-
سەبۇرى تورىدا يېڭىلىقلار [تەۋسىيە] - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-10-26
سەبورى ئېلېكتىرونى تورى 2009.يىلى 4.ئايدا قۇرۇلغاندىن باشلاپ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاددىيلىقتىن مۇكەممەلللىشىپ بۈگۈنكى ھالەتكە يەتتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە قوللىغۇچىلارغا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
يېقىنقى 1 ئاي جەريانىدا سەبورى تورىدا ئۇسلۇب ۋە ئىقتىدار جەھەتتىن ئۆزگىچە تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك قىسقىچە خۇلاسە ئېلىپ بېرىلدى:
1.باش بەت ئۇسلۇبى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، سەھىپىلەرگە مەخسۇس رەسىم نۇسخىسى لاھىيەلەندى، نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان تور بېكەتلەر ئۇلىنىشىنى باش بەتتە قولايلىق كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. زىيارەت ئادرىسى:
http://seburi.com/
ھەر قايسى سەھىپىلەر مۇكەممەل ئىقتىدارلىق سەھىپە بولۇش بىلەن بىرگە ئۇسلۇب جەھەتتىن سۇس كۆك رەڭنى ئاساس قىلىپ بىر خىللاشتۇرۇلدى.2. فىلىم مەركىزى يېڭىلاندى.
توپلانغان ئۇيغۇرچە نادىر فىلىم 166 كە يېتىش بىلەن بىرگە ھەربىر تۈردىكى ئەڭ يېڭى 6 فىلىمنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە فىلىم كۆرۈش بېتىدىكى ئەڭ يېڭى يوللانغان فىلىملەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. بۇنىڭغا يەنە فىلىم ئاستىغا تىزىملاتماي تۇرۇپ ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارىنى قوشۇش پىلانلىنىۋاتىدۇ. زىيارەت ئادرىسى:
http://seburi.com/filim/3. سەبورى خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تور لۇغىتى
بۇ ئالاھىيدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان سەھىپە بولۇپ، ئەسلىدىكى ئاددى بولغان كەسپىي ئاتالغۇ لۇغىتى رەسمىي ھالدا ئۇنىۋىرسال تور لۇغىتى قىلىپ تۈزۈپ چىقىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى. خالىغان خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىننى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. نۆۋەتتە لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىۋاتىدۇ. زىيارەت ئادرىسى:
http://seburi.com/dict/4. مۇنبەر سەھپىلىرى كۆپەيتىلدى.
-
ئاناتىلىم تورتۇراسىنىڭ ھەرىكەتلىك رەسىم ئېلان ئورنى ئەسلى كودى - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-03-28
بۇ يان سەھىپدىكى ھەرىكەتلىك ئېلان ئورنىنى ئەسلى كودى، كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى.
تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارساق بولىدۇ:
بىرىنجى قەدەم: يېڭى ماقالە يېزىش تۈرىنى تاللاپ ماقالە يوللاشنى باشقۇرۇش بېتىگە كىرىمىز.
تور دۇكىنى ئېچىشتىكى بەش ئاساس - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-03-20
بىرىنجى: تور دۇكىنى ئېچىشتا تەييارلىقسىز ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ
تاۋباۋدا ئىگىلىك تىكلەيمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم ئاۋۋال ھەرتۈرلۈك ئاساسىي بىلىم ۋە تېخنىكىلارنى ئىگەللەپلا قالماي، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ھەقىقىي بىلىمىڭىزگە ئايلاندۇرىشىڭىز كېرەك. تاۋباۋدا دۇكان ئېچىشتىن ئىلگىرى تاۋباۋ ئۇنۋىرسىتىتى ياكى تاۋباۋ رايونلىرى قاتارلىق تور بەتلەردىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ئالدىنقىلارنىڭ قانداق ئىگىلىك تىكلىگەنلىكى، قانداق قىلىپ ئىشەنچ دەرىجىسىنى نۆلدىن شاھلىق ئورنىغا ئاشۇرالىغانلىقىنى ئۆگىنىڭ. نۆلدىن شاھلىق ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆپلەپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىگە ئىشىنىمىز، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش تەجىرىبىسىنى بىر– ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا يىغىنچاقلاپ كەتكىلى بولمايدۇ، بۇ يەنە قانداق مال كىرگۈزۈش، مالنى سېتىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى مۇلازىمەتلەرنى قانداق ئېلىپ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت ئۈزلۈكسىز تۈردە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگەنگىنىمىزدىلا ئۆزىمىزنىڭ كىچىك دۇكىنىمىزنى ئەگرى يولدا ئاز ماڭغۇزۇپ روناق تاپقۇزالايمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىلىكىلەرنىڭ يەكۈنى.بلوگباستا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبنى قاچىلاشنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشى - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-03-20
بلوگباس سۇپىسىغا يېڭىدىن كىرىپ كېلىۋاتقان ياكى ئىلگىرىكى بلوگ ئۇسلۇبى باشقىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق تۈزۈلگەن تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلارنى خالىغانچە قاچىلاپ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىگە قولايلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ رەسىملىك دەرسلىك تۈزۈلدى، چۈشىنىكسىز بولغان جايلىرىغا ئىنكاس قالدۇرىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
1. ئۇسلۇب سەھىپىسگە كىرىشتور ئېلانلىرىنىڭ ئۆلچىمى - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-03-14
پېقىر تور بەتلەردىكى كىچىككىنە رەسىملەرنىڭ سېھرىي كۈچى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقانغا ئاز–كەم 3 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا 150 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە تور بەت ۋە بلوگلارغا ھەقسىز تۇغ تەمىنلەش ۋە تور بەت ھۆسىن تۈزەش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. تور بەتكە تۇغ ۋە پلاكات ياساش ھەۋەسكارلىنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز شەخسىي لاھىيە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى ياخشى يۈزلىنىش، بىراق بۇ لاھىيەلەردە ئەڭ ئاۋالقى ئۆلچەم تۇغ رەسىملىرىنىڭ چوڭ– كىچىكلىك ئۆلچىمى ئاز بولمىغان بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا. بۇ بىزنىڭ بەزى تۇغ لاھىيە رەسىملىرىنى ئورتاق قوللىنىشىمىزغا ۋە ئېلانچىلىق ئىشلىرىنى ئورتاق راۋاجلاندۇرىشىمىزغا بىر قىسىم توسقۇنلۇقلار ئېلىپ كەلمەكتە. تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتە بىر قىسىم ئۇچۇرلار تەمىنلەنگەن . تور بەتلەردىكى تۇغ رەسىملىرىنىڭ ئۆلچىمى ئاللىبۇرۇن خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆز تور بېتىگە ئېلان قويغان تور بەتلەر، بولۇپمۇ ئۇلىنىش تور بەتلىرىنىڭ ئامال بار مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىشىنى، ھەم شۇ ئارقىلىق تور بەتلەرنىڭ سۈپىتى، ئېچىلىش سۈرئىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ھەممە باسمىخانىلار ئۇيغۇرچە قوللىسۇن! - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-02-14
توردىكى بەزى نادىر ماقالىلەرنى ئۇچراتقىنىمىزدا ساقلاپ قويۇپ ئايرىم تەتقىق قىلغۇمىز كېلىدۇ . پېقىر ئىچىكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا مەكتەپتىكى باسمىخانىلاردا ئۇيغۇرچە فونىتلار يوق . ئۇلارنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلاپ قوياي دېسە بەزى يولداشلار قوشۇلمايدۇ ، شۇڭا ھەممىلا باسمىخانىدا ياقتۇرىدىغان ماقالىلىرىمنى باستۇرۇپ ئېلىپ قويۇشۇم قولايلىق بولىدىغان بىر ئۇسۇلغا ئېھتىياجلىق بولغىنىمدا «كومپىيۇتېر مەستانىلىرى» ئېلىكىتىرونلۇق ژورنىلىدىن ئۆزۈمگە كېرەكلىك تېخنىكىنى تاپقان ئىدىم(ئۇنى كۆرگىنمگە ئۇزاق بولۇپ كەتكەچكە قانچىنجى سانىدىن كۆرگىنمنى ، كىم يازغان تېما ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدىم ،ئەپۇ قىلغايسىلەر !) ، ھەم بىر يىل ئىلگىرى شىئەندە بىر سان چىقىرىپلا توختاپ قالغان «ياشلىق چەشمىلىرى» ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى گېزىتىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق باسمىخانىدىكى باسما تىزىش يۇمتالىنىڭ ئۇيغۇرچە فونىتنى قەتئىي قوللىماسلىق قېيىنچىلىقىدىن ئۆتۈۋالغان ئىدۇق . بىر يېرىم يىلدىن بېرى بۇنى ئاز بولمىغان دوستلارغا ئۆگەتتىم ، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قايتىدىن تېما قىلىپ يوللاپ قويۇشنى قارار قىلدىم . ئاۋۋال خەت نۇسخىسىنى ۋورد ھۆججىتىگە باغلىۋېتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان .
... ...ئۇيغۇرچە خەتلەر رەتلىك كۆرۈنسۇن! - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-02-14