-
تور ئېلانلىرىنىڭ ئۆلچىمى - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-03-14
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36549119.html
پېقىر تور بەتلەردىكى كىچىككىنە رەسىملەرنىڭ سېھرىي كۈچى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقانغا ئاز–كەم 3 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا 150 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە تور بەت ۋە بلوگلارغا ھەقسىز تۇغ تەمىنلەش ۋە تور بەت ھۆسىن تۈزەش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. تور بەتكە تۇغ ۋە پلاكات ياساش ھەۋەسكارلىنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز شەخسىي لاھىيە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى ياخشى يۈزلىنىش، بىراق بۇ لاھىيەلەردە ئەڭ ئاۋالقى ئۆلچەم تۇغ رەسىملىرىنىڭ چوڭ– كىچىكلىك ئۆلچىمى ئاز بولمىغان بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا. بۇ بىزنىڭ بەزى تۇغ لاھىيە رەسىملىرىنى ئورتاق قوللىنىشىمىزغا ۋە ئېلانچىلىق ئىشلىرىنى ئورتاق راۋاجلاندۇرىشىمىزغا بىر قىسىم توسقۇنلۇقلار ئېلىپ كەلمەكتە. تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتە بىر قىسىم ئۇچۇرلار تەمىنلەنگەن . تور بەتلەردىكى تۇغ رەسىملىرىنىڭ ئۆلچىمى ئاللىبۇرۇن خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆز تور بېتىگە ئېلان قويغان تور بەتلەر، بولۇپمۇ ئۇلىنىش تور بەتلىرىنىڭ ئامال بار مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىشىنى، ھەم شۇ ئارقىلىق تور بەتلەرنىڭ سۈپىتى، ئېچىلىش سۈرئىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
نۆۋەتتە يالغۇز ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خەلقئارادا ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان ئىككى تور بەت ئېلان رەسىمى تۆۋەندىكىچە:
468x60 (px، تۆۋەندە ئېلىنغان بارلىق ئۆلچەملەردىكى ئورتاق بىرلىك پېكسىل قىلىپ ئېلىنىدۇ.): ھۆججەتنىڭ سېغىمى ئەڭ ياخشىسى 20KB ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك، 35KB دىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ.
بۇ دەل بەزى تورداشلار تەرىپدىن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بەننىر(Banner,بۇ ئىنگلىزچە سۆز تور بەت ئېلانى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) بولۇپ، بىز ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈپ تور بەت پلاكاتى دەپ ئاتايمىز.
88x31: ھۆججەتنىڭ سېغىمى ئەڭ ياخشىسى 5KB ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك، 7KB دىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ.
بۇ دەل كۆپچىلىككە تونۇشلۇق لوگو(Logo, بۇ سۆز ماركا، تامغا، ئەن دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ) رەسىمى بولۇپ، بۇنى بىز ئۇيغۇرچىدا ئۆزلەشتۈرۈپ تور بەت تۇغى دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا گېزىتچىلىك جەمئىيتى NAA، 1997.يىلى 1.ئاينىڭ 24. كۈنى رەسمىي ھالدا تور بەت ئېلانلىرىنىڭ چوڭ– كىچىكلىك ئۆلچىمىنى بېكىتتى:
ئۆلچىمى
ئېلان رەسىمى ئىسمى
468x60
توغرىسىغا يېزىلغان ئېلان (پلاكات ئېلانى)
392x72
يېتەكچى ئېلانى (توغرىسىغا يېزىلغان ئېلان2)
234x60
يېرىم پلاكات ئېلانى
125x125
كۋادىرات كۇنۇپكىسى
120x90
كۇنۇپكا 1
120x60
كۇنۇپكا 2
88x31
كىچىك كۇنۇپكا (تور بەت تۇغى)
120x240
تىك يېزىلغان ئېلان
2001.يىلى 2.ئاينىڭ ئاخىرى، ئېنتىرنىت تورى ئېلان بىرلەشمە ئىتتىپاقى (دىققەت: ئەسلىدىكى ئۆلچەملەرنى ساقلاپ قالغان ئاساستا )يېڭى ئېلان ئۆلچەملىرىنى ئېلان قىلدى.
ئۆلچىمى
ئېلان رەسىمى ئىسمى
120x600
«ئېگىز بىنا» شەكىللىك
160x600
«كەڭرى ئېگىز بىنا» شەكىللىك
180x150
تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك
300x250
ئوتتۇرھال تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك
336x280
چوڭ تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك
240x400
ۋىرتىكال تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك
250x250
كىچىك كۇنۇپكا (تور بەت تۇغى)
120x240
« يېڭى رامكىدا كۆرۈنىدىغان تىك تۆت بۇلۇڭ» شەكىللىك
ئېلان رەسىملىرىدىكى خەتلەر ئاسان ئېغىزغا كېلىدىغان ۋە ئەستە قالىدىغان، رەسملىرى بەك مۇرەككەپ بولمىغان بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىدىن كۇفىي، قوليازما ۋە ئەسلىيە (ئۇ ك ئى ج نىڭ خەت نۇسخىلىرىنى ئاساس قىلىپ ئېيتىلدى) قاتارلىق بىر قەدەر توم ، ئوچۇق بولغان خەت نۇسخىلىرى كىشىلەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە تور بەتتىكى باشقا مەزمۇنلارنىڭ تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىدىغان بولۇپ، مۇشۇ خەت نۇسخىلىرىدا لاھىيە ئېلىپ بارسا بىر قەدەر ياخشى.
سەۋىيەم چەكلىك، تەجىرىبەم يېتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن خاتالىقلارنىڭ ساقلىنىشى تەبئىي كەڭ قېرىنداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقنى ۋە كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى ھەۋەسكار ۋە ئۇستازلىرىمىزنىڭ تۈزىتىپ قويۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش ۋە تورتۇرانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەيسىز! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
收藏到:Del.icio.us
