• ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ھالىتى، بەدەننى ئەركىن تۇتۇپ، دىققەتنى يىغقان بىر خىل ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدىكى يۈكسەك ھالەتتۇر، ئاممىباب قىلىپ ئېيىتساق بۇ دەل «ئۆگېنىپ كېتىش» تۇر.
    ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن كۆڭۈلدىكىدەك ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، چۈنكى باشقا نۇرغۇنلىغان ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتسىز ئوي– پىكىرلەر كاللىمىزنى چىرمىۋالغان بولىدۇ.
    ئۇنداقتا دىققەتنى يىغىپ، بەدەننى ئەركىن تۇتقان ھالەتكە كىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىسا ياخشى بولىدۇ؟
    بىر خىل ئۇسۇلدا تېزلىكتە بۇ ھالەتكە كىرگىلى بولىدۇ، بۇ دەل «ئاپلېسىن دىققەتنى يىغىش ئۇسۇلى». بۇ چارە ناھايىتى ئاسان، پەقەت دىققىتىڭىزنى بىر نۇقتىغا يىغسىڭىزلا دەرھال ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرىپ كېتىسىز.
    «ئاپلېسىن دىققەتنى يىغىش ئۇسۇلى» دەل دىققەتنى مۇقىم ھالدا كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بەدەن ۋە كاللىمىزدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە «دىققەت مەركەزلەشكەن ئەركىن ھالەت» نى شەكىللەندۈرىدۇ.

  • 1.I’m an office worker.                 مەن ئىشخانا خىزمەتچىسى.       
    2.I work for the government.            مەن ھۆكۈمەت ئورگېنىدا خىزمەت قىلىمەن.
    3.I’m happy to meet you.    سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمگە ناھايىتى خوشالمەن. 
    4.I like your sense of humor.       مەن سىزنىڭ يۇمۇرلۇق مېجەزىڭىزنى ياقتۇرىمەن.    
    5.I’m glad to see you again.  سىز بىلەن قايتا كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خوشالمەن.
    6.I’ll call you.               مەن سىزگە تېلىفون قىلىمەن .
    7.I feel like sleeping/ taking a walk.    مېنىڭ ئۇيقۇم كېلىۋاتىدۇ \ مېنىڭ پىيادە ماڭغۇم بار .
    8.I want something to eat.      مېنىڭ ئازراق بىر نەرسە يېگۈم بار .   
    9.I need your help.        مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە موھتاج  .       
    10.I would like to talk to you for a minute.  
    مەن سىز بىلەن پاراڭلىشىپ باقسام بوپتىكەن .11.I have a lot of problems.         مېنىڭ سوئالىم ناھايىتى كۆپ .
    12.I hope our dreams come true.
     مەن ئارزۇيىمىزنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن . 
    13.I’m looking forward to seeing you.            مەن سىزنى كۆرۈشكە تەشنامەن .
    14.I’m supposed to go on a diet / get a raise.
     مەن تاماقتىن پەرز تۇتۇشۇم كېرەك \ مەن مائاشنى ئۆستۈرۈشۈم كېرەك .
    15.I heard that you’re getting married. Congratulations.
      سېنى توي قىلىدۇ دەپ ئاڭلىدىم . مۇبارەك بولسۇن !

    ... ...