-
سەبورى تور ئىنگلىز تىلى 5. لېكسىيە - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-17
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ھالىتى، بەدەننى ئەركىن تۇتۇپ، دىققەتنى يىغقان بىر خىل ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدىكى يۈكسەك ھالەتتۇر، ئاممىباب قىلىپ ئېيىتساق بۇ دەل «ئۆگېنىپ كېتىش» تۇر.
ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن كۆڭۈلدىكىدەك ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، چۈنكى باشقا نۇرغۇنلىغان ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتسىز ئوي– پىكىرلەر كاللىمىزنى چىرمىۋالغان بولىدۇ.
ئۇنداقتا دىققەتنى يىغىپ، بەدەننى ئەركىن تۇتقان ھالەتكە كىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىسا ياخشى بولىدۇ؟
بىر خىل ئۇسۇلدا تېزلىكتە بۇ ھالەتكە كىرگىلى بولىدۇ، بۇ دەل «ئاپلېسىن دىققەتنى يىغىش ئۇسۇلى». بۇ چارە ناھايىتى ئاسان، پەقەت دىققىتىڭىزنى بىر نۇقتىغا يىغسىڭىزلا دەرھال ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرىپ كېتىسىز.
«ئاپلېسىن دىققەتنى يىغىش ئۇسۇلى» دەل دىققەتنى مۇقىم ھالدا كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بەدەن ۋە كاللىمىزدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە «دىققەت مەركەزلەشكەن ئەركىن ھالەت» نى شەكىللەندۈرىدۇ.