<<  alipay نى سالاھىيەت تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش | باش بەت | ئاناتىلىم ئۆزگىچە ئۇسلۇبى تارقىتىلدى (نورۇز بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن)  >>
  • blogbus مۇلازىمەت سۇپىسى ئاناتىلىم تور تۇراسىغا ئالاھىيدە كۆڭۈل بۆلدى - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]

    2009-03-19

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36770799.html

    بۈگۈن تۇيۇقسىز بلوگباس مۇلازىمىتىرىدىن كەلگەن بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ۋە بىر ئاز ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدىم (رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭ كۆرىنىدۇ):

    قەدىرلىك ئابونىت:
    ياخشىمۇسىز! ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى سىزنىڭ "ئويغان (Wake up)" ناملىق تور خاتىرىڭىز بىز تەرىپىمىزدىن مەخپىي قىلىپ بەلگىلەندى، سىز ئاشكارە قىلالمايسىز. سىزنىڭ تور خاتىرىنى يېزىش ئۈچۈن كۆپ قان– تەرىڭىزنى سەرپ قىلغىنىڭىز بىزگە مەلۇملۇق، بىراق كۆپچىلىككە ئايان بولغان سەۋەب تۈپەيلى بىز بۇ تور خاتىرىنى يوشۇرۇپ قويۇشقا مەجبۇرمىز. كەچۈرۈم سورايمىز، ئەپۇ قىلغايسىز!
    سىز بىزنىڭ مۇھىم ئابونتىمىز، بىز سىزنىڭ بلوگباستىكى ھېسسياتىڭىزنى ئويلىشىمىز؛ بىراق سىز ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇلازىمەت تەمىنلەش ئۈچۈن، سىزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئەھدىنامىمىزگە رىئايە قىلىشىڭىزنى سورايمىز (
    http://www.blogbus.com/about/blogserviceterm.html).

    بۇ سىرلىق تېما ئەسلىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» ناملىق شېئىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە سېلىشتۇرما نۇسخىسى بولۇپ بلوگباس مۇلازىمىتىرىنىڭ ئالاھىيدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن. بەلكىم بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغان بلوگگېرلار بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بولماي قالسا بۇ تېمىنىڭ بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. (بۇ ئەھدىنامىغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەن تورداشلار ھوشيارراق بولغايسىلەر)

     


