Rss http://www.2rss.com/index.php
About.com http://weblogs.about.com/library/nosearch/blsubmit.htm
All-Blogs.net http://www.all-blogs.net/submit.php
Answers http://www.answers.com/main/new_blogger.jsp
BOTW Blog Directory http://blogs.botw.org/helpcenter/submitblog.aspx
Blawg http://blawg.org/modules.php?name=Web_Links&l_op=AddLink
Blogcode http://www.blogcode.com/signup.php
Blogarama http://www.blogarama.com/add-a-site/... ...
-
ئەسەر مەنبەسىنى ئىزدەش يولىدا - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-02-08
يۇقىرىقى ئەھۋال بويىچە ئېيىتقاندا باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىپ تۇرۇپ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش بىر ياخشى ئىش، بۇنىڭ بىلەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلگەن تور بەتنىڭ قىممىتى ئېشىپلا قالماي، ياخشى ماقالىلەردىن كۆپچىلىك ئورتاق پايدىلىنىدۇ، بۇ ھەم شۇ ماقالە يوللانغان ئەسلى تور بەت ئۈچۈن باشقا ئورۇنلاردا تەشۋىقات بولۇپ قالىدۇ. بىراق ماقالە مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتمەي تۇرۇپ ماقالىنى كۆچۈرۈش يالغۇز بىر تور بەتنىڭ خەلىقئارادىكى ئۇچۇر ئامبىرىدا قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، بىزدىكى تورچىلىقنىڭ ساپاسىنى چۈشۈرۈپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئېغىر ئەخلاق كىرزىسى پەيدا قىلماي قالمايدۇ.