-
Google، Baidu ۋە ئۇيغۇرچە ئىزدىگۈچ - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-12-16
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/53980022.html
ئىزدەش ماتورى ھەقىقەتەن كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئاۋۋال تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ كۆرەيلى:
1995.يىلى ئىككى ياش ئوقۇغۇچى Larry Page ۋە Sergey Brin ئورتاق پىكىرگە كېلىپ كۆپ مىقداردىكى ئۇچۇرلار ئارىسدىكى لازىملىق ئۇچۇرنى توغرا تېپىپ چىقىشنى ئەڭ چوڭ رىقابەت دەپ قارىغان. 1996.يىلى بۇ ئىككىيلەن Larry نىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ياتىقىدا Google شېركىتىنىڭ بىرىنجى سانلىق ئۇچۇر مەركىزىنى قۇرىدۇ. 2000.يىلى Google دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھالەتنى ھازىرغا قەدەر ساقلاپ كەلمەكتە. 2005.يىلى Google نىڭ پايچېك باھاسى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان. شېركەت بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ، «دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش!» ئۇلارنىڭ نىشانى بولۇپ كەلمەكتە.(يۇقىرىقى مەزمۇنلار سەبورى تورى ئىشخانىسى ئىزدەش ماتورى سەھىپىسىدىن ئېلىندى:
http://sebori.cn/home/html/search/12.Html)بىز يەنە جۇڭگودىكى بەيدۇ تورىنىڭ دۇنيا رېتىنىڭ 9.دەرىجە بولۇپ تىزىلغانلىقى، بەيدۇ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى لىيەنخۇڭ ئەپەندىمنىڭ جۇڭگودىكى ئون چوڭ باي قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىدەك سىرلىق تۈس ئالغان ھېكايىلەردىن ھاياجانلانماي تۇرالمايمىز. گوگېل ۋە بەيدۇ تورىنىڭ بۇنچە ئالقىشقا ئېرىشىشىدە ئۇلارنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىيدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ بۇ ئىككى تور بېكەت ئىزدەش ماتورى مۇلازىمىتىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان تور بېكەتلەردۇر.
ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر ئىچىدە ئىزدەش ماتورى بارمۇ يوق؟
ئەلۋەتتە بار، بىزدە ئۇيگوگېلuygoogle.com، ئىزدەش تورىizdax.cn ۋە izdax.net ، تورتاپ tortap.com ۋە تېزتاپ tiztap.com قاتارلىق ئىزدەش تور بېكەتلىرى خېلى بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئىزدەش تور بېكەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ خېلى ياخشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ ئىزدەش تور بېكەتلىرى Google تور بېكىتىنىڭ AJAX تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولغاچقا، ئۇچۇر ئامبىرى جەھەتتىن Google API نى ئىشلىتىدۇ، شۇڭا Google تورى بىلەن ئوخشاش ئۇچۇر ئامبىرىغا ئىگە، Google تورى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى كۆپلەپ قوشۇۋېلىپلا قالماستىن، يەنە مەخسۇس ئۇيغۇرچە يېزىقنى قوللايدىغان بېتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، پروگرامما تۈزۈشتىن بەلگىلىك ئاساسى بولغان كىشى كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايلا ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئىزدەش ماتورىنى تۈزۈپ چىقالايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق يەنە Google تور بېكىتى تەرىپىدىن كەلگەن يۇقىرى سوممىلىق ئېلان كىرىمىگە ئېرىشەلەيدۇ.پېقىر سەبورى ئانا تىلىم تور تۇراسى قۇرۇلۇپ ئۇزاققا قالمايلا (2009.يىلى 1.ئاي ئەتراپىدا)، ئىلگىرىكى ئۇلانمىلار بلوگىغا توپلىغان بلوگلارنى Google نىڭ ئىزدىگۈچ باشقۇرغۇچىسىغا توپلاپ تۆۋەندىكى ‹مەخسۇس ئۇيغۇرچە بلوگلاردىن ئىزدىگۈچ › ناملىق تېمىنى يوللىغان ئىدىم:
logs/34382403.html
ئۇ ۋاقىتلاردا تېخنىكا بىلىمىم كەمچىل بولغانلىقتىن، ئىزدەلگەن نەتىجىنى كۆرسىتىش بېتىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ كۆرسىتىشنىمۇ ئويلىشىپ ئولتۇرماي
http://www.google.com/cse/home?cx=005056213345391191149:-aseflj3ksm&hl=zh-CN
نى بىزنىڭ ئۇيغۇرچە بلوگلاردىن ئىزدىگۈچ دەپ ئېلان قىلىپ يۈرگەن ئىكەنمەن. دەل مۇشۇ پۇرسەتتە. شەبنەم تورىدا بىر قانچە توردىشىمىز باشقا ئۇيغۇرچە ئىزدەش تور بېكەتلىرىنى كۆرۈپ بېقىشىمنى تەۋسىيە قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بىر قەدەر مۇكەممەلراق ئۇيغۇرچە ئىزدىگۈچ ياساش ئويى قەلبىمنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى.Google نىڭ AJAX تېخنىكىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ كۆرۈپ قايتا- قايتا سىناق قىلىپ ئىزدەش ماتورىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ باققانمۇ بولدۇم، بىراق نىمىشقىكىن تۈزۈپ چىققان نەرسە يەنىلا Google غا بېقىنىپ خىزمەت قىلىدىكەن دەپ كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە قايىل ئەمەس. شۇنداق قىلىپ بارا- بارا مۇستەقىل بولغان ئىزدىگۈچ سېستىمىسى قۇرۇپ، مەخسۇس ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى قوشۇۋالىدىغان، ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بىرەر تور بېكەت تۈزۈش پىلانى كىچىكلىكتىن زورىيىپ ماڭدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپ قىسىم ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر تاقالغان، زىيارەتچىلەر سانى چەكلىك بولغان شارائىت ئاستىدا ئەسلىدىكى ئېلېكتىرون بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىدا قۇرۇلغان سەبورى ئېلېكتىرونى كۇلۇبى تور بېكىتىنى قەدەممۇ- قەدەم ئۆزگەرتىپ تۈزۈپ سەبورى ئۇيغۇرچە ئىزدەش تور بېكىتى مەيدانغا كەلدى.
زىيارەت ئادرىسى: www.sebori.cn
تېخنىكا سەۋىيەسى جەھەتتىن ئىقتىدارى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن پېقىرنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە ئىزدىگۈچ ياساش ئارزۇسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ۋە ئىپتىخارلىق نەتىجە. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورداشلار بىلەن بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئورتاقلىشىپ كۆردۈم.
ئاناتىلىم تور تۇراسىنى قۇرۇش ئاناتىلىمىز ھەققىدىكى مۇلاھىزە ۋە مەسىللەر ھەققىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولسا، سەبورى تور بېكىتىنىڭ ئىزدەش ماتورى يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشى سەبورىنى ئانا تىلىمىزدا تۈزۈلگەن تور بېكەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەمچى كۈچ بولىدىغان تور بېكەت بولۇش يولىدا ئىزدىنىدىغان بىر ئەزاسى قىلغۇسى!
收藏到:Del.icio.us

评论
ئەلۋەتتە، دوستۇم. ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن!