<<  تاۋباۋ(taobao)دا تور دۇكىنى ئېچىپ باقتىم | باش بەت | تور دۇكىنى ئېچىشتىكى بەش ئاساس  >>
  • بلوگباستا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبنى قاچىلاشنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشى - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]

    2009-03-20

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36787971.html

    بلوگباس سۇپىسىغا يېڭىدىن كىرىپ كېلىۋاتقان ياكى ئىلگىرىكى بلوگ ئۇسلۇبى باشقىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق تۈزۈلگەن تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلارنى خالىغانچە قاچىلاپ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىگە قولايلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ رەسىملىك دەرسلىك تۈزۈلدى، چۈشىنىكسىز بولغان جايلىرىغا ئىنكاس قالدۇرىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
    1. ئۇسلۇب سەھىپىسگە كىرىش

    维族

    2.بەلگىلىگىلى بولىدىغان ئۇسلۇبنى تاللايمىز

    维族 模板

    3.يېڭىدىن ئۇسلۇب قۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىمىز

    维族

    چىققان تېكىسىت رامكىسىغا يېڭى ئۇسلۇبنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرىمىز.

    维族 模板

    4. ئۇسلۇبنى تەھرىرلەش بېتىگە كىرىمىز

    维族 模板

    دىمەك بۇ يەردە كۆرۈنگەن ئۇسلۇب بۆلەكلىرى تارقىتىلغان ھەقسىز ئۇسلۇبلاردىكى تېكىست ھۆججەتلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش، بۇلارنى بىر– بىرلەپ ئېچىپ ھەقسىز تەمىنلەنگەن ئۇسلۇبتىكى ماس مەزمۇنلارنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاپ ساقلايمىز.

    维族模板

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: ھەربىر مەزمۇن كۆچۈرۈپ چاپلانغاندىن كېيىن ئاستىدىكى ساقلاش كۇنۇپكىسىدىن ساقلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!

    5. ئاخىرىدا بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىشنى تاللىساق پۈتىدۇ.

    维族 模板

    مۇبارەك بولسۇن، يېڭى ئۇسلۇبقا ئىگە بولدىڭىز! ئۇيغۇر بلوگچىلار سېپىدىكى تۇرمۇشىڭىز كۆڭۈللۈك ئۆتكەي!

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تورتۇرانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن تېمىنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەيسىز، ھەمكارلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • ئەسسالام ، م.ئە.سەبورى:
    نورۇز مۇبارەك!
    يۇقىرىدىكى تورداش تىلغا ئالغان مەسىلىگە مەنمۇ يولۇققان. مەنمۇ بۇ جەھەتتە (تورخاتېرە يېزىش) يېڭى ئۆگەنچى بولغاچ تازا قاملاشتۇرۇپ كېتەلمىدىم. ئەجىبا بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ بلوگىغا ئايرىم eotھۆججىتى ياسىشىمىز لازىمما؟ باشقىلانىڭكىنى يۆتكەپ ئىشلەتكىلى (调用) بولمامدۇ؟ ئەگەر ياسىماقچى بولساق قانداق ياسايمىز، بۇ توغرىسىدا يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز ياكى ماتېريىال بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز، كۆپ رەھمەت.
    م.ئە.سەبۇرى回复يولۇچى说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!سىزنىڭمۇ نورۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.
    پېقىرنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغان eot ياساشنى مەن ئىلگىرى يوللىغان بىر تېمىدىن پايدىلانغايسىز :
    http://ulanmilar.blogspot.com/2009/01/blog-post_23.html
    بۇ تېمىدا دەل باشقىلارنىڭ eot ھۆججىتىنى ئاددى يول ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ تور بېتىگە ئىشلىتىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.
    يەنە قېيىنچىلىقلار بولسا ئوتتۇرىغا قويغايسىز، ۋە ياكى eot لازىم بولغان تور بەت ئادرىسىنى قالدۇرسىڭىز پېقىر ياساپ بەرسەممۇ بولىدۇ.
    2009-03-23 18:27:38
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! سىز بۇنى تەييارلاپ تولىمۇ ياخشى قىلىپسىز، سىز گە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت. ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي....
    مەن كۆرسەتمىڭىز بويىچە ئۇسلۇب ھۆججەتلىرىنى قاچىلاپ بۇلۇپ قارىسام بەت خۇددى eot بولمىغان تور بەتلەردەك يەنى weftتىن ئۆتكۈزۈلمىگەندەك ھالەتتە. بۇنى قانداق قىلىپ ئوڭشىغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسدا تەلىم بەرسڭىز.
    م.ئە.سەبۇرى回复哈利说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! نورۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يېقىندىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
    سىز باشقىلار تەرجىمە قىلغان ھەرقانداق بىر ئۇسلۇبنى ئىشلىتىڭ ياكى ئۆزىڭىز بىر ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىڭ ئۇنىڭغا بىر eot ياسىمىسىڭىز بولمايدۇ. لېكىن بلوگىڭىزغا بىرلا eot ياسىۋالسىڭىز قايتا ئۇسلۇب يەڭگۈشلىگەندە شۇنى ئىشلىتىۋەرسىڭىز بولىدۇ.
    eot ھۆججىتىنىڭ ئورنى css نىڭ ئىچىدە:

    @font-face {
    font-family: UKIJ Tuz Tom;
    font-style: normal;
    font-weight: normal;
    src: url(files/12338132100.eot);
    }


    files/12338132100.eot بۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنىڭ eot ھۆججىتىنى ئالماشتۇرىۋېتىڭ.
    2009-03-21 09:35:15