-
قىزىمغا يېزىلغان 4.پارچە خەت(مەن كۆيىمەن بالامغا، بالام كۆيىدۇ بالىسىغا) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-18
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36721132.html
قىزىمغا يېزىلغان تۆتىنجى پارچە خەت
ئەسلى ئاپتورى: يىڭيى تەرجىمە قىلغۇچى: م.ئە.سەبورى
قەلەمگە ئېلىنغان ۋاقتى: 2007.يىلى 12.ئاپرېل2007.يىلى 11.ئاپرىل
بۈگۈن قىزىم ھەر كۈنكىدىن 5 مىنۇت كېچىكىپ قايتىپ كەلدى، يۈرىكىم ئەنسىزلىكتىن ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. بەزىلەر ئەگەر بىر ئايال بالا تۇغۇپ ئانا بولۇپ باقمىسا ھەرگىزمۇ مۇكەممەل ئايال بولالمايدۇ دىگەن ئىكەن. مەن بۇ سۆزنى ئېتراپ قىلىمەن، ئەگەر قىزىم بولمىغان بولسا مەنمۇ ئاپامنىڭ شۇ مېھنەتسىز مېھرى، چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھېس قىلالمىغان بولاتتىم.سۆيۈملۈك قىزىم:
ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك ۋاقتىمدا، ھەر كۈنلۈكى مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە يېنىپ كەلگەندە چوڭ ئاپىڭىز ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ تەلمۈرۈپ تۇراتتى، تاكى ئۈچ بالىسىنىڭ ھەممىسى ئۆيگە قايتىپ بولغاندىلا ئاندىن چىرايىدىكى ئالاقزادىلىك ئاندىن ئازادە كۈلكىگە ئالمىشاتتى. مەن ئۇ چاغدا چۈشەنمىگەچكە چوڭ ئاپىڭىزدىن «ئاپا، بۇ نېمە ئىش قىلغىنىڭ؟ ئەجىبا بىز ئۆينى تېپىپ كېلەلمەمدۇق؟» دەپ سورىسام، چوڭ ئاپىڭىز بىر ئۇف تارتىۋىتىپ «بالىلىرىم ئۆيگە قايتمىسا، يۈرىكىم ئەنسىزلىكتىن پەقەت ئارام تاپمايدىكەن، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانمىدۇ؟ مۇئەللىمى تەنقىدلىگەنمىدۇ؟ ئەسكى ئادەملەرگە ئۇچراپ قالغانمىدۇ؟ ياكى بىرەر قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ قالغانمىدۇ؟... دىگەندەك قالايمىقان ئىشلارنى ئويلاپ كېتىدىكەنمەن. »دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئىچىمدە كۈلۈپ قويدۇم، بىراق چوڭ ئاپىڭىزنىڭ قىلغانلىرىنى پەقەتلا چۈشەنمىگەن ئىدىم.
سىزنى تۇغقاندىن كېيىن ھەربىر ھەرىكىتىڭىز، ھەربىر كۈلۈشلىرىڭىز خۇددى ئارىلىقتا ئارغامچا باردەك مېنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ، سىز كۈلسىڭىز مەنمۇ كۈلىمەن، سىز يىغلىسىڭىز مەنمۇ يىغلايمەن. ھەممىدىن بەك كۆڭلۈم يېرىم بولغان ۋاقتى سىز ئاغرىپ قالغان ۋاقىت، مەن ئۆزۈم ئاغرىپ قېلىشقا رازىمەنكى ھەرگىز سىزنىڭ ئاغرىپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن، مەن كۇرمىڭ قېتىملاپ پەرۋەردىگارىمدىن مېنى بالامنىڭ ئورنىغا قىزىتىپ قويغايسەن دەپ تىلىدىم. سىزنىڭ 4 ياش ۋاقتىڭىزدا ئاسما ئوكۇل ئاسقۇزۇپ يېتىپ تۇرۇپ، يۇۋاشلىق بىلەن ماڭا قاراپ «ئاپا، ئۈستىڭىزدە شۇنداق كۆپ كېپىنەك چىگىشلەر بار ئىكەن، ماڭا بىرنى بېرەمسىز؟» دىگىنىڭىز ھېلىمۇ يادىمدا(ئۇ چاغدا مەن پۈتۈنلەي كېپىنەك چىگىشلەر بولغان بىر كىيىمنى كەيگەن ئىدىم)، مەن سىزگە «سىز ساقايغاندا، ئاپىڭىز بارلىق كېپىنەك چىگىشلەرنى سىزگە بېرىدۇ.» دىگەن ئىدىم.
