-
ئاناتىلىم تورتۇراسى قۇرۇلۇپ دەل 58 كۈن بولغاندا تۇنجى ئېلان كىرىمنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى. بۇ جەرياندا مېنى يېقىندىن قوللىغان بارلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇبارەك تېنىنىڭ ئامان، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن. ئادەمنىڭ كۆڭۈل شېشسىنى تۇنجى قېتىم چاققان ئىشلار مەيلى قانچە كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. گەرچە بۇ كىرىمدىن بېيىپ كەتكىمىگەن بولساممۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەجىر– مېھنىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىشى (بۇنى دوستلىرىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئېرىنمەي، زېرىكمەي ئېلانلارنى كۆرۈپ قويۇشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ) ھەقىقەتەن زور خوشاللىق ۋە چەكسىز بەخىت.
دەسلەپتە كۆپ قىسىم بلوگچى تورداشلارغا ئوخشاشلا بلوگگېرئەددىس ئېلانىنى قويغان ئىدىم، ئۇزاققا قالماي ئۇيغۇر بلوگگېرلار توپىدا بىر قانچە پىشقەدەم بلوگچىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ ئىشەنچىلىك، مۇقىم بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئېلان شىركىتىدىن يىگاۋ ۋە ئەلىئانا ئېلانلىرى ئىلتىماس قىلىنغان.