-
سەبۇرى ۋە بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقى - [سەبۇرى ئىزدەش توربېكىتى]
2010-06-02
سەبۇرى تور بېكىتى بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ ئاز بولسىمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقىنىغا 2 ئايچە ۋاقىت بولۇپ قالدى. بەيدۇ ئېلان تورىدىن ئاز-تولا نەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن باشقا ئۇيغۇر تورداشلارغا ياردىمى بولسىكەن دىگەن ئۈمىدتە بۇ ھەقتە تېمىلارنى ئېلان قىلىپمۇ باقتۇق.بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا ئاز بولمىغان بېكەت باشلىقلىرى ئۆزىنىڭ بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقىغا كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىراق بىر قانچە قېتىم ئىلتىماس سۇنۇپمۇ تەستىقلىتالمىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ تېمىنى يېزىش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ قالدى.
بۇ يەردە بىز ئېلان ھەمكارلىقى ۋە ئېلان ھەمكارلىق قائىدىسىنىڭ گېپىنى قويۇپ ئەمەلىي يۈز بەرگەن ئىشتىن سۆز ئېچىپ باقايلى:
سەبۇرى تور بېكىتى www.seburi.com تور نامىنى ئىشلىتىپ قۇرۇلغىنىغا 4 ئاي بولغاندا(شىنجاڭ تورى ئېچىلمىغان شارائىت ئاستىدا)، كۈنلۈك ئوتتۇرىچە زىيارەت ئادەم 200، زىيارەت قېتىم سانى 1000 ئەتراپىدا، دۇنيا دەرىجىسى ئالدىنقى 8 مىليوننىڭ ئىچىدە بولغان سەۋىيە بىلەن بەيدۇنىڭ ئېلان ھەمكارلىق تەستىقىدىن ئۆتتى. ئىشىنىمەنكى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر مەيلى زىيارەت سانى ياكى دۇنيا دەرىجىسىدە بولسۇن يۇقىرىقىلاردىن خېلى ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇنداقتا نېمىشقا ئېلان ھەمكارلىقىغا ئىلتىماس قىلسا تەستىقلانمايدۇ؟ -
ئاناتىلىم تورتۇراسىنىڭ ھەرىكەتلىك رەسىم ئېلان ئورنى ئەسلى كودى - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-03-28
بۇ يان سەھىپدىكى ھەرىكەتلىك ئېلان ئورنىنى ئەسلى كودى، كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى.
بۇ خىل ئىقتىدارنى ھازىرلىغان ئەڭ ئاددى كود تۆۋەندىكى چۈشۈرۈش ئۇلۇنىشىغا قويۇلدى، ھەم سىناق تەرىقىسىدە بۇ كود ئىشلىتىپ كۆرۈلدى. بۇ پەقەت ئاددى ھالدىكى بىر خىل كود پىكىر يولى، بۇنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك قوللىنىش كەڭ تورداشلارنىڭ ئۆز پىرىكىرىنى قاناتلاندۇرۇپ ئويلاپ چىقىشىغا قالدۇرۇلدى.
كەڭ ئۇيغۇر بلوگ باشقۇرغۇچى دوستلار:
يېقىندا Alimama ئېلانى ئىلتىماس قىلغان قېرىنداشلىرىمىزدا ئېلان چېكىش ئۇچۇرىدا خاتالىق كۆرۈلگەنلىك سەۋەبى بىلەن ئېلان ئورنى چەكلىۋېتىلگەن، ھەتتا قارا تىزىملىككە چۈشۈرۈپ قايتا ئېلان قويغىلى قويماس قىلىپ قويىۋاتقان ئەھۋاللار كەينى كەينىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا سەگەك بولۇپ مۇناسىۋەتلىك قائىدە ئەھۋاللارغا قارىتا ئەلىئانىنىڭ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىن ئۇچۇر ئىزدەپ تۇرۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز، خەنزۇتىلى سەۋىيسى چەكلىك دوستلىرىمىز ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ئۇچراتقان مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرىمىزنى ۋاقتى ۋاقتىدا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلساق.
تۆۋەندە پايدىلىنىش قىممىتى بولسۇن ئۈچۈن ئەلىئانىنىڭ تور بەتنى ھەقسىز تەۋسىيەلەپ بېرىش شەرتلىرى يوللاندى، بۇنى بىز ئېلانىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر ئۆلچەم سۈپىتىدە قوللانساق تامامەن بولىدۇ.
Alimama نىڭ بلوگ ھەمكارلىق پىلانى - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-02-07
ئەلىئانا يېقىندا بلوگ ھەمكارلىق پىلانى يولغا قويغان بولۇپ، ھەر كۈنلۈك ئېلان چېكىلىش كىرىمى * 30 كۈنلۈك ئەھۋالىغا قاراپ ھەق بېرىش بىلەن بىرگە بىر ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئېلان كىرىمى بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ؛ بۇ كىرىمدىن ئارتۇق كەتكەن قىسمى سىزگە ھېساب، ئەگەر كەم بولۇپ قالسا ئەلىئانا سىزگە تولۇقلاپ بېرىدۇ؛ يەنە ھەرقايسى ئېلانلارنى قويغان ۋاقىت ئۇزۇنلىقىغا قاراپ ئومۇمىي ئېلان كىرىمىنى ھېسابلايدۇ. قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
共1页 1