سۆيۈملۈك قىزىم، «مەن كۆيىمەن بالامغا، بالام كۆيىدۇ بالىسىغا» دىگەن بىر سۆزنى ئاڭلىغان بولغىيتىڭىز، نىمىشقا بۇنداق دەيدىغىنىنى بىلەمسىز؟ چۈنكى بالىنىڭ نەزىرىدە ئانا مەڭگۈ كۈچ– قۇدرىتى چەكسىز، ھەرقانداق قېيىنچىلىق بولمىسۇن، بىز ئەڭ ئاۋۋال ئانىمىزنى ئەسكە ئالىمىز، ئانىمىز ھېچ ئىككىلەنمەستىن كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقىپ بالىلىرىغا ياردەم قىلىدۇ. ئانىنىڭ نەزىرىدە بولسا، پەرزەنىت مەڭگۈ كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج بالىدۇر.
«تەرمىلەر» ژورنىلىدا مۇنداق بىر ھېكايىنى كۆرگىنىم ئېسىمدە، بىر قىزنىڭ كۆزىنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەپتۇ، ئۇنىڭ ئاپىسى ھەر كۈنى دىگۈدەك كۆزىنى يۇمۇۋىلىپ يۈرۈپ بازارغا چىقىپ، تاماق ئېتىپ يۈرۈپتۇ...بۇ ئانىنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئۆزىنىڭ كۆزىنى قىزىغا تەقدىم قىلماقچى بولغاچقا ئاۋۋال ئەتراپتىكى بارلىق مۇھىت بىلەن تونۇشۇپ چىققاندىن كېيىن كۆزى بولمىغان ھالدىمۇ ئۆي ئىشلىرىنى بىمالال قىلالايدىغان بولماقچى ئىكەن.ئۇ ئۆزىنىڭ كۆزىنى قىزىغا بېرەي دەپ تۇرغاندا، قىزچاق باشقىلار تەقدىم قىلغان كۆز مۈڭگۈز پەردىسىگە ئېرىشىپتۇ. گەرچە بۇ ئانىنىڭ كۆزى قىزىغا كۆچۈرۈلمىگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ ھېكايە ئادەمنىڭ تەسىرلەندۈرۈپ كۆزنى نەمدەيدىكەن، دۇنيادىكى بارلىق ئانىلار ئوخشاش، ئۇلار ئۆزىنىڭ بارلىقىدىن كېچىشكە رازى بولۇپ تۇرۇپ بالىلىرىغا بەخىت ئەكېلىشنى ئىزدەيدۇ. ئانا مۇھەببىتى ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ ۋە مېھنەتسىز.
يىللار ئانامنىڭ چېكىلىرىدە يول– يول قورۇق ئىزلىرىنى قالدۇردى، ۋاقىت ئانامنىڭ چاچلىرىنى ئاقارتتى. چوڭ ئانىڭىزنىڭ يول ماڭغاندىكى قەدەملىرىنىڭ مەزمۇنىت ئەمەسلىكىدىن، داۋاملىق ماڭا تېلفون قىلىپ بىر ئىشلاردا مەسلەھەت ئېلىشلىرىدىن ئانامنىڭ ھازىر كۈچ– قۇدرىتى چەكسىز ئەمەسلىكىنى، بالىسىنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن. بىراق چوڭ ئاپىڭىز يەنىلا «مەن سىزگە ياردەم قىلىپ تاماق ئېتىپ بېرەي، كىر– قاتلارنى يۇيۇپ بېرەي، يوتقان تىكىپ بېرەي، مەن سىزگە ياردەم قىلىپ...» دەپ تۇرىدۇ.
سۆيۈملۈك قىزىم، سىز ماڭا ئانا بولۇپ ئۆزىنى بېغىشلاشنىڭ قەدىرلىكلىكى ۋە چەكسىز خوشاللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردىڭىز، مېنىڭدە يىمىرىلمەس ئىرادە تىكلەيدىغان روھنى يېتىلدۈردىڭىز ۋە ماڭا تېخىمۇ كۆپ مېھرى– مۇھەببەت، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئاياللىق لاتاپەت ئاتا قىلدىڭىز. سىزنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىڭىز ئائىلىمىزنى رەڭگارەڭ بىر دۇنياغا ئايلاندۇردى. سىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزدىن ئۆزۈمنى كۆرگەندەك بولدۇم. سىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قەدىمىڭىزگە ئەگىشىپ مەنمۇ ئۆسۈپ يېتىلىشكە، ئۆزۈمنى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئۆگېنىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا باشلىدىم، سىز ماڭا شۇنچە كۆپ ئىشلارنى سىناپ بېقىشقا دەۋەت قىلدىڭىز، شۇنداقلا بۇلاردىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتىم. خىزمەتداشلىرىم سىزدەك لاياقەتلىك قىزىم بولغانلىقىغا بەكمۇ ھەۋەس قىلىدۇ، دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز.ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تورتۇرانىڭ تەرەققىياتى ۋە تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسدىن رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەيسىز!
收藏到:Del.icio.us