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • مانا،سىياسىي سەزگۈرلۈك كېسىلىگە بىزلا ئەمەس،باشقىلارمۇ گىرىپتار بوپتۇ~![defFace:8]
    م.ئە.سەبۇرى回复ئۇيغۇربەگ说:
    يەنىلا دىققەت قىلغۇلۇق!
    2009-09-24 23:47:01
  • بۇ شېئر ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان ھەم قەدىرلىنىپ كىلۋاتقان ياخشى شېئر ئىدى.ھازىر سىياسەت بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەل زىللىشىپ قالغاچقا بلوگبۇس سۇپىسى سەل ئىھتىيات قىلىپ قالغان بولىشى مۇمكىن،بىر ھىساپتا ئۇلارنىڭ سىزنى ئاگاھلاندۇرغىنى ياخشى بوپتۇ.بۇ سەۋەپلىك بلوگنى توختۇتۇپ قويسىمۇ بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇدە!.مەن خەنزۇچىنى تازا ياخشى بىلمىگەچە ئادەتتە بلوگبۇستىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا تازا دىققەت قىلىپ كەتمەيتىم.قارىغاندا سەل سەگەك بولساق بولغۇدەك.
    م.ئە.سەبۇرى回复 بارخان 说:
    شۇنداق ، ئالاھىيدە دىققەت قىلمىساق بولمىغۇدەك.
    پېقىر بۇ ئىشتىن كېيىن باش مۇلازىمىتىرغا يەنە بۇ شېئىرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ۋە ئۆزۈمنىڭ سالاھىيتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ تەكشۈرۈپ كۆرۈش توغرىسىدا خەت يازغان ئىدىم. ئۇلار جاۋاب خەت قايتۇرۇپ بۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپدىن چەكلەنگەن تېما بولغاچقا چەكلەنگەندىن كېيىن ھەرقانداق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا بولمايدىغانلىقى توغۇرلۇق سەمىمىي سۆزلەرنى ئېيتىپ ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەتراپلىق مۇلازىمىتىدىن پېقىر ناھايىتى خوشال بولدۇم. ئاللاھ خالىسا ئانا تىلىم تور تۇراسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تېمىلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئېھتىياتچانلىق بىلەن يوللايمەن.
    2009-03-24 09:21:22
  • ئەلۋەتتە 88 يىلنىڭ ئالدىدىكى بۇ شېئىردا ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقىمىزنىڭ ساۋاتسىز نادان ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى، جاھالەت سىرتمىقى ئاستىدا ئۇخلاپ يېتىۋەرمەي، كۆزىنى چوڭ ئېچىپ دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا نەزەر سېلىش لازىملىقى، پەننىي بىلىملەرنى ئۆگەنمەي، جاھاندىن بىخەۋەر ھالدا ئۇخلاپ يېتىۋەرسە كېيىن پۇشايمان قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت سۆزلەنگەن.
    بىراق تىلنىڭ سۆڭىكى يوق، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگۈچىلەر بۇ شېئىرنى يەنە باشقىچىراق تەھلىل قىلىپ ھەرقانداق مەنا بېرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل بۇرۇن بىرسىنىڭ << ياشىسۇن دەپ توۋلىغىنىڭ يوقالسۇن دىمەكچى ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرىدۇ، سېنىڭ قوسىقىڭدا نىمە ئويلايدىغىنىڭنى مەن بىلمەمدىم؟>> دىگىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان. شۇڭا مۇنداق ئىككى بىسلىق مەنا بېرىپ قويۇش مۇمكىنچىلىكى بار سۆزلەرنى قىلىشتىن بۇرۇن ئوبدان ئويلىنىش كېرەك. بىر چىرايلىق گەپ قىلىۋاتسىڭىز، گېپىڭىزدىن تەتۈر مەنا چىقىرىپ، سىزگە قورقاق سالالايدىغان 20 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى ئادەمدەك ئادەملەر ھازىرمۇ ئارىمىزدا ناھايىتى كۆپ،
    م.ئە.سەبۇرى回复تارىم说:
    دىگەنلىرىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ئورۇنلۇق، ئۇستازىم. بىلىك كۇلۇبىدىمۇ بىر نەچچە قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇ شېئىرنى ھۆسىنخەت قىلىپ يېزىپ قويۇپ بالاغا قالغانلىقىدەك مىساللارنى كەلتۈرۈپتۇ، پېقىر بۇنىڭدىن كېيىن قاتتىق دىققەت قىلاي، بۇنىڭدىن ياخشى ئىبرەت ئالاي.

    سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
    2009-03-20 16:04:40
  • گەرچە پارتىيە ئەزاسى بولمىساممۇ، بىراق بىر قانچە قېتىملىق پارتىيە مەكتىپى تەربىيلەش دېپلوملىرىنى ئالغان، سىياسى ئېڭىم يۇقىرى. ئۆزۈم فىزىكا كەسپىدە ئوقۇساممۇ مەۋسۇملۇققا بىر نەچچىدىن دۆلەت مائارىپ بۆلۈمىدىن قوشۇپ بەرگەن سىياسىغا ئائىت پەنلەرنى قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇپ خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمنى قارىتىپ قويۇپ ئۇلار ئۆتەلمىگەن ئىمتاھانلاردىن مەن ئاسانلا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئاڭلىق ۋە سادىق پۇقرا ئىدىم.

    پېقىرمۇ ھەم تېمىنى يوللىغاندا ئېنىق قىلىپ 1921.يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەرىپىدىن يېزىلغان دەپ ئەسكەرتكەن ئىدىم.

    ئېسىمدە قېلىشىچە ئوتيۈرەك شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ‹ئويغان› ناملىق شېئىرى ئۇنداق سەزگۈر تېمىلار قاتارىدا ئەمەس ئىدى. دىيارىمىزدا بۇ شېئىر كەڭ تارقالغان. شۇڭا پېقىر سەل ناھەقچىلىك ھېس قىلىپ قالدىم.

    [defFace:6]
  • مىللىي مەسىلە، دىن ۋە سىياسىغا چېتىلىدىغان تېمىلاردىن ھەرۋاقىت ھۇشيار بولماق لازىم.
    م.ئە.سەبۇرى回复تارىم说:
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ‹ئويغان › ناملىق شېئىرىنى بۇنداق سەزگۈر تېمىلار قاتارىدا ئەمەس دەپ ئويلايدىكەنمەن. چۈنكى بۇ شېئىر دىيارىمىزدا كەڭ تارقالغان،
    2009-03-20 09:31:35