-
تاۋباۋ(taobao)دا تور دۇكىنى ئېچىپ باقتىم - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-03-20
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36785170.html
توردا دۇكان ئېچىش تور سودىسىغا قىزىقىدىغان شەخىسلەرگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇل. ھەرقانداق بىر مەھسۇلات، ئۇچۇر ياكى مۇلازىمەتنى سىز تور سودىسى ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادىي پايدىغا ئايلاندۇرالايسىز. كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان ئەلىبابا شىركىتى قارمىقىدىكى تاۋباۋ تورى مۇكەممەل ئىقتىدار ۋە قولايلىق سودا– سېتىق سۇپىسى تەمىنلەپ بەرگەن بولۇپ، سىز ئەگەر پارچە سېتىش تۈرىگە قىزىقسىڭىز ئەلىبابا تورىدىن ماللارنى ئەرزان باھادا توپ ئېلىۋېلىپ بۇ يەردە پارچە ساتسىڭىزمۇ ۋە ياكى ئۆزىڭىدە بار بولغان كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدىكى سىزگە نىسبەتەن ئىشلىتىلىش قىممىتى بولمىغان لېكىن باشقىلارغا پايدىلىنىش قىممىتى بار نەرسىلەرنى تور دۇكىنىغا تىزىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. تور سودىسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن توردا دۇكان ئېچىشنىڭ تەپسىلىي جەريانى ۋە قەدەم باسقۇچلىرىغا دائىر بىرىنجى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈچ كۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىرى تاۋباۋ تورىدا ھەقسىز بىر دۇكانغا ئىگە بولدۇم، دەسلەپكى قەدەمدە ھەقسىز دۇكانغا ئېرىشىش ئۈچۈن پېقىردا بار بولغان 10 پارچە كىتاب مال قاتارىغا تىزىلدى:
http://shop57539730.taobao.com/تاۋباۋغا تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ھەقسىز دۇكان ئېچىش تۆۋەندىكى تۆت باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:
1.سالاھىيەتنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش؛
(1) شەخىسلەر تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش
(2) سودىگەرلەر (شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ھەرتۈرلۈك دۇكان ئاچقانلار) تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش2.مال ئېلان قىلىش، مال سانى ئونغا يەتكەندە دۇكان بېتى تەمىنلىنىدۇ؛
تور دۇكىنىنىڭ بەلگىلەيدىغان ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكى ئالتە تۈرلۈك:
(1) ئاساسلىق بەلگىلەشلەر
(2) ماللارنى تۈرگە ئايرىش
(3) ماللارنى تەۋسىيە قىلىش
(4) دوستانە ئۇلىنىش (باشقا تاۋباۋداشلارنىلا ئۇلىنىش قىلالايسىز)
(5) دۇكان سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى
(6) دۇكاننىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى بەلگىلەش3.ماللارنى سېتىش جەريانى؛
ئۈچ تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ:
(1)دۇكانغا قالدۇرۇلغان سۆز
(2)مالغا قالدۇرۇلغان سۆز
(3)باھا قويغانلىق ئۇچۇرى
ۋە ياكى مال ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتسىڭىزمۇ بولىدۇ.4.مالنى سېتىپ بولغاندىن كېيىنكى خىزمەتلەر
(1) مال سېتىۋالغۇچىنىڭ پۇل تۆلىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش
(2) مالنى ئەۋەتكەنلىكنى جەزىملەشتۈرۈش
(3) پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقنى جەزىملەشتۈرۈش
(4) ئۆز– ئارا باھالاشئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تورتۇرانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن تېمىلارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەيسىز!
收藏到:Del.icio.us
