<<  خىيال تونىلى2 (سۈرگۈن خىيال) | باش بەت | blogbus مۇلازىمەت سۇپىسى ئاناتىلىم تور تۇراسىغا ئالاھىيدە كۆڭۈل بۆلدى  >>
  • alipay نى سالاھىيەت تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]

    2009-03-18

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36723225.html

    ئالدىنقى قېتىم ئەلىئانا ئېلان كىرىمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى بايان قىلىپ يازغان تېمنى كۆرگەندىن كېيىن تورداشلىرىمىزنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسىدىن alipay نى تەستىقتىن ئۆتكۈزەلمىگەنلىك تۈپەيلى ئېلان كىرىمىنى نورمال ئالالمايۋاتقانلىقتەك ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىك خەۋىرى كەلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن پېقىر مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى كۆپ ئىزدەپ ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تېمىلارنىڭ دىگەندەك يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ مەسىلىگىگە قارىتا تەپسىلىي ھەل قىلىش ئەھۋالى ئەلىپاينىڭ ياردەم مەركىزىدە رەسىملىك قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن:  ،

    http://help.alipay.com/support/help_detail.htm?help_id=1495&sh=null

    يۇقىرىقى تېمىدا تىلغا ئېلىنغىنى كىملىكنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇسۇل بولغاچقا بىر قەدەر ئاۋارىچىلىقتەك بىلىنىدۇ. پېقىر ئەلىپاينى تەستىقتىن ئۆتكۈزگەندە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تەستىق ئۇسۇلى، يەنى يانفون ئارقىلىق تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، مۇشۇ ئىلتىماس تۈرىنى تاللىغاندىن كېيىن يانفونغا بىر ئۇچۇر كېلىدۇ، شۇ ئۇچۇرنى تەستىق نۇمۇرى قىلىپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا توشقۇزسىلا بولىدۇ.

    ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە بەزى تورداشلىرىمىز بانكا كارتا ھېسابىغا ئەلىپاينى باغلاش باسقۇچىنىمۇ تاماملىمىغان. قائىدە بويىچە ئەلىپاي ئېلخەت ئادرىسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىنىدۇ ۋە شۇ ئېلخەت ئادرىسى ئەلىپاي ئادرىسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن بۇ ئادرىس قۇرۇق ئادرىس بولۇپ ھېچقانداق پۇل ئوبۇرۇتى قىلىشقا بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سودا– سانائەت، سودا–ئىگىلىك ۋە ياكى قۇرۇلۇش بانكىلىرىنى ئاۋۋال ئويلىشىپ تۇرۇپ بانكا ھېساباتى ئاچقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن تور بانكا ئىقتىدارىنىمۇ ئاشقۇزۇش كېرەك.(بۇ مۇلازىمەتنى بېجىرىش بىردەك ھەقسىز) چۈنكى بۇ بانكىلارنىڭ تور بانكا مۇلازىمەت تېخنىكىسى بىر قەدەر پىشقان بولۇپ تېز ۋە قولايلىق ھالدا ئەلىپاينى تەستىقتىن ئۆتكۈزىدۇ. تەستىقتىن ئۆتكۈزۈشتە سىز ئاۋۋال ئەلىپايدىن ئۇلايدىغان بانكا ھېسابىنى كىرگۈزۈپ ئىلتىماس سۇنىسىز. ئۇلار بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە ناھايىتى ئاز مىقداردا بانكا ھېسابىڭىزغا پۇل ئۇرىدۇ. بۇ پۇل نەچچە تىيىن بولۇپ، ئايرىم ھالدا ئىككى ھېسابات بويىچە يوللىنىدۇ. سىز بانكا ھېسابىنى تەكشۈرۈپ بۇ پۇلنىڭ ئېنىق سوممىسىنى بېكىتكەندىن كېيىن ئەلىپاينىڭ تەستىق ئىلتىماسى ئورنىدىن بۇ پۇلنىڭ قىممىتىنى كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرسىڭىز بانكا ھېساباتى باغلانغان بولىدۇ. دېمەك ئەلىئانا ئېلانىنىڭ كىرىمىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ باسقۇچنى تاماملىشىڭىز كېرەك:

    1.تور بانكا ئىقتىدار ئاچقۇزۇلغان بانكا كارتىسى ئىلتىماس قىلىش؛

    2.ئەلىپاي ئىلتىماس قىلىش ۋە بانكا كارتىسىغا ئۇلاش تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش؛

    3.ئەلىپاينىڭ ھەقىقىي سالاھىيەتنى ئېنىقلاش تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش؛

    بۇ ئۈچ باسقۇچنى تولۇق تاماملاپ تەستىقتىن ئۆتكەن ئەلىپاي ھېسابىڭىز ئارقىلىق ئەلىئانا ئېلان كىرىمىنى ئېلىش ئىلتىماسى سۇنسىڭىز بولىدۇ.

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:  تورداشلىرىمىزغا نىسبەتەن بىر قىسىم رەسىملىك چۈشەندۈرۈش تېمىلىرىنى يوللاپ تولۇقلاش ئېلىپ بارساقمۇ لېكىن تور بانكا ھېساباتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق يۇقىرى مەخپىيەتلىك تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارغا كەلگەندە يەنىلا قاتتىق ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش تۇتمىساق بولمايدىغان بولغاچقا، بىخەتەرلىك ئېڭى تۆۋەن، خەنزۇتىلى سەۋىيەسى چەكلىك بولغان ۋە كومپىيۇتېرنى يېڭى ئۆگېنىۋاتقان دوستلارنىڭ ئالدىراپ تورخانا قاتارلىق ئاممىۋىي سورۇنلاردا يىنىكلىك بىلەن بىر قىسىم تېمىلارغا ئاساسلىنىپلا بۇ ھەقتىكى مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارماسلىقىنى ئالاھىيدە ئەسكەرتىمىز!  

    كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئويلىشىپ ئاناتىلىم تورتۇراسى بەزى تېخنىكىلىق مەسىللەردىن مەسلەھەت بەرگەندىن باشقا ھەرقانداق تۈردىكى ھېساباتلارنى ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرىش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ھەمكارلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • ياخشىمۇسىز، بۇ تىمىنى يىزىپ ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز . بولسا بىر رەسىملىك قىلىپ يوللاپ يازغان بولسىڭىز ناھايىتى ياخشى بۇلاتتى .......
    ھە راست ئېلانلارنى چىكىپ قويدۇم
    م.ئە.سەبۇرى回复كاپىتان说:
    تېمىنى ياقتۇرغانلىقىڭىزغا ۋە يېقىندىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ئاللاھ خالىسا رەسىملىك تېمىلارمۇ پات ئارىدا تورداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللانغۇسى!



    مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى!
    2009-05-07 20:45:01
  • ئەلىپاينى تىلفۇن ئارقىلىق تەستىقلىتىش توغۇرسىدا تەلىم بەرسىڭىز.مىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەم تازا ياخشى بولمىغاچقا بىلەلمەيقالدىم.
    م.ئە.سەبۇرى回复 بارخان 说:
    ئەلىپاينى يانفۇن ئارقىلىق تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەلىپاينى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش بېتىگە كىرىپ يانفۇن ئارقىلىق تەستىقتىن ئۆتكۈزۈشنى تاللايسىز ئارقىدىن يانفۇنىڭىزغا تەستىق نۇمۇرى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. شۇنى ئەسلىدىكى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش بېتىدىكى ماس ئورۇنغا توشقۇزسىڭىزلا بولىدۇ.
    خەنزۇتىلى سەۋىيىڭىزنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى يولۇققان مەسىللەرنى يۇلغۇن لۇغىتى: http://dict.yulghun.com/ ئارقىلىق ھەل قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    2009-04-11 17:58:55
  • ياخشىمۇسىز . مەن سىز كۆرسەتكەندەك ئاۋال تور بانكا ئىقتىدار ئاچقۇزۇلغان بانكا كارتىسى ئىلتىماس قىلىدىم ، ئاندىن ئەلىپاي ئىلتىماس قىلدىم لىكىن بانكا كارتىسىغا ئۇلاپ تەستىقىدىن ئۆتكۈزىدىغان جاينى تاپالمىدىم . سودا سانائەت بانكىسىنڭ يوق ئېكەن، بولسا ئېنىقراق قىلىپ كۆرسىتىپ قويسىڭىز .
    م.ئە.سەبۇرى回复ئالىمجان说:
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تور تۇراغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
    سىز بۇ سوئالنى ناھايىتى ياخشى سوراپسىز، قالدۇرغان سۆزىڭىزدىن قارىغاندا سىز بانكا كارتىسىغا ئۇلاپ تەستىقتىن ئۆتكۈزىدىغان يەرنى سودا– سانائەت بانكىسىنىڭ تورىدىن ئىزدىگەن ئوخشايسىز. توغرا بولغان ئۇسۇل: بانكا كارتىسىغا ئۇلاپ تەستىقتىن ئۆتكۈزىدىغان ئورۇن ئەلىپياينىڭ ئىچىدە، يەنە كېلىپ تېخى بانكا كارتىسى ئۇلىمىغان ئەلىپاي ئابونتى پۇل يۆتكەش ۋە ئېلىش قاتارلىق ھەرقانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارالمايدۇ، بۇنداق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارماقچى بولسىڭىز ئۇلار سىزدىن ئاۋۋال بانكا كارتىسى ئۇلاش كېرەكلىكى ئۇچۇرىنى چىقىرىدۇ.
    شۇڭا ئەلىپاي ئىچىدىن بانكا كارتىسى ئۇلاش ئىلتىماسىنى سۇنۇپ كۆرسەتمە بويىچە ئىش قىلسىڭىز بولىدۇ، يەنە ئېنىق بولماي قالغان جايلار بولسا پىكىرلىشىپ تۇرايلى.
    2009-03-28 14:24:46