<<  بلوگباستا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبنى قاچىلاشنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشى | باش بەت | بلوگباستا ماقالە يوللاشنىڭ رەسمىلىك چۈشەندۈرۈلۈشى  >>
  • تور دۇكىنى ئېچىشتىكى بەش ئاساس - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]

    2009-03-20

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36794907.html


    بىرىنجى: تور دۇكىنى ئېچىشتا تەييارلىقسىز ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ
        تاۋباۋدا ئىگىلىك تىكلەيمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم ئاۋۋال ھەرتۈرلۈك ئاساسىي بىلىم ۋە تېخنىكىلارنى ئىگەللەپلا قالماي، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ھەقىقىي بىلىمىڭىزگە ئايلاندۇرىشىڭىز كېرەك. تاۋباۋدا دۇكان ئېچىشتىن ئىلگىرى تاۋباۋ ئۇنۋىرسىتىتى ياكى تاۋباۋ رايونلىرى قاتارلىق تور بەتلەردىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ئالدىنقىلارنىڭ قانداق ئىگىلىك تىكلىگەنلىكى، قانداق قىلىپ ئىشەنچ دەرىجىسىنى نۆلدىن شاھلىق ئورنىغا ئاشۇرالىغانلىقىنى ئۆگىنىڭ. نۆلدىن شاھلىق ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆپلەپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىگە ئىشىنىمىز، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش تەجىرىبىسىنى بىر– ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا يىغىنچاقلاپ كەتكىلى بولمايدۇ، بۇ يەنە قانداق مال كىرگۈزۈش، مالنى سېتىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى مۇلازىمەتلەرنى قانداق ئېلىپ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت ئۈزلۈكسىز تۈردە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگەنگىنىمىزدىلا ئۆزىمىزنىڭ كىچىك دۇكىنىمىزنى ئەگرى يولدا ئاز ماڭغۇزۇپ روناق تاپقۇزالايمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىلىكىلەرنىڭ يەكۈنى.
      
    ئىككىنجى: يۈرەكلىك ھالدا سىناپ كۆرۈش   سىناپ كۆرمەسلىك ئاكتىپلىقتىن ۋاز كەچكەنلىكتۇر
        بۇ سۆزنى تىلغا ئالغاندا ئۆزۈمنىڭ تور بىلەن يېڭى ئۇچراشقان ۋاقتىمدىكى كەچۈرمۈشۈمنى سۆزلەشكە مەجبۇرمەن، ئۇ چاغدا مەن تاۋباۋدا ئەمەس، بەلكى 5 مىليون تورىدا بىرلىشىپ پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالماقچى بولغان، ئەينى ۋاقىتتا ئابونىت نامى بىلەن بانكا كارتا نۇمۇرىنىڭ بىر يەرگە باغلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپلا بانكا كارتىسىنىڭ مەخپىي نۇمۇرى ئوغۇرلىنىپ ئىچىدىكى پۇللار ئېلىپ كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرىگەنلىكتىن ۋاز كەچكەن ئىدىم. كېيىن خىزمەتداشلىرىمنىڭ كەينى– كەينىدىن توردىن بىرلىشىپ پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغانلىقى شۇنداقلا كۆپ پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، يەنە بىر قېتىم قىزىقىشىم قوزغالدى، ئەپسۇسلىنارلىقى كېچىككەن ئىدىم. دۆلەت "توردا بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى ئېلىشنى چەكلەش" ئۇقتۇرۇشىنى چىقاردى، شۇڭا بىز نېمىلا ئىش قىلمايلى سىناپ بېقىشقا غەيرەتلىك بولۇشىمىز كېرەك، سىناپ كۆرمەسلىك مەڭگۈ ئاكتىپلىقتىن ۋاز كەچكەن بىلەن باراۋەر، بولۇپمۇ دۇكاننى يۈرۈشتۈرگەندە شۇنداق، بىز ئىزدىنىش ئارقىلىق تىجارەت قىلىشنىڭ ئېڭى ۋە ئۇسۇلىنى پىكىر قىلىپ تېپىپ چىقىش يۈرەكلىك ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرساق، چوقۇمكى مەغلۇپ بولۇشتىن قورقمايمىز، مەغلۇپ بولساق بىزنىڭ ئۇسۇلىمىز بىر قەدەر مۇكەممەل، ئۆزىمىزگە خاس تىجارەت ئۇسۇلىغا ئايلانغۇچە قايتىدىن كەلسەك بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

