-
ئادەم زادى قانچە خىل تىلنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-03-14
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36550883.html
لوندون تىل ئىنىستىتۇتىدىكى پروفېسسور جېك خافسون 2003.يىلى 10 .ئايدا كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان بىر پارچە ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى تاپشۇرىۋالىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ ئىگىسى خېتىدە مۇنداق دەيدۇ:«دۇنيادا ئەڭ كۆپ تىل بىلىدىغان ئادەم مېنىڭ بوۋام بولۇشى مۇمكىن». پوچتا يوللانمىسىنىڭ ئېگىسى ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بوۋىسى ئىتالىيەلىك ئىكەن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىتسىلىيىدىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇنىڭ بوۋىسى گەرچە ھېچقانداق مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كۆپ خىل تىلنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 70 دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 56 دۆلەتنىڭ يېزىقىنى ئوقۇيالايدىكەن ھەم يازالايدىكەن. بۇ تالانىت ئىگىسى دېڭىز– ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ نىيۇيوركقا كەلگەندە ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ئىكەن. ئۇ پويىز ئىستانسىسىدا يۈك توشۇغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ خىل خىزمەت ئۇنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئادەملەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تۇرغان. خىزمەت ئېھتىياجى ئۇنى ئۆزلۈكىدىن چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چەت ئەل تىلىنى ئۆگېنىشكە ئىشتىياق باغلىغان. ئۇنىڭ تىل ئۆگېنىش جەھەتتە ئاجايىپ تالانتى بولغاچقا، ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىگەن. 20.ئەسىرنىڭ 50.يىللىرىغا كەلگەندە ئۇ نەۋرىسىنى ئېلىپ ئالتە ئايلىق دۇنيا ساياھىتىنى باشلىغان.
ئۇلار ۋېنېسۇئېلا، ئارگېنتىنا، نورۋېگىيە، ئەنگلىيە، پورتۇگالىيە، ئىتالىيە، گرېتسىيە، تۈركىيە، سۈرىيە، مىسىر، لىۋىيە، ماراكەش، جەنۇبىي ئافرىقا، پاكىستان، ھىندىستان، تايلاند، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، ئاۋسترالىيە، فىلىپپىن، ياپونىيە ۋە جۇڭگو، شىياڭگاڭغا بارغان. ھەر بىر جايغا بارغاندا ئۇ شۇ جاينىڭ تىلىدا يەرلىك كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقان. ئۇلار تايلاندتا ئىككى ھەپتە تۇرغان، دەسلەپتە بوۋىسى تايلاند تىلىنى بىلمەيتتى، بىراق ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ تايلاند تىلىدا بازاردا ئەركىن سودا قىلالايدىغان بولغان.
پروفېسسور خافسوننىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى بەزىلەر ئۇنىڭغا كۆپ خىل تىل بىلىدىغان بەزى تالانت ئىگىلىرىنى ئېيىتقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگىنى ئىتالىيە كاردىنالى جۇزبا مانسېل(1849~1774) ئىكەن. بۇ ئېپىسكوپ گەرچە چەت ئەلگە چىقىپ باقمىغان بولسىمۇ، بىراق 72 خىل تىلنى بىلىدىكەن، 39 خىل تىلنى راۋان سۆزلىيەلەيدىكەن. بۇ ئېپىسكوپ ئىتالىينىڭ بولوگنا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دىنىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا لاتىن تىلى، قەدىمكى يۇنان تىلى، ئىسپان تىلى، نېمىس تىلى ۋە بىر قانچە خىل ئىندىئان تىلىنى بىلدىكەن. ئۇ ئاجايىپ تالانىتلىق بولغاچقا مەكتەپنى بالدۇر پۈتتۈرگەنىكەن، پەقەت يېشى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قول قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىگەنىكەن. ئۇ بۇ جەرياندا يەنە شەرق تەرەپتىكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ تىلىنى ئۆگەنگەن. ئۇ ناپولېئون قوشۇنىدا پوپ بولۇپ تۇرغان چاغلىرىدا يەنە ياۋروپايدىكى بىر قانچە تىلنى ئىگىلىگەن.
بۇ ئېپىسكوپتىن باشقا، يەنە ۋېنگىرىيلىك ئايال تەرجىمەن جادو لومبا 17 خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان بولۇپ، 11 خىل تىلدا بىمالال ماتېرىيال كۆرەلەيدىكەن. فرانسىيىلىك ئېيمىل كېلبوس 60 خىل تىلنى بىلىدىكەن. ئۇ توققۇز ھەپتە ئىچىدىلا ئەرمىنىيە تىلىنى ئۆگىنىپ بولغانىكەن. ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، 19.ئەسىردە ياشىغان فرانسىيىلىك ئالىم فىلپال 24 خىل تىلنى بىلىدىكەن.
پروفېسسور خافسون بۇ خىل كىشىلەرنى «تىل جەھەتتىكى خاسىيەتلىك ئادەم» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ئالتىدىن كۆپ خىل تىل بىلىدىغان ئادەملەرنى مۇشۇ خىلدىكى ئادەملەر قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئالتە خىل تىلنى چەك قىلىدۇ؟ چۈنكى يەرشارىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا ئاساسەن 100 پىرسەنىت ئاھالىنىڭ ھەممىسى بەش خىل تىلنى بىلىدۇ. مەسىلەن، شىۋىتسارىيىدە تۆت خىل دۆلەت تىلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن شىۋىتسارىيلىكلەر تۆت خىل دۆلەت تىلىنى بىلگەندىن باشقا، يەنە ئىنگلىزتىلىنىمۇ بىلىدۇ. تىلشۇناسلار، پىسخولوگلار بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە بەكرەك قىزىققان. ئۇنداقتا بۇ خىل كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئالاھىدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى قەيەردە؟ ياكى ئۇلارمۇ ئادەتتىكى كىشىلەر بولسا، ئۇلار بۇ خىل نەتىجىلەرنى شارائىتنىڭ مۇۋاپىق كېلىشى، شەخىسنىڭ قىزىقىشى ياكى ئۆزىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. بىراق بەزى تىلشۇناسلار مۇنداق قارايدۇ: «بۇ جەھەتتە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق.» ئامېرىكىلىق ئالىملار مۇنداق قارايدۇ: «ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارى تېخى تولۇق ئېچىلغىنى يوق، يېڭى بىر خىل تىلنى ئىگىلەشتە، توسالغۇ بولىدىغىنى پەقەت ۋاقىتنىڭ يېتىشمەسلىكى. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا، ئادەم چوڭ مېڭىسىنىڭ چېكى مەۋجۇت ئەمەس».تەرجىمان: رىزۋانگۈل سابىر
«بىلىم– كۈچ» ژورنىلى 2007.يىللىق 5. سانىدىن ئېلىندى.
收藏到:Del.icio.us
