<<  خىيال تونىلى1 (ئۈمىدسىز خىيال) | باش بەت | ئادەم زادى قانچە خىل تىلنى ئۆگىنەلەيدۇ؟  >>
  • قىزىمغا يېزىلغان 3.پارچە خەت(ئىمتاھاندا مەڭگۈ دىگۈدەك ئەپسۇسلىنىش بولىدۇ) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]

    2009-03-12

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36474183.html

    维族 女儿

    قىزىمغا يېزىلغان ئۈچىنجى پارچە خەت

    ئەسلى ئاپتورى: يىڭيى    تەرجىمە قىلغۇچى: م.ئە.سەبورى
    قەلەمگە ئېلىنغان ۋاقتى: 2007.يىلى 11.ئاپرېل

    ئايلىق ئىمتاھاندىكى پەنلەرنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، قىزىمنىڭ دىيىشىچە ئىمتاھاننى ناھايىتى «ناچار» بېرىپتۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىم ئىمتاھاندىن قايتىپ كەلگەندە ئۇ شۇنداق دىگەچكە دادىسى بىلەن ئىككىمىز كۆنۈپ قالغان ئىدۇق.
    «ھەجەپ بىزار بولدۇم، خىمىيە ئىمتاھانى بەرگەندە قولۇمغا جىن تېگىپتۇ ، قاراپ تۇرۇپ 6 نى 4 قىلىپ يېزىپ قويۇپتىمەن. بولمىغان بولسا 100 نۇمۇر ئالاتتىم. » «98نۇمۇر ناھايىتى يۇقىرى نۇمۇرغۇ؟» «لېكىن، ئەگەر مەن 100نۇمۇر ئالسام، ئۇ چاغدا ئوخشىمايدۇ، (سىنىپتا)غۇلغۇلا قوزغىغۇدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەتتىم.» قىزىمنىڭ كۆز نۇرى بار چاقناپ، ئارقىدىنلا ئۆچۈپ قالدى.
    «ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىنگلىزتىلى(شىنجاڭدا ئانا يېزىقىمىزدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خەنزۇتىلى بېرىدۇ) ، شەنشەندىن ئارانلا 4 نۇمۇر يۇقىرى ئاپتىمەن. يەنە بىئولوگىيە تېخىمۇ ماز. فىزىكا، ماتېماتىكا دىگەنلەرنى تىلغا ئالمايلا قوياي بولدى.»
    ئەمەلىيەتتە قىزىمنىڭ خىمىيە، ئىنگلىزتىلى ۋە بىئولوگىيە پەنلىرىدىكى نەتىجىسى ئىزچىل ھالدا سىنىپ بويىچە بىرىنجى بولسىمۇ، بىراق ئۇ زادىلا رازى بولمايتتى.

    سۆيۈملۈك قىزىم:
    سىزنىڭ ئىمتاھان نەتىجىڭىز چىققاندىن كېيىنكى ئۆيگە قايتقان ھالىتىڭىزنى ئېسىمگە ئالساملا كۈلگۈم كېلىدۇ. تارىخ مانا شۇنداق ئوخشاشقان، مومىڭىزنىڭ سىزگە قىزى كىچىك ۋاقتىدا ھەر قېتىم ئىمتاھاندىن قايتىپ كەلسە قاپىقى ئېچىلماي نۇرغۇن ئەپسۇس ۋە كەتكۈزۈپ قويغانلىقلىرىنى بايان قىلىپ تۇرىۋالىدىغانلىقى، لېكىن ئىمتاھان نەتىجىسى چىققاندا بولسا دائىملا بىرىنجى بولىدىغانلىقىنى ئېيىتقىنى ئېسىڭىزدىمىكىن.
    ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇ ۋاقىتلاردا نەتىجىگە بەك ئېتبار نەزىرىم بىلەن قاراپ كەتكەن ئىكەنمەن، ئىمتاھان ۋاقتىمدىمۇ قەغىزىمنى ئوراپ ئولتۇرىۋېلىپ باشقا ساۋاقداشلىرىمنى كۆرۈپ قېلىپ كۆچۈرىۋېلىپ مېنىڭدىن ئېشىپ كېتىشىدىن قورقاتتىم. ھى... ھى... سىزنىڭ ئىككى تاغىڭىز ماڭا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار بولسا قەستەن ئىمتاھان قەغىزىنى باشقا ساۋاقداشلىرىغا كۆرسىتىپ قوياتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ كىشلىك مۇناسىۋەت دائىرىسى مېنىڭكىدىن كۆپ ياخشى.
    مېنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغان بىر قېتىملىقى قولۇمغا «جىن تەككەن»ى ئەمەس، بەلكى يۈرىكىمگە «جىن تەككەن»ى ئىدى. ئاپپاق قىزىم، سىزنىڭ يۈرىكىڭىزگە جىن تېگىپ باققانمۇ؟ ئۇ 78.يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى ئىدى، بىر دانە ماتېماتىكا فۇنكىسىيە سوئالى، كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىسپاتلىغاندىن كېيىن بىرىنجى باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشكەن، cos30° ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق ئېسىمدە، بۇ نەتىجە ئارقىلىق ئىككىنجى باسقۇچلۇق نەتىجە ھېسابلىناتتى. مەن cos30° نى 1/2 قىلىپ يېزىپ ئاقىدىكى ھېسابلاشقا قويۇپتىمەن، ئاخىرقى نەتىجە ئەلۋەتتە خاتا بولاتتى. نىمىشقا ئەينى ۋاقىتتا يۈرىكىمگە جىن تەككەن دەيمەن؟ چۈنكى ئۇ سوئالنىڭ ئاخىرىغا (cos30°= ✓3/2) دەپ ئەسكەرتىش بېرىلگەن ئىدى، مەن بۇ ئەسكەرتىشنى كۆرۈپ تېخى ئىمتاھان سوئالى چىقارغان ئوقۇتقۇچىنى ئىچىمدە زاڭلىق قىلىپ مۇشۇنداق ئاسان نەرسىگىمۇ ئەسكەرتىش بېرەمدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. ئىمتاھان مەيدانىدىن چىقىپ دەرھال ئېسىمدىن كەچتى، لېكىن ئاللىبۇرۇن كېچىككەن ئىدىم. ئىمتاھان ۋاقتىدا قول ۋە يۈرەككە ئوخشاشلا جىن تېگىشى مۇمكىن. ئەگەر مەن شۇ ۋاقىتتا قولۇم بىلەن يۈرىكىمنى بىر قىلىپ، ھودۇقماي، تەمتىرىمەي ئىمتاھان بەرگەن بولسام دادىڭىز بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى دەپ ئىزچىل ئويلاپ كەلدىم.
    لىيۇيۇڭ قىزىغا مۇنداق دىگەن : «دۇنيا ئادىل، ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋاقتى ئوخشاش، سەن ھەر قانچە ئەقىللىق، زېرەك بولۇپ كەتسەڭمۇ ھەممىلا ئىشتا مۇكەممەل بولۇپ كېتىشىڭ ناتايىن.» بىراق ياش ۋاقتىمدىكى مەن ئۆزۈمنىڭ ھەممىلا ئىشتا بىرىنجى بولۇشىمنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغان، ناخشا ئېيتىشتا بىرىنجى، رەسىم سىزىشتا بىرىنجى، ئەمگەك قىلىشتا بىرىنجى، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە بىرىنجى... ۋەھاكازالار.
    ئامېرىكا خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىسخولوگىيە پىروفىسسورى گاردنېر «كۆپ خىل ئەقىلىي ئىقتىدار تەلىماتى»نى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ تەلىمەتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ئەگەر سىز بوشلۇقنى قىياس قىلىش ئەقلىي ئىقتىدارىنى ھازىرلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز چېن دەنچىنغا ئوخشاش سەنئەتكار ۋە بېي يۈمىڭغا ئوخشاش ئارختىكتور بولالايسىز؛ ئەگەر سىز بەدەن تەنھەرىكەت ئەقلىي ئىقتىدارىنى ھازىرلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز لىيۇشىياڭ ۋە ياۋمىڭغا ئوخشاش تەنتەربىيە چولپىنى ياكى ياڭلىپىنغا ئوخشاش ئۇسۇلشۇناس بولالايسىز؛ ئەگەر سىز ئۆز ئۆزىنى تونۇش ئەقلىي ئىقتىدارىنى ھازىرلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ناھايىتى ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، جاۋشىياۋلەنگە ئوخشاش جەمئىيەتشۇناس بولالايسىز؛ ئەگەر سىز تىل ئەقلىي ئىقتىدارىنى ھازىرلىسىڭىز،  ئۇنداقتا دىپلومات، مۇخبىر بولالايسىز؛ ئەگەر سىز مۇزىكا ئەقلىي ئىقتىدارىنى ھازىرلىسىڭىز ئۇنداقتا سىز پېڭلىيۈەنگە ئوخشاش ناخشىچى ۋە لاڭلاڭغا ئوخشاش پىئانىنوچى بولالايسىز... ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە ھازىرلىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەم ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ھېچقانداق بىر ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولماسلىقىمۇ مۇمكىن ئەمەس. سۆيۈملۈك قىزىم، سىز ئۆزىڭىزدىن پەخىرلىنىشىڭىز كېرەك، چۈنكى سىزنىڭ مۇزىكا ئەقلىي ئىقتىدارىڭىز بار، ناخشىنىمۇ يېقىملىق ئېيتىسىز. سىز بىلەمسىز، دۇنيادىكى ئۈچتىن بىر قىسىم ئادەملەر ناخشا ئوقىسا ئاۋازى قايىدۇ، مەسىلەن دادىڭىزغا ئوخشاش. سىزنىڭ تەنھەرىكەت ئەقلىي ئىقتىدارىڭىزمۇ يامان ئەمەس، يىنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىلىرىدە دەرىجىگە ئېرىشىسىز، ،ئاپىڭىزنىڭ ئەينى ۋاقتىدىكىدىن جىق ياخشى. تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىپمۇ ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇش ھەقىقەتەن مۈشكۈل، ئاپىڭىز تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا دائىم دىگۈدەك ئىمتاھانلاردىن ئۆتەلمەيتتى، ئۇ چاغدا مەن سىزدىن كۆپ قايغۇرغان.
    سۆيۈملۈك قىزىم مەن سىزنىڭ «ئۆگىنىشنىڭ ئىلھامى بولىدۇ، بەزى دەرسلەرنى بىر قېتىملا كۆرۈپ قويسا ئۆگىنىپ كەتكىلى بولىدۇ، گەرچە سوئاللار سەل چىگىش بولسىمۇ لېكىن ئادەمنى كۆپ قايدۇرمايدۇ، خۇددى كۆز ئالدىدا بىر يول تاختىسى باردەك چاقناپلا تۇرىدۇ. لېكىن بەزى دەرسلەر، خۇددى ئېزىتقۇ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەكلا، بۇ چاغلاردا بىرەر يول كۆرسەتكۈچ ماياك بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى– ھە! بىراق چىراق نەلەرگە غايىپ بولدىكىن، قانچە ھودۇققانسېرى چىقىش يولى تاپماق شۇنچە تەس. ئىچى سىقىلغىنى سىقىلغان ئادەمنىڭ.» دىگەن گېپىڭىزنى بەكمۇ قوللايمەن. ئوخشاش تۇيغۇدا ئىكەنمىز، ئوخشاش تۇيغۇدا، ئاپىڭىز قولىڭىزنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ سىز بىلەن سىرداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ!
    ئېزىتقۇنى تىلغا ئېلىۋىدىڭىز، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ شەنخەيگۈەندىكى ئېزىتقۇ ئۆيدىن ماڭغىنىمىز ئېسىمگە كەلدى، مەن دادىڭىزغا ھەقىقەتەن قول قويغان ئىدىم، ئۇ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا توغرا  بولغان چىقىش يولىنى تېپىۋالغان ئىدى. بىراق مەن بولسام كاللامنى ئىشلەتمەي قارىغۇلارچە ئۇياق– بۇياققا چېپىپ تەرگە چۆمۈلۈپ يۈرۈپمۇ چىقىپ كېتەلمىگەن ئىدىم. دادىڭىزنىڭ ئېزىتقۇ ئۆيدىن ئوڭۇشلۇق چىقىپ كېتەلىشى دەل ئۇنىڭ ئېغىر– بېسىقلىقىدىن بولغان ئىدى. مەسلىگە يولۇققاندا سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىل تەپەككۇر قىلىپ كۆرگەندە قاراڭغۇلۇقتىن چىراقنى ئاچلىقتىن بىر پارچە ناننى تېپىۋالغىلى بولىدۇ. سىزچىچۇ؟     

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تورتۇرانىڭ تەرەققىياتى ۋە تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسدىن رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەيسىز!


    ساقلىۋېلىش:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى