<<  تور ئېلانلىرىنىڭ ئۆلچىمى | باش بەت | قىزىمغا يېزىلغان 4.پارچە خەت(مەن كۆيىمەن بالامغا، بالام كۆيىدۇ بالىسىغا)  >>
  • بلوگدىن تۇنجى ئېلان كىرىمى ئالغاندىكى تەسىراتىم - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]

    2009-03-14

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36566986.html

        ئاناتىلىم تورتۇراسى قۇرۇلۇپ دەل 58 كۈن بولغاندا تۇنجى ئېلان كىرىمنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى. بۇ جەرياندا مېنى يېقىندىن قوللىغان بارلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇبارەك تېنىنىڭ ئامان، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن. ئادەمنىڭ كۆڭۈل شېشسىنى تۇنجى قېتىم چاققان ئىشلار مەيلى قانچە كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر  بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. گەرچە بۇ كىرىمدىن بېيىپ كەتكىمىگەن بولساممۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەجىر– مېھنىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىشى (بۇنى دوستلىرىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئېرىنمەي، زېرىكمەي ئېلانلارنى كۆرۈپ قويۇشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ) ھەقىقەتەن زور خوشاللىق ۋە چەكسىز بەخىت.
        دەسلەپتە كۆپ قىسىم بلوگچى تورداشلارغا ئوخشاشلا بلوگگېرئەددىس ئېلانىنى قويغان ئىدىم، ئۇزاققا قالماي ئۇيغۇر بلوگگېرلار توپىدا بىر قانچە پىشقەدەم بلوگچىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ ئىشەنچىلىك، مۇقىم بولغان  دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئېلان شىركىتىدىن يىگاۋ ۋە ئەلىئانا ئېلانلىرى ئىلتىماس قىلىنغان.
        يىگاۋ ئېلانىغا قاراپ تۇرسام سەل شەھۋانىي ئېلان سۆزلىرىنى قوشىۋېلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈپ ئەلىئانا ئېلانىنى چىڭ تۇتتۇم، شۇنداق قىلىپ تورتۇرا قۇرۇلۇپ 2 ھەپتىدەك ۋاقىت شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. ئەلىئانىغا ئۇدا 5 قېتىم ئىلتىماس سۇنساممۇ تەستىقلانماي تۇرىۋىرىپ يەنە بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى، كېيىن بىلسەم ئۇلار تورتۇرانىڭ ئەسلىدىكى ئالما ئۇسلۇبىنى بەك ئاددى دەپ باھالاپ تەستىقلىماي تۇرىۋېرىپتۇ، بىر تەرەپتىن مۇلازىمەتچىلەرگە ئەھۋال مەلۇم قىلىپ خەت يېزىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كود ئوقۇشنى ئۆگېنىپ ئەڭ سىپتا چىققان ئاناتىلىم بلوگىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇسلۇبنى ئالماشتۇرۇپ ئىلتىماس سۇنسام دەرھال تەستىقلاندى. تۇنجى كۈنىلا بىر قانچە بلوگچىلار ھە– ھۇ دېيىشىپ بېرىپ ئىككى يۈەندىن ئارتۇق كىرىم بوپتۇ، بەش كۈن بولغاندا ئۆز– ئارا ئېلان چېكىشىمىز دېيىشىپ يۈرۈپ 5 يۈەنگە چىقتى. ئالدىنقى شەرت، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ قويماسلىق بولغاچقا، ئېلان قائىدىسىنىڭ ئەلمى– تەلمىنى ئازراق بىلگۈچە بەك چوڭ ھەرىكەت ئېلىپ بارماي تۇردۇم. كېيىنكى كۈنلىرى كىرىم نەچچە مودىن بولدى، لېكىن ھېساباتنى بوغىۋىدى 30 يۈەندىن سەل ئېشىپتۇ، ئەلىئانا رەسمىيەت ھەققى دەپ 4 يۈەن تۇتۇۋاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن 26 يۈەن ساپ كىرىم قاپتۇ. بۈگۈن بۇ كىرىمنىڭ يېرىمىنى بانكا ھېساباتىمغا يۆتكەپ، يېرىمىغا باشقا بلوگلارنىڭ ئېلان ئورنىدىن ئېلان سېتىۋىلىپ ئىشلىتىپ كۆرسەم بىردەك نورمال.

        بۇ جەرياندا ماڭا بىر ئىش بەك تەسىر قىلغاچ ئېلان كىرىمى قىلىشتىن زادى قول ئۈزمىدىم. ئاناتىلىم قۇرۇلغاندىن تارتىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ توختىماي تېما يوللاپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ دىگۈدەك قىلىپ يۈرۈپ كۈنلۈك زىيارىتىنى 100 دىن چۈشۈرۈپ باقمىغان، پېقىرنىڭ نەزىرىچە بولغاندا مۇشۇنداق بولغاندىلا بلوگنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نورمال تەرەققىياتى، زىيارەت سانىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ۋە نورمال ئېلان سودىسى قىلىشقا بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم. چۈنكى پېقىر بىر ئايدا ئاز بولسا 100 يۈەن كىرىم بولۇپ قالار دىگەننىڭ ھېسابىنى قىلىپ يۈرگەن، لېكىن ئەلىئانىنىڭ تەشەببۇس قىلغان  ۋاقىتلىق ھېسابلاش ئېلان ئورنى باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەپتىلىكى 0.48 يۈەن بولدى. مەن بۇنى بەك ئاز كۆردۈم. لېكىن باشقا تور بەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىزدەپ يۈرۈپ بىر ئاددى خەنزۇچە بلوگنىڭ كۈنلۈك ئېلان ئورنىنى 0.02 يۈەن، يەنى 2 تىيىن بىلەن ھېسابلاپ سودا قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، قىزىقىپ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىغا قاراپ ھەيران بولۇپ ئاغزىمنى ئېچىپ قالدىم، گەرچە بلوگدىكى ئەلىدادا سودا ئۇچۇرلىرى ، ئىگىلىك يارىتىشقا دائىر ماقالىلەر خېلىلا ياخشى بولسىمۇ(ئەلۋەتتە، خەنزۇچە تور بەتلەردە بۇنداق ياخشى مەزمۇنلار بار تور بەتلەر ساماندەك)، بۇ تور بەتنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە زىيارەت سانى5 كىمۇ بارمايدىكەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ قويغان بۇنچە تۆۋەن باھاسى يەنىلا بۇ ئېلان ئورنىنى 48 ئادەمنىڭ سېتىۋېلىشىغا مۇيەسسەر قىپتۇ. قاراڭ بۇ پۇلنىڭ ئومۇمىسىنى ھېسابلىسىڭىز بىر يۈەنگىمۇ توشمايدۇ، لېكىن بۇنىڭ بىلەن يەنە باشقىلارنىڭ شۇنداق ئەرزان ئېلان باھا ئورنىنى سېتىۋېلىپ داۋاملىق تەشۋىق قىلغىلى، شۇ 48 ئادەمنىڭ بەرگەن ياخشى باھاسىدىن يىغىلغان 48 نۇمۇر ئارقىلىق ئۆز ئېلان ئورنىنى قايتا– قايتا قېتىملاپ ئەلىئانا ئالاھىيدە ئېلان ئورنىدا ھەقسىز تەشەببۇس قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا دوستۇم، مەن ئويلايمەن ئۇيغۇرچە بلوگ يېزىپ مەزمۇنىنى ھەپتىدە بىر يېڭىلاپ بەرسىڭىزمۇ سىزنىڭ زىيارەت قېتىم سانىڭىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان تور بەتتىن ئاشىدۇ. جاپا كۆرمەي ئېلان ئىلتىماس قىلىپ قويۇڭ، باھانى مۇۋاپىق قويسىڭىزلا «تاما– تاما كۆل تولار» دىگەننىڭ تېگىگە يېتىسىز.  
        بۇنىڭدىن يەنە بىر ھېس قىلغان نەرسەم شۇكى پېقىردەك بلوگ سېپىگە يېڭى كىرگەنلەر ئۈچۈنمۇ كەڭ قېرىنداشلارنىڭ قوللىشى بىلەن شۇنچە زور ئېلان كىرىمى بوپتۇ. بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناق، ئىتتىپاق ۋە ئۆز– ئارا ياردەم قىلىدىغان روھىنى يەنە بىر قېتىم تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
    ئاللاھ خالىسا قېرىنداشلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئۇيغۇر بلوگچىلىقى كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى!      


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ئاناتىلىم بىلوگى! نادىر تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي! دىلكەش613بلوگى سىزنى داۋاملىق قوللايدۇ! ئېلانلىرىڭىز ھەم داۋاملىق چىكىلدۇ! داۋاملىق تىرىشقايسىز![defFace:0]
    م.ئە.سەبۇرى回复دىلكەش613بلوگى说:
    كۆپتىن كۆپ رەھمەت. دىلكەش 613 ئەپەندىم. ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتىسىز. ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن!
    مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى!
    2009-04-30 12:09:29
  • رەھمەت سىزگە دوستۇم ، ناھايتى ياخشى يول كۆرسەتكىنىڭىزگە رەھمەت . مەنمۇ سىزنى ئۇلىنىشقا قېتىۋالدىم ، مەن سىزدىگەندەك ئېلان تەستىقلانمىغاندىن كېيىن ، ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىدىم ، ھازىر يەنە قايتا قويدۇم ، ئەمدى قانداق بولاركىن .
    م.ئە.سەبۇرى回复مىڭ سوم 说:
    ئەرزىمەيدۇ، دوستۇم. ئەمدى سەۋرچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەيسىز. ئېلان قويۇلۇپ 3 كۈنگىچە بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت ئەھۋالىنى سىتاستىكىلايدۇ، ھەم مۇشۇنىڭغا ئاساسەن دەسلەپكى ئېلان ئورنىڭىزنىڭ ۋاقىتلىق باھاسىنى ھېسابلايدۇ. بۇ جەرياندا ئىلتىماس سۇنسىڭىز تەستىقلانمايدۇ. 3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئىلتىماس سۇنۇپ قاراپ باقىلى. بلوگىڭىز كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى! مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى!
    2009-03-30 09:26:43
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟
    مەن سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ خوش بولدۇم ، چۈنكى بىزگىمۇ مۇشۇنداق پۇل تېپىش پۇرسىتى بار ئىكەن . بىلوگىڭىز تېخىمۇ گۈللەنسۈن!
    سىز ماڭا بىر ئىشتا ياردەم قىلسىڭىز ، مەن بىلوگىمغا بىرنەچچە قېتىم ئېلان ئىلتىماس قىلدىم ، ئەمما تەستىقلانمىدى ، بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ ؟ سىز ئەلىماما ئېلانىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈشتىكى تەجىربىڭىزنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز ماڭا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، رەھمەت سىزگە.
    ئېلانلارنى چېكىپ قويدۇم .
    م.ئە.سەبۇرى回复مىڭ سوم 说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! تورتۇراغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
    تېمىنى ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت. بلوگىڭىزنى كۆرۈپ پېقىرمۇ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم، ۋە دەرھال دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇۋالدىم.
    سىز سورىغان مەسلىگە كەلسەك: ئادەتتە ھەربىر ئەلىئانا ئېلانىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدە ئەلىئانىدا ئىلتىماس قىلغان شۇ ئېلانىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرىدىغان بېتىگە كىرىدىغان ئۇلىنىش قىسمى بولىدۇ. لېكىن نىمىشقىكىن مەن بەت ئۈستى ۋە ئاستىدىكى ئېلانلىرىڭىزنى بىردەك سىناپ كۆرسەممۇ ئۇ بەتكە كىرمەي قالدى، بۇنداق بولۇشى ئۇ ئېلاننىڭ تېخى پۇكەيگە تىزىلمىغانلىقىدىن ياكى ئېلان ئۆچۈرىۋىتىلگەنلىكتىن بولاتتى. شۇڭا قايتا تەكشۈرۈپ كۆرسىڭىز. شۇ جاينى كۆرۈپ بىر قانچە مۇھىم تەرەپلەر، مەسىلەن: بلوگىڭىزغا ئېلاننى قويغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى، بلوگىڭىزنىڭ ئېلان قويغان بېتى تولۇق رەسىمگە تارتىلدىمۇ يوق. دىگەندەكلەر ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ ئاندىن بىر نەرسە دەي دىگەن.
    ئەگەر مېنىڭ ئېلاننى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈشتىكى تەجىرىبەمنى بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا توغرا كەلسە :
    ھەرقانداق مەسىلە بولسا ئەلىئانا مۇلازىمەتچىلىرىگە خەت يېزىپ ئىنكاس قىلىپ مەسلەھەت سوراش.

    پېقىر ئىزچىل مۇشۇ مەسلىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمەن. مەيلى بلوگباس بولسۇن ياكى ئەلىئانا بولسۇن ھەرقانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز شۇلارنىڭ بېكىتى ئۈستىدىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىدىن ئۇلارغا سۆز قالدۇرسىڭىز سىزگە ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. يېقىندا مەلۇم تور بەتتە كونا كىتابلارنى ساتىدىغان دۇكان ئاچقان ئىدىم. ماللىرىمنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ لېكىن باش بەتتە كۆرۈنمىدى، بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن باشقۇرغۇچىلارغا خەت يازسام دەرھال باش بەتتە كۆرۈنىدىغان قىلىپلا قالماي يەنە تەۋسىيە دۇكانلار قاتارىغا چىقىرىپ تەۋسىيە قىلىپ قويۇپتۇ.
    يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىم سىز سورىغان سوئالنىڭ نەق جاۋابى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن سىزگە ياردىمى بولسىكەن دىگەن ئۈمىدتىمەن. داۋاملىق پىكىرلىشىپ تۇرايلى. ھەرۋاقىت كېلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
    2009-03-29 11:39:28
  • مۇبارەك بولسۇن! ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.... مۈمكىن بولسا ئېغىر كۆرمەي مېنىڭ بلوگىمنى ئازىراق ....
    م.ئە.سەبۇرى回复دىلئۇز说:
    بارچە خوشاللىق بىرگە بولسۇن. ئاخىرى پەيدا بولدىڭىز، گەپنىڭ ئاخىرىنى دېمەپسىزغۇ؟ قۇلىقىم سىزدە، ياردەم قولۇم يېتىدىغان ئىشلار بولسا قولۇم كۆكسۈمدە.
    2009-03-19 17:15:21
  • ئېلانلىرىڭىزنى يەنە بىر قېتىم دەسسىۋەتتىم![defFace:0]
    م.ئە.سەبۇرى回复دىلكەش613بلوگى说:
    يېقىندىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. سىزنىڭ ئېلانىڭىزمۇ كۆرۈلدى.
    كۆرۈلىۋاتىدۇ ۋە كۆرۈلىدۇ.
    2009-03-18 21:17:40
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ئاناتىلىم بلوگى ، مەنمۇ ئادەتتە سىزنىڭ بلوگىڭىز غا دائىم كىلىپ تۇرمەن، دىمسىمۇ دائىم تېمللىرىڭىزنى يېڭلاپ تۇرسىز! مەنمۇ ئەلى ئانا ئېلانىدىن سىز بىلەن تەڭ مىقداردا كىرىم قىلىپتىكەنمەن. كىين ئالاي دەپ ئالدىرمىدىم. بولسا مۇشۇ بلوگېرلىرىمىز بىر خىل ئادەتتنى يىتۈلدۈرگەن بولسا يەنى مەن ئادەتتە مەيلى قايسى بىر بلوگ ياكى ئۇيغۇرچە توربەتنى كۈرەي بىر ئادىتىم بار يەنى بەكلا ئالدىرىش بولغان تەقدىردىمۇ ، ئۈچ توربەتنى ياكى بىلوگنى زىيارەت قىلسام ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئىككىسىنىڭ ئېلانلىرىدىن بىر نەچچىنى چىكىۋىتىپ ئۈتۈپ كىتىمەن. ئەگەر ھەممەيلەن ئاشۇنداق ئادەتتنى يىتۈلدۈرگەن بولساق ئۇيغۇر تورچىلقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئازغىنە بولسىمۇ ئىلھام بوللاتتى.
    مىنىڭ بۇنداق ئادەتتنى يىتۈلدۈرشىمگە بىرنەچچە يىل ئىلگىرى قايسىدۇر بىر توربەتتە ئۇچراتقان << مەن ئۇيغۇرغا ئون يۈئەن پۇل تېپىپ بەردىم>> نامىلىق ماقالە سەۋەپ بولغان ئىدى.
    ئاخرىدا دەيدىغىنىم ئاناتىلىم بلوگى ۋە باشقا بلوگېرلارنىڭ جۈملىدىن ھەممە ئۇيغۇرنىڭ بارىلىق ئىشلىرى كۈڭۈلدىكىدەك بولغاي!!
    م.ئە.سەبۇرى回复دىلكەش613بلوگى说:
    تور تۇراغا ياخشى باھالارنى بەرگىنىڭىزگە ۋە يېقىندىن قوللاپ كەلگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. دىگەنلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق.
    بىز ئاڭلىقلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئېلانىنى كۆرسەك، باشقىلارنىڭمۇ كېلىپ بىزنىڭ ئېلانلىرىمىزنى خالىسانە كۆرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرمايمىز، كۆپچىلىك ئورتاق مەنپەئەت ئالىدۇ ۋە ئورتاق ئالغا باسىدۇ.
    ئاللاھ ئىگەم مۇبارەك تېنىڭىزنى ئامان، ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن!
    2009-03-18 21:16:05
  • ئالى ئاپىمىزنىڭ ئىلانلىرىنى تىزىۋەتتىم مانا~~~ مەسلىھەت بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت جۇمۇ~~
    م.ئە.سەبۇرى回复xaphat2007说:
    ئەرزىمەيدۇ. رەھمەت ئېيتقۇچىلىكى يوق.
    بىراق ئېلانلىرىڭىز تېخى تەستىقتىن ئۆتمەپتۇ، يەنە كىرىم بولۇشقا بالدۇر، داۋاملىق تىرىشقايسىز!
    2009-03-17 19:36:51
  • مەن زادىلا ئالىماما نىڭ ئېلانىنى ئالالمىدىم، ئۇ ئاپىمىز ئۆگەي كۆدىمۇ يا~~~
    سىز بىر تەكلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، يا بىلوگىمنىڭ ئۇسلۇبىنى كۆرۈپ تەستىقلىمىدىمۇ،
    ئۇسلۇبنى ئۆزگەرتىپ ئىلتىماس قىلىپ باقسام قانداق بولار، مەسلىھەت بەرسىڭىز بوپتىكەن جۇما،،،،،
    م.ئە.سەبۇرى回复xaphat2007说:
    بلوگىڭىزدا گوگېلنىڭمۇ، بلوگگېر ئەددىسنىڭمۇ، يەنە بىر كۆپچىلىك بېيىپ كەتسۇن قاتارلىق بولۇپ يات ئېلاندىن ئۈچى بار ئىكەن، ئالىئانىنىڭ شۇ ئېلانلارنى كۆرۈپ سىزنى ئۆگەي كۆرۈشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بۇ مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم. ئېلانلار ئارا بىر– بىرىنى بەك يەكلەيدۇ. ھازىر قويغان شۇ ئۈچ ئېلانىڭىزمۇ باشقا ئېلانلارنىڭ بارلىقى سەۋەبىدىن سىزگە بېرىدىغان كىرىمنى ئەسلىدىكىدىن كېمەيتىپ بېرىپ ماڭىدۇ. بۇ كۆپچىلىك بىردەك ئېتراپ قىلغان قاراش.
    يۇقىرىقى ئوتتۇرىغا قويغان مەسلىنى ئوبدان ئويلىشىپ كۆرسىڭىز.
    سىز تىزىملاتقىلى 20 كۈنچە بوپتۇ– ھە؟ ئەڭ ياخشىسى مۇلازىمىتىرغا خەت يېزىپ نېمە ئىشلىقىنى ئېنىق سوراپ بېقىڭ. ئۇلار ئۆزى جاۋاب بەرسۇن.
    2009-03-16 19:59:17
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . تېمىڭىزنى ئوقۇپ مېنىڭمۇ بىلوگومفا ئېلان قۇيۇش قىزغىنلىقىم يەنە بىر ئاز كۆتۈرۈلدى ،مۇمكىن بولسا بۇمۇ كىيىىنچە ئەمەلگە ئىشىپ قالار.
    ھەراست بىلوگىڭىزنىڭ يېڭى ئۇسلۇبىغا مۇبارەك بولسۇن ،لېكىن راستىنى دىسەم بۇرۇنقى ئۇسلۇبىڭىز تېخىمۇ چىرايلىق ئىدى .كۈنۈپمۇ قاپتىكەنمىز
    م.ئە.سەبۇرى回复شاھىمەردان 说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھ خالىسا دىگەنلىرىڭىز كەلسۇن!
    ياردىمىم تېگىدىغان ئىشلار بولسا پېقىر ھەر ۋاقىت قولۇم كۆكسۈمدە، سىز ئاۋۋال ئۆزىڭىز بىلگەنچە ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭ، سەل قېيىن تۇيۇلغان جايلىرىدا ئۆز– ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەل قىلىۋېتەيلى.
    بلوگنىڭ يېڭى ئۇسلۇبىنى ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ئەسلىدە كونا ئۇسلۇبنى ئالماشتۇرىۋەتكۈم يوق ئىدى. بىر نەچچە تورداشلرىمىز شۇ ئۇسلۇبنى سوراپ تۇرىۋالدى، ئەسلىدە ئاناتىلىم قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىدا تورداشلارغا ئېلان قىلىۋېتەي دىگەن، لېكىن قارىسام تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى نورۇز يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، شۇنىڭغا ئۈلگۈرتۈپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشغا سۇناي دەپ تەييارلىق قىلىپ ئۇسلۇبنى ئالماشتۇرىۋەتتىم، توغرا چۈشەنگەيسىز.
    بلوگنى يېقىندىن قوللاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
    2009-03-16 10:37:45
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بلوگىڭىزنىڭ يىڭى ئۇسلۇبىغا مۇبارەك بولسۇن، ئالىماما ئىلانىنىڭ پۇلىنى قانچىگە يەتكەندە ئالغىلى بولىدىكەن؟
    م.ئە.سەبۇرى回复 بارخان 说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    ئالىپاي ، يەنى 支付宝 ھېساباتى ئارقىلىق ئېلىش تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 0.01 يۈەن يەنى 1 تىيىن خەلق پۇلى ئالغىلى بولىدۇ.
    2009-03-16 10:33:42
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەنمۇ مۇشۇنداق ئېلان چۇشۇرۇپ باقاي دېگەنتىم ، بىراق ھېچ تەستىقلانمايۋاتىدۇ، قانداق قىلسام ، ئاسانراق تەستىقلىنار؟
    tuzluk.blogbus.com[defFace:0]
    م.ئە.سەبۇرى回复پارلاق说:
    تورتۇراغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. بلوگىڭىز مېنى سۆيۈندۈردى. ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ، داۋاملىق تىرىشقايسىز، چوقۇم ئىستىقبالى ياخشى بولىدۇ.
    سىز سورىغان سوئالغا كەلسەك. ئەلىئانا ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن 3 كۈن سىناق قويۇلىدۇ، بۇ مەزگىلدە شۇ تور بەتنىڭ بارلىق ئەھۋاللىرى باھالىنىپ چىقىلىدۇ. مەسىلەن: بۇ مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە زىيارەت سانى ۋە تور بەت ئۇسلۇبى دىگەندەك. قارىسام سىز ئىلتىماس قىلغىلى ئۇزاق بولمىغان ئوخشايدۇ.
    يەنە بىرسى ئېلان ئورنى ئۇچۇرىڭىزنى كۆرسەم
    http://www.alimama.com/membersvc/zone/6620100.htm
    بلوگىڭىزنىڭ رەسىمى چىقىدىغان ئورۇن قۇرۇق ئىكەن، ۋاقتىدا رەسىمگە تارتىشنى ئىلتىماس قىلىپ قويغايسىز. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار تولۇق بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىلتىماس قىلغايسىز.
    ئېنىق بولمىغان جايلار بولسا داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرايلى، دوستۇم.
    2009-03-16 10:31:04
  • ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەلىئانىدىن كىرىم قىلغانلىقىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن! ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ يۈرۈشسۇن. يېڭى ئۇسلۇبىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. سالامەت بولۇڭ قېرىندىشىم.
    م.ئە.سەبۇرى回复QAWANDAZLAR说:
    بارلىق خوشاللىق ۋە ئۇتۇقلار بىرگە بولسۇن!
    يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت، مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!
    ئاللاھ خالىسا مۇبارەك بلوگىڭىز كۈنسېرى راۋاجلانغۇسى!
    2009-03-16 10:25:11