<<  The beautiful language | باش بەت | باي دادا : ئاپتورنىڭ سۆزى  >>
  • سەبورى تور ئىنگلىز تىلى 5. لېكسىيە - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]

    2009-02-17

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35308437.html

    بەشىنجى لېكسىيە

    ئاپلېسىن دىققەتنى يىغىش ئۇسۇلى

    بۇ تېمىنى يېتىپ كېلىشكە 3 كۈن قالغان 21.فېۋرال خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمىغا بېغىشلايمەن!

    ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ھالىتى، بەدەننى ئەركىن تۇتۇپ، دىققەتنى يىغقان بىر خىل ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدىكى يۈكسەك ھالەتتۇر، ئاممىباب قىلىپ ئېيىتساق بۇ دەل «ئۆگېنىپ كېتىش» تۇر.
    ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن كۆڭۈلدىكىدەك ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، چۈنكى باشقا نۇرغۇنلىغان ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتسىز ئوي– پىكىرلەر كاللىمىزنى چىرمىۋالغان بولىدۇ.
    ئۇنداقتا دىققەتنى يىغىپ، بەدەننى ئەركىن تۇتقان ھالەتكە كىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىسا ياخشى بولىدۇ؟
    بىر خىل ئۇسۇلدا تېزلىكتە بۇ ھالەتكە كىرگىلى بولىدۇ، بۇ دەل «ئاپلېسىن دىققەتنى يىغىش ئۇسۇلى». بۇ چارە ناھايىتى ئاسان، پەقەت دىققىتىڭىزنى بىر نۇقتىغا يىغسىڭىزلا دەرھال ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرىپ كېتىسىز.
    «ئاپلېسىن دىققەتنى يىغىش ئۇسۇلى» دەل دىققەتنى مۇقىم ھالدا كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بەدەن ۋە كاللىمىزدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە «دىققەت مەركەزلەشكەن ئەركىن ھالەت» نى شەكىللەندۈرىدۇ.

    بۇ ئۇسۇلنىڭ تەپسىلىي قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
    1. خالىغان بىر قولىڭىزدا بىر دانە ئاپلېسىن بار دەپ پەرەز قىلىسىز، سىز ئاپلېسىننىڭ ئېغىرلىقى، رەڭگى، سۈپىتى ۋە پۇرىقى قاتارلىقلارنىمۇ ھېس قىلىشىڭىز لازىم. سىز ئۇنى تاشلىۋەتتىم دەپ پەرەز قىلىڭ، ۋە يەنە بىر قولىڭىز بىلەن تۇتۇۋېلىڭ، ئاندىن يەنە ئۇنى ئەسلىدە تۇتۇپ تۇرغان قولىڭىزغا ئېتىپ قايتۇرۇپ بېرىڭ، خۇددى كىچىك ۋاقلىرىمىزدا ئوينايدىغان سابو (كىچىك قۇم خالتا) نى ئوينىغانغا ئوخشاش يۇقىرىقى ئۇسۇلدىكىدەك ئىككى قولىڭىزدا ئالماشتۇرۇڭ.
    2. ئاندىن كېيىن خەت يازىدىغان قولىڭىز بىلەن ئاپلېسىننى ئارقا مېڭىڭىزدىن 15 ~ 20 سانتېمىتىر يىراقلىققا قويۇپ، قولىڭىزنى چۈشۈرۈڭ، قولىڭىزنى چۈشۈرۈڭ، مۈرىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، ئاپلېسىننى سىز قويۇپ قويغان جايدا(بوشلۇقتا) قالدى دەپ پەرەز قىلىڭ.
    3. كۆزىڭىزنى  ئاستا– ئاستا يۇمۇپ، ئارقا مېڭىڭىزنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى ئاپلېسىن بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاڭ. بۇ ۋاقىتتا بەدىنىڭىز بوشىشىپلا قالماي، دىققىتىڭىزمۇ يۈكسەك مەركەزلىشىدۇ. گەرچە كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرغان بولسىڭىزمۇ، دىققەت نەزىرىڭىز بارغانسىېرى كېڭىيىدۇ.
    4. بەدەننى ئەركىن تۇتۇپ دىققەتنى يىغقان ھالەتنى ساقلىغاندىن كېيىن كۆزىڭىزنى ئېچىپ ئۆگېنىشى قىلىشنى باشلاڭ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلار(ئەستە ساقلاش، چۈشىنىش قاتارلىقلار)نى چوڭ مېڭىگە تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

    كۆپ قىسىم كىشىلەر «ئاپلېسىن دىققەتنى يىغىش ئۇسۇلى» نى قوللانغاندىن كېيىن ھەممىسى دىگۈدەك بىر قىسىم ئۈنۈملەرنى ھېس قىلالىغان.  ئاۋۋال ناھايىتى تېزلا بەدەننى ئەركىن تۇتۇپ دىققەتنى يىغقان ھالەتكە كىرەلىگەن، ئاندىن كەيپىياتى تۇراقلاشقان، دىققىتىمۇ تەبئىي ھالدىلا تولۇق مەركەزلەشكەن.

    بۇ ھەقىقەتەنمۇ كارامەت!  

    «تەلۋىلەر ئېنگىلىزتىلى(Crazy English)» تەھرىر گۇرۇپپىسى تۈزگەن «Eight Magic Steps to Marvellous Translation from Chinese to English» ناملىق كىتابتىن پايدىلىنىلدى. 


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • ئادىرىسىمىز :
    http://uyenglish.com/bbs/index.php

    مىنىڭ داھىملىق ئىلخەت ئادىرسىم :
    hero_english@yahoo.com.cn

    چوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ، خۇدا ئىشلىرىڭىزغا ئاسايىشلىق ، ئۇتۇق ئاتا قىلسۇن!
    م.ئە.سەبۇرى回复مەۋلان说:
    بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ.مەخسۇس ئىنگلىزتىلى ئۆگېنىش مۇنبىرىدىن كۆۋرۈك ئىنگلىزتىلى سالونىلا بار ئىدى. سىزلەرنىڭ ئالغان ئىسمىڭىزلار ۋە مۇنبەرگە نۆۋەتتە تەسىس قىلىنغان سەھىپىلەر ناھايىتى ياخشى بوپتۇ،ئاللاھ خالىسا ئىستىقبالى ياخشى بولغۇدەك.
    ئېلخەت كەتتى، ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئالغايسىز!

    2009-03-16 19:53:04
  • تىمىڭىزنى ياقتۇردۇم ، سىزدىن بۇ تىمىڭىزنى يىڭىدىن قۇرۇلغان خەلقئارا ئۇيغۇر ئىنگلىزتىلى مۇنبىرىمىزگە كۆچۈرۈش ھەققىدە ئەھۋال سوراي دەپ سۆز قالدۇرىشىم . جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن،
    م.ئە.سەبۇرى回复مەۋلان说:
    كۆپ رەھمەت. بۇ تېمىلاردىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى مەن ئۈچۈن شەرەپ، بولسا شۇ مۇنبەر ئادرىسىنى يوللاپ بەرسىڭىز، پېقىر يېڭىدىن قۇرۇلغان تور بەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆز بۇرچى دەپ قارايدۇ.

    سەبورى تور ئىنگلىزتىلى نامىدىكى 5 .لىكسىيەلا ئەمەس، بەلكى بارلىق 5 لېكسىيەنى مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش ئالدىنقى شەرتى ئاساسىدا كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بلوگنىڭ بىۋاستە كۆچۈرۈش ئىقتىدارى چەكلەنگەن، شۇڭا سىزگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن دائىم ئىشلىتىدىغان ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز، ئەسلى تېما ھۆججەتلىرىنى يوللاپ بېرەي.
    2009-03-16 10:13:56