    ئۈچىنجى: ئەڭ مۇھىمى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتا
        نېمىلا ئىش قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغان روھ بولۇشى كېرەك، ئۈچ كۈن بېلىق تۇتۇپ ئىككى كۈن تور قۇرىتىدىغان ئادەم ھېچقانداق بىر ئىشنى روياپقا ئېلىپ چىقالمايدۇ، تور سودىسى قىلىشمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئۇ بىر ئۇزاق مەزگىللىك جەريان، تەجىرىبىنى ئاستا – ئاستا توپلاشقا، ئىشەنچ دەرىجىسىنى ئاز ئازدىن ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن قېيىنچىلىقلار بولىدۇ، ئەگەر ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغان روھ بولمىسا، يېرىم يولدا توختاپ قېلىپ، ھېچبىر ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان ئىش چىقىدۇ.  شۇڭا مەن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەسلىكىڭىزنى، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتا غەيرەتلىك بولۇشىڭىزنى سورايمەن، ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندىمۇ توغرا داۋاملاشتۇرۇڭ، قارىغۇلارچە داۋاملاشتۇرماڭ، ئاستا– ئاستا شۇنى ھېس قىلىسىزكى، مۇۋەپپەقىيەت سىزگە قول شىلتىۋاتىدۇ! ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت.

    تۆتىنجى: پىكىر قىلىشقا ماھىر بولۇش ۋە جاپا تارتىشتىن خوشاللىق تېپىش
        تور دۇكان تېجارىتى جەريانىدا بىز تۇراقسىز ھالدا ھەرتۈرلۈك مەسىللەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز، بۇ ۋاقىتتا پىكىر قىلىشقا ماھىر بولۇپ مەسلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشىمىز، تاپالمىساق سوراپ بولسىمۇ بىلىۋېلىشىمىز ھەرگىزمۇ بۇ مەسىللەرنىڭ كېيىنلىك تىجارىتىمىزغا تەسىر يەتكۈزگۈچە ساقلىنىپ تۇرۇشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك، مەسىللەر داۋاملىق كۆپىيىپ ماڭسا بۇ تىجارىتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى پايدىسىز، تىجارەت جەريانىدا بايقىغان مەسىللەرنىڭ سەۋەبىنى تاپقاندىن كېيىن چوقۇم دەل ۋاقتىدا يېتەرلىك تەدبىر قوللىنىپ تەڭشەش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى سودا قىلىش جەريانى دەل ئۈزلۈكسىز مەسىللەرنى بايقاش ۋە ئۈزلۈكسىز تەڭشەش ئېلىپ بېرىش جەريانىدۇر، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا بىز ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىپ تور دۇكىنىمىزنىڭ تىجارىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، مەن يېڭى ئۆگەنچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كېچە سائەن بىرگىچە تاۋباۋ مۇنبەر رايونىدا تېما كۆرىمەن، گەرچە جاپالىق بولسىمۇ لېكىن مەن بۇنىڭدىن نۇرغۇن ئەمەلىي بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم، ھەرقانداق ئىش قىلغاندا جاپاغا چىداملىق بولۇش كېرەك، تور دۇكان تىجارىتى قىلغاندا جاپاغا چىداملىق بولۇپلا قالماي، يەنە جاپادىن خوشاللىق ئىزدەشنى بىلىش كېرەك. جاپادىن خوشاللىق ئىزدەش قانداق بولىدۇ؟ بىزنىڭ سەرپ قىلغانلىرىمىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ، بىز ئىشنى چوڭ قىلغاندىن كېيىن بىزدە بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بولىدۇ، بۈگۈنكى جاپا دەل ئەتىكى ھالاۋەتكە تەڭ بولىدۇ.

     بەشىنجى: كىشىلەرگە سەمىمىيەتچىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك
        مەيلى ئەمەلىي تۇرمۇشتا بولسۇن ياكى مەۋھۇم تور دۇنياسىدا بولسۇن بىردەك كىشىلەرگە سەمىمىيەتچىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك، سەمىمىيەتچىل بولۇش ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى، تور دۇنياسىدا تېخىمۇ شۇنداق، نۆۋەتتە توردىكى ئالدامچىلارنىڭ بىۋاستە ئېلىپ كەلگەن يامان تەسىرى تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ تورغا بولغان كۆز قارىشى توردا ئالدامچىلار بەك كۆپ دىگەندەك كۆز قاراش باسقۇچىدا توختاپ قالغان. بىر قىسىم كىشىلەر (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) تور بىخەتەر ئەمەس دەپ ئويلىغانلىقى ئۈچۈن تور دۇنياسىدىكى سەمىمىيەتچىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش تېخىمۇ گەۋدىلىنىشى كېرەك.

    مەنبە: تاۋباۋ توردا دۇكان ئېچىش كۆرسەتمىسى تورى

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تورتۇرانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن تېمىلارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەيسىز!


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى