<<  قىزىمغا يېزىلغان 4.پارچە خەت(مەن كۆيىمەن بالامغا، بالام كۆيىدۇ بالىسىغا) | باش بەت | alipay نى سالاھىيەت تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش  >>
  • خىيال تونىلى2 (سۈرگۈن خىيال) - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]

    2009-03-18

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36721294.html

    خىيال تونىلى
    م.ئە.سەبورى
     ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
    –ئابدۇقادىر جالالىدىن

    سۈرگۈن خىيال

    قىزىل، يېشىل چىراغ بەلگىسى،
    باشقۇرالماس خىياللىرىمنى.
    خىياللارنىڭ دوقمۇشلىرىدا،
    ئۇچىراتتىم ئەبجەش تۇيغۇنى.

    خىياللىرىم ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
    ئەمەستەكلا كۈلمە ھاياسىز؛
    يېشىل نۇرنى چاچقان قۇياشتەك.
    كۆڭۈل دەپلا ئۆتمەيدۇ تۇرمۇش،
    ئەسلىمىلەر ماڭا ۋاپاسىز.

    خىياللىرىم دېڭىزدەك كەڭرى،
    بېلىقلىرىم چاڭگا تىزىدۇ.
    ھەر چاڭگىدا بىر تاللا ھەرپ
    ھەرپلەردە ئۆمۈچۈك تورى
    تورلار سۇدا ئېقىپ كېتىدۇ.
    بېلىقچىلار سۈزۈۋالىدۇ– دە،
    ئاھ! شۇنىڭدا بېلىق تۇتىدۇ.

    خىياللىرىم بەكمۇ جاپاكەش،
    يىغلاۋاتقان شامنىڭ ئالدىدا،
    ئۇخلىمايدۇ، تۈنەپ چىقىدۇ.
    مۇز سۈيىدەك سوغۇق خىياللار،
    ھەمراھ ئەمەس ئۆتكەن كۈنۈمدەك
    قاياقلارغا كەتكەندۇ دەيمەن.

    خىياللىرىم قالدىڭمۇ ئېزىپ،
    سېنى ئېلىپ قاچقان زادى كىم؟!
    سۈرگۈن بولۇپ كەتتىڭمۇ يىراق،
    خەۋىرىڭنى كەپكەتتى بىلگۈم.

    2004.يىلى 18.نويابىر
    نىڭشىيا. يىنچۈەن.


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى