-
ئانا تىل بايرىمى ھەققىدىكى تەشۋىقات ئىلتىجاسى - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-02-11
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35011024.html
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بلوگ باشقۇرغۇچىسى:
سىزنىڭ ئۆز ئانا تىلىمىزدا بلوگ يېزىشىڭىز، يالغۇز ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىنغان ياخشى قەدەم بولۇپ قالماستىن، بۇ يەنە ئۇيغۇر تىل– يېزىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ئۆچمەس ھەسسىڭىزنى قوشقانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن بۇنى ئاز سانلىق كىشىلەرلا ھېس قىلىدۇ، ۋە چۈشىنىپ يېتىپ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. 21. ئاپرىل كۈنىنىڭ خەلىقئارا ئانا تىل بايرىمى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىڭىز ياكى تاپمىدىڭىز، لېكىن ئانا تىلى ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىۋاتقان بىزدەك مىللەت ئۈچۈن بۇ بىز خەۋەر تېپىشقا سەل قارىساق بولمايدىغان ئىش بولۇشى كېرەك دېسەم ئارتۇق كەتمەس.مەن بىر ئاددى ئوقۇغۇچى بولۇشۇمغا قارىماي، ئۆز يېنىمدىن ئازغىنە پۇل چىقىرىپ بولسىمۇ بۇ كۈننى خاتىرلەشكە پائالىيەت ئويۇشتۇرۇش نىيتىدە بولغان ئىدىم، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن بولمىدى.
مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى بۇ تېمىدىن كۆرگەيسىز: http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=21368
بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ئەھمىيەتلىك خاتىرە كۈننىڭ بارلىقىنى تەشۋىق قىلىشتىن ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟بەخىتكە يارىشا بىلىك، شەبنەم، دىيارىم، سەلكىن قاتارلىق چوڭ مۇنبەرلەر بۇ بايرام ھەققىدە يېزىلغان ماقالىغا قىممەتلىك سەھىپىسىدىن ئورۇن بەردى. ئاچىل ئۇلىنىشلىرى(aqil.us)، كۆۋرۈك ئېنگىلىزتىلى سالونى (www.kuruk.cn)قاتارلىق تور بېكەتلەر ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ ئۆز تور بېكەتلىرىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە ئېلان رەسىمى قويۇپ بەردى. ئەزا سانى 50 دىن يۇقىرى 20 گە يېقىن كىيۇ كىيۇ توپىدا تەشۋىقات قىلىندى.
بىراق بۇلار يەنە يېتەرلىك بولمىسا كېرەك. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزنىڭ تۆۋەندىكى بىر پارچە رەسىم ۋە بىر ئابزاس سۆزنى مۇشۇ بايرام كۈنى يېتىپ كەلگۈچە بلوگىڭىزنىڭ قىممەتلىك ئورنىدىن ئازراق ئورۇن بەرسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ كىشى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپسا، ۋە كۆڭۈل بۆلسە.
——————————————باشلاندى ————————————
http://webworld.unesco.org/imld/">
src="index.html"files/12342306060.jpg" href="files/12342306060.jpg">files/12342306060.jpg" alt="خەلقئارالىق ئانا تىل خاتىرە كۈنى" width="471" height="60"/>
1999.يىلى نويابىر، ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21.فېۋرال كۈنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
——————————————ئاخىرلاشتى ————————————
بۇ بايرامنى تەشۋىق قىلىش ھەققىدە باشقا ماقالە يازسىڭىزمۇ ياكى مەنبەسىنى ھېچقانداق ئەسكەرتىپ ئولتۇرماي ئانا تىلىم بلوگىدىكى مەزمۇنلاردىن خالىغانچە پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ بايرام كۈنىگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار: logs/34715312.html
يۇقىرىقى تەشۋىقات ماقالىسى بايرام كۈنىدىن بۇرۇن 150 ئۇيغۇرچە بلوگقا ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلىپ تەشۋىقات ئىلتىجاسى قىلىنىدۇ.
خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى ھەققىدىكى تېمىنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەشۋىق قىلغان تۆۋەندىكى توربەت ئىگىلىرىگە ئالاھىيدە تەشەككۈر بىلدۈرىمىز:
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=21337
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=21475
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-96566.html
http://www.basbas.cn/bbs/read.php?tid=9192
http://www.uygurla.com/BBS/read.php?tid=1362
http://munbar.hantangri.net/read.php?tid=1170
http://www.intil.cn/munber/viewthread.php?tid=5164
http://ahtulpar.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=1769
http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinc8_kangas2.htm
http://meripet.blogbus.com/logs/35206662.html
http://qaynam.blogbus.com/logs/35473078.html
http://dilxatks.blogbus.com/logs/35237204.html
http://lopnuri.blogbus.com/logs/35437679.html
http://dunyakara.blogbus.com/logs/35457664.html
http://www.tedbirkar.com/rss/default.asp?cate=13
http://bbs.misranim.com/read.php?tid-8397.html
http://www.uyuxmak.com/bbs/read.php?tid=1362
http://asrim.cn/ShowPost.asp?menu=Next&ForumID=440&ThreadID=1418
http://www.intil.cn/MUNBER/viewthread.php?tid=5164&extra=page%3D1%26amp%3Bfilter%3D172800%26amp%3Borderby%3Dviews(كەم قالغانلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويىشىڭىزلارنى سورايمەن!)
