• ئالدىنقى قېتىم ئەلىئانا ئېلان كىرىمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى بايان قىلىپ يازغان تېمنى كۆرگەندىن كېيىن تورداشلىرىمىزنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسىدىن alipay نى تەستىقتىن ئۆتكۈزەلمىگەنلىك تۈپەيلى ئېلان كىرىمىنى نورمال ئالالمايۋاتقانلىقتەك ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىك خەۋىرى كەلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن پېقىر مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى كۆپ ئىزدەپ ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تېمىلارنىڭ دىگەندەك يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ مەسىلىگىگە قارىتا تەپسىلىي ھەل قىلىش ئەھۋالى ئەلىپاينىڭ ياردەم مەركىزىدە رەسىملىك قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن:  ،

    http://help.alipay.com/support/help_detail.htm?help_id=1495&sh=null

    يۇقىرىقى تېمىدا تىلغا ئېلىنغىنى كىملىكنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇسۇل بولغاچقا بىر قەدەر ئاۋارىچىلىقتەك بىلىنىدۇ. پېقىر ئەلىپاينى تەستىقتىن ئۆتكۈزگەندە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تەستىق ئۇسۇلى، يەنى يانفون ئارقىلىق تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، مۇشۇ ئىلتىماس تۈرىنى تاللىغاندىن كېيىن يانفونغا بىر ئۇچۇر كېلىدۇ، شۇ ئۇچۇرنى تەستىق نۇمۇرى قىلىپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا توشقۇزسىلا بولىدۇ.