<<  ئانا تىلىم بلوگىغا قانداق قارايسىز؟ | باش بەت | چەت ئەلدىكى بىر ئۇيغۇر ئانا بىلەن سۆھبەت  >>
  • مەخسۇس ئۇيغۇرچە بلوگلاردىن ئىزدىگۈچ - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]

    2009-01-28

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34382403.html

     ئىزچىل تۈردە خەلىقئارالىق ئىزدەش ماتورلىرىدىكى ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشۇرىدىغان بىرەر ئامال بارمىدۇ دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم. چۈنكى گوگېلغا ئوخشاش ئۇچۇر ئىزدىگۈچ ئىزدەش ماتورلىرىدا بلوگ ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىزدىلىشى بلوگ بەتلىرىنىڭ ئىزدەش ئۇچۇر ئامبىرىدا بولغان قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ئاناتىلىم بلوگىغا ئاتاپ مەخسۇس ئىزدەش ماتورى تۈزۈپ چىقىلدى، كەڭ قېرىنداشلار ئاناتىلىم بلوگىنىڭ ئوڭ تەرەپ سەھىپە تۈرىدىن ئاسانلا بۇ ماتورنىڭ ئورنىنى تېپىۋالالايدۇ، :

     

    «ئۇيغۇرتىلى» نى ئىزدەش نەتىجىسى :

    ئۇيغۇرتىلىنى ئىزدەش نەتىجىسى
    بۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ ئۇچۇر ئامبىرى بلوگلىرىمىز بلوگىدىكى نۆۋەتتە توپلانغان 144 بلوگ بولۇپ، يېڭىدىن قوشۇلغان بلوگلار داۋاملىق ئۇچۇر ئامبىرىغا قوشۇپ قويۇلىدۇ، گوگېلىدىن ئاجرىتىپ بەرگەن بەت ئادرېسى :
     http://www.google.com/coop/cse?cx=005056213345391191149:-aseflj3ksm&hl=zh-CN

    باشقا بلوگ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە بۇنى ئىشلىتىشنى خالايدىغان دوستلار ئۈچۈن ئىزدەش ماتورىنىڭ ئەسلى كودىمۇ قوشۇمچە قىلىپ بېرىلدى. تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزدىكى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئورۇنغا قويۇپ قويسىڭىزمۇ ياكى تور بەت شەكلىدە ساقلىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ كود رەڭ جەھەتتىن بلوگىڭىز بىلەن ئاپتوماتىك ماسلىشىدۇ.

    كودنى كۆچۈرىمەن


    ئەگەر ئىزدەش نەتىجىسىدە سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى مەزمۇنلار كۆرۈنمىسە تۆۋەندىكى ئادرېستىن گوگېلغا بلوگىڭىزنى قوشۇپ قويغايسىز، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە نەتىجىسى چىقىدۇ:
    http://www.google.com/addurl/?hl=zh-cn
    ئەگەر يەنە نەتىجىسى چىقمىسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ. كود قويۇش جەريانىدا يولۇققان ھەرقانداق مەسلىگە قارىتا تېما ئاستىدىكى ئىنكاس ئورنىدا تەپسىلىي جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • ھەقىقەتەن جاپا تارتىپسىز ، ئۇيغۇر بلوگلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسسىڭىزنى قۇشۇپسىز !!! ئاللاھ ئىگەم مۇكاپاتىنى بەرگەي!!!!
    يەنىمۇ تىرىشىڭ !!!
    م.ئە.سەبۇرى回复بىلىملىكلەر说:
    كۆپ رەھمەت، ئاللاھ ئىگەم ئۇيغۇرۇمنى خار كۈنگە قويغىلى نىسىپ قىلمىغاي! ئاللاھتىن مەدەت ۋە كۈچ–قۇدرەت تىلەيمەن. ئاللاھ بارلىق مۆمىن بەندىلىرىنى خاتىرجەم قىلغاي!
    2009-01-28 18:51:32