收藏到:Del.icio.us

يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (2)
Blog:ئاۋام قەھرى بلوگى2010-02-17 17:27:16يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل(2)
Blog:فانىينىڭ تور خاتىرسى2009-11-22 21:55:07يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (2) - [ئانا تىل]
Blog:گۈللە مىللتىم2009-06-05 15:51:07
评论
تارىم بلوگى باشقۇرغۇچىسى
(http://tarim68.blogbus.com/) ۋە بۇلاق بلوگى باشقۇرغۇچىسى(http://dolqun.blogbus.com/)
قاتارلىق ئىككى بلوگ باشقۇرغۇچىلىرى دوستلىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدىم. لوپنۇرى بلوگى http://lopnuri.blogbus.com/ دا بۇ مەسىلە ھازىرمۇ بار ئىكەن، بۇ ھەقتە بىرلىكتە ئىزدىنىپ كۆرەيلى.
لاھىينىڭ ماس ئورنىغا ئۆزىڭىزنىڭ ئاپتورلۇق ئۇچۇرىڭىزنى قالدۇرۇشنى ئۇنتۇمىغايسىز!
ئانا تىلى بايرىمى ئۈچۈن ئاددىغىنە كۆڭلۈم كۆرۈپ باقساڭلار~~~~
رۇخسىتىڭىزسىز رەسىم نىسبىتىنى ئۆزگەرتىپ باش بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدىغان قىلىپ چىقىرىپ قويدۇم، بۇنداق قىلىشىمنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن، ئەگەر ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارىسىڭىز، سىزدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىرگە دەرھال شەرتسىز ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن.
قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىر بېرىشىڭىزگە تەشنامەن.
قولىڭىز ھەقىقەتەن گۈل ئىكەن. ياخشى لاھىيە ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى!
بۇ كۈنگە بىرقانچە كۈن قالدى.
يىقىنقى كۈنلەردىن بىرى تورغىمۇ تۈزۈك چىقالمىدىم. بۈگۈن ئازىراق ۋاقىت چىقىپتىكەن تورغا چىقىپلا مۇشۇ ئىشنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلگىم كەلدى.
ماقالىلەر يوللاندىمۇ؟ مۇكاپاتلاش پائالىيىتى قانداق بولدى.
مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز.
QQ:122273555
گەرچە بىرەر چوڭراق تىپتىكى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولسىمۇ، خوشال قىلارلىق يېرى بىر قانچىلىغان بلوگلار كەينى كەينىدىن ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ئانا تىل ھەققىدىكى ماقالىلەرنى يوللاۋاتىدۇ. كىم بىلىدۇ ئانا تىل بايرىمى كۈنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەنە قانداق ئېسىل سوۋغىلىرى بىزنى ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ.
بىلىككە يوللانغان پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى ئۇچۇرغا سىزدىن باشقا ئادەم ئىنكاس يېزىپ باقمىغان ۋە بۇ ئىش باشقا يەردە قايتا تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان بولغاچقا، ئەسىلىدىكى تېمىدا ئەسكەرتىش بەرگىنىمدەك ئۇ بىر پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالغۇسى، خالاس.
ئۆزىڭىزنىڭ قەلىمىدىن چىققان ئەسەرگە كەلسەك، مەن باشقىچە بىر خوشاللىققا چۆمدۈم. بۇ بايرامنىڭ ئومۇملىشىىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك ئىشلار ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم:
1.ئانا تىل بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى قىسىقىچە تونۇشتۇرۇپ تېما ئېلان قىلىش.
2.كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا(ھەر قايسى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە) بۇ بايرام ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىش.
3.بۇ بايرام كۈنىگە ئاتاپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلىش(ھەرقانداق مەزمۇن، ھەرقانداق ژانىردا بولسا بولىۋېرىدۇ).
4.ئۆز ئەھۋالىمىزغا بىرلەشتۈرۈپ مۇشۇ بايرام ھەققىدكى ھېس– تۇيغۇلىرىمىز ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماقالىلەرنى يېزىش.
5. كەڭ قېرىنداشلىرىمىزدا بۇ بايرامنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تونۇپ يېتىلگەندە مۇناسىۋەتلىك خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش.
روشەنكى سىزنىڭ تېمىڭىز 4. باسقۇچقا قەدەم ئېلىپ، بۇ جەريانلارنىڭ ئىشقا ئېشىشىدا ئاۋانگارتلىق رول ئويناپتۇ.ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ھېس تۇيغۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىلا بىزنى بۇ بايرامنى خاتىرلەشنىڭ ئەسلىدىكى ماھيىتى ھەققىدە كۈچلۈك پاكىتلارغا ئىگە قىلىدۇ. نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن، ماقالىڭىزدىن ئاز بولمىغان روھىي ئوزۇققا ئىگە بولدۇم.
مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ،
مەرىپەت بلوگىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن «يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل» نىڭ ئىككىنجى قىسمىنىڭ چىقىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن.
رەسىمنى تۈزۈتۈپ چىقىرامسىز، ماقالىلەرنى تۈزۈتۈپ ئېلان قىلامسىز،ئىشقىلىپ ئاناتىلىمىز ھەققىدكى ماقالىلەر ئۆز ئورنىنى تاپسا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن خوش بولىدىغان ئىشلار.
سىزگە كۆپ رەھمەت، ئاللاھ سىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن!
لېكىن مەن بلوگىڭىزدىن چىقىرىپ قويغان رەسىمنى تاپالمىدىمغۇ؟!
http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-2/212989230.jpg
بولىدۇ. مەن ئۇ ئېلان رەسىمىنى تېزلا ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ رەسىم ئادرېسىنى بلوگىڭىزغا ئىنكاس ئارقىلىق يوللاپ قويىمەن.
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم. بلوگىڭىز كۈنسېرى راۋاجلانغۇسى!!
مېنىڭ ياردىمىم تېگىدىغان ئىشلار بولسا، ئاللاھ خالىسا ھەرۋاقىت قولۇم كۆكسۈمدە، ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن!
ئاللاھ خالىسا نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن، يازمىلىرىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن.