<<  blogbus مۇلازىمەت سۇپىسى ئاناتىلىم تور تۇراسىغا ئالاھىيدە كۆڭۈل بۆلدى | باش بەت | تاۋباۋ(taobao)دا تور دۇكىنى ئېچىپ باقتىم  >>
  • ئاناتىلىم ئۆزگىچە ئۇسلۇبى تارقىتىلدى (نورۇز بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن) - [چۈشۈرۈش مەخسۇس رايونى]

    2009-03-20

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36783919.html

     بۇ پېقىرنىڭ بلوگباس سۇپىسىدىكى ئۇيغۇرچە بلوگ سېپىگە كىرگەندىن كېيىن بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان، ئىقتىدارلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبى بولۇپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاناتىلىم تورتۇراسىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا سوۋغا سۈپىتىدە سۇنۇلدى. پايدىلانغۇچىلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئاناتىلىم تورتۇراسىنىڭ كونا ئۇسلۇبى، يەنى ئاناتىلىم ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىر نەچچە كۈن ۋاقىتلىق ئىشلىتىلىپ تۇرغاندىن كېيىن يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئۇسلۇب ‹ياز پەسلى› داۋاملىق ئىشلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تارقىتىلغان ئۇسلۇپ پۈتۈنلەي تور دۇنياسىغا تەۋە بولىدۇ. 

    ئۇسلۇب تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغاندىن باشقا قوشۇلغان ئىقتىدارلىرى:
    1. ئەلىئانا ئېلان ئورۇنلىرى ئەسلىدىكى بەتكە ماس كەلدى دەپ قارالغاچقا ئۆز پېتى قويۇلدى.
    2.ئىنكاس يېزىش رايونىنىڭ ئاستىدىكى چىراي ئىپادىلىرى ئىقتىدارى.
    3. ئەپلىك ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى رەسىمى.
    4. تېما كۆرۈش بېتىنىڭ ئۈستىدىكى ئەلىئانا ئېلان ئورنىنىڭ ئاستىدىكى ھەرىكەتلىك خەتلىك ئېلان ئورنى
    5. تېمىلارنى ساقلىۋېلىش ئىقتىدارى (يەنى ياخۇ، بەيدۇ، گوگېل قاتارلىق 20گە يېقىن داڭلىق تور بەتلەرگە ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن قوشۇۋالىدىغان ئىقتىدار)

    باش بەت ئۈستى:

    ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب blogbus Uyghur

    تېما كۆرۈش بېتى ئۈستى:

    blogbus Uyghur

    ئىنكاس يوللاش رايونى:

    Uyghur

    چۈشۈرۈش ئادرىسى:  

    ئاناتىلىمدىن تور تۇراسىدىن چۈشۈرۈش
    قوشۇمچە چۈشۈرۈش ئادرىسى 1
    قوشۇمچە چۈشۈرۈش ئادرىسى 2

    ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب قاچىلاشنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشى


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • مەن بۇ ئۇسلۇبنى سىناپ باقتىم.كۆپ خەتلىك ماقالە يوللىغاندا(ئۇيغۇر تۈز توم خەت نۇسقىسىدا) بەت گىرۋەللىرىدە تۇتاشماسلىق يۈز بىرىدىكەن.شۇڭلاشقا، بۇ بەتكە باشقا خىل خەت نۇسقىسى ئىشلەتسە بولغۇدەك~!
    م.ئە.سەبۇرى回复ئۇيغۇربەگ说:
    پىكىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق. ئۇيغۇر يۇنكىود ئەلپىدا خەت نۇسخىسىنى ىسناپ باقساق قانداق بولار؟
    2009-09-24 23:48:09
  • ئەپەندى ،بۇ بلوگنىڭ يان سەھىپىسى سولغا توغرىلاغلىقكەن .ئوڭغا قىلغىلى بولمامدۇ ؟
    م.ئە.سەبۇرى回复otiken说:
    كەچۈرۈڭ. ئۈستى قىسمىدىكى نەقىشلىك قىسىملىرى رەسىم ھۆججىتى شەكلىدە بولغاچقا يان سەھىپىنى ئوڭغا توغرىلاش ئېلىپ بارغاندا پۈتۈن ئۇسلۇب بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن. شۇڭا بۇ ئۇسلۇب سول تەرەپلىك يان سەھىپە شەكلى ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان.
    2009-05-17 02:42:56
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكوم !
    ئەلقۇت بىلوگىنىمۇ ئۇلىنىشقا قۇشىۋالسىڭىز ، كۆپ رەھمەت !
    http://alkut521.blogbus.com/
    م.ئە.سەبۇرى回复ئەلقۇت说:
    يېقىندىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، ئۇستازىم. مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقان باغۋىنىمىزگە ئالىي ئېھتىرام!
    بلوگىڭىز ئۇلىنىش قىلىندى. مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!
    2009-03-23 18:22:00
  • ئىرىنمەي جاۋاپ يازغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت
    م.ئە.سەبۇرى回复Ruslan说:
    يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ قوللاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. بۇ ئۇسلۇبنى كېڭەيتىش ئىشىنى تەكلىپىڭىزگە ئاساسەن ئازراق ئىزدىنىپ كۆرگەن. لېكىن ئەڭ ئۈستىدىكى رەسىم ۋە بەتنىڭ ئۆز ئارا كىرىشكەن ئورۇنلىرىدىكى رەسىملەرنى ئۆزگەرتىشكە بولمىغاچقا ئاناتىلىم بلوگىنىڭ بۇ ئۇسلۇبىنى كېڭەيتىش خېلىلا قىيىنغا توختايدىكەن. ھەتتا يان سەھىپىنى ئوڭغا توغۇرلىسىمۇ بەت ئۈستىدىكى رەسىم تۈپەيلى توغۇرلىغىلى بولمايدىكەن.
    2009-03-23 18:18:24
  • ئانا تىلىم ئۇسلۇبىنىڭ ئىختىدارلىرى ماڭا ھەقىقەتەن ياقتى ئەپسۇس يازما كۆرۈش كۆزنىكى بەك كىچىككەن ئوڭ - سول تەرەپتىكى بىكار بوشلۇقنى ئازايتىپ يازما كۆزنىكىنى چوڭايتقىل بولماسمۇ ؟ مۈمكىن بولسا شۇنداق كىلىپ تەڭشەپ قويسىڭىز بوپتىكەن .
    ھۆرمەت بىلەن رۇسلان
    م.ئە.سەبۇرى回复Ruslan说:
    ئۇسلۇبنى ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
    لېكىن پېقىر مۇشۇنداق يان كۆزنەك كىچىك ئۇسلۇبلارنى ياقتۇرغاچقا شۇلارنى تاللاپ ئىشلەتكەن، چۈنكى بۇنىڭ قۇرى بەك ئۇزۇن بولمايدۇ، خەت ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق بولىدۇ. لېكىن سەۋىيەم بەك چەكلىك بولغاچقا ئومۇمىي نىسبەتنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمەن.
    لېكىن بىر كىشىنىڭ بۇ ئىشنى قىلالايدىغانلىقىنى بىلىمەن.
    http://tarim68.blogbus.com/
    ئۇستازىم تارىم ئۆتكەندە مەن بۇ تەرەپتىن ئەسلىسىگە سادىق بولۇپ تەرجىمە قىلغان تار كۆزنەكلىك موگۇ ئۇسلۇبىنى كەڭ ئۇسلۇبلۇق قىلىپ لاھىيلەپ چىققان ئىكەن. مەن تارىم ئەپەندىدىن ياردەم سوراپ باقاي.
    سەمىمىي تەكلىپ– پىكىرلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ھەر ۋاقىت كېلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
    2009-03-22 13:37:07