-
ئاناتىلىم ئۆزگىچە ئۇسلۇبى تارقىتىلدى (نورۇز بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن) - [چۈشۈرۈش مەخسۇس رايونى]
2009-03-20
بۇ پېقىرنىڭ بلوگباس سۇپىسىدىكى ئۇيغۇرچە بلوگ سېپىگە كىرگەندىن كېيىن بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان، ئىقتىدارلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبى بولۇپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاناتىلىم تورتۇراسىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا سوۋغا سۈپىتىدە سۇنۇلدى. پايدىلانغۇچىلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئاناتىلىم تورتۇراسىنىڭ كونا ئۇسلۇبى، يەنى ئاناتىلىم ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىر نەچچە كۈن ۋاقىتلىق ئىشلىتىلىپ تۇرغاندىن كېيىن يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئۇسلۇب ‹ياز پەسلى› داۋاملىق ئىشلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تارقىتىلغان ئۇسلۇپ پۈتۈنلەي تور دۇنياسىغا تەۋە بولىدۇ.
-
قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى: 1999.يىلى نويابىر، ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21.فېۋرال كۈنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.