-
سەبۇرى تورىدا يېڭىلىقلار [تەۋسىيە] - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-10-26
سەبورى ئېلېكتىرونى تورى 2009.يىلى 4.ئايدا قۇرۇلغاندىن باشلاپ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاددىيلىقتىن مۇكەممەلللىشىپ بۈگۈنكى ھالەتكە يەتتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە قوللىغۇچىلارغا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
يېقىنقى 1 ئاي جەريانىدا سەبورى تورىدا ئۇسلۇب ۋە ئىقتىدار جەھەتتىن ئۆزگىچە تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك قىسقىچە خۇلاسە ئېلىپ بېرىلدى:
1.باش بەت ئۇسلۇبى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، سەھىپىلەرگە مەخسۇس رەسىم نۇسخىسى لاھىيەلەندى، نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان تور بېكەتلەر ئۇلىنىشىنى باش بەتتە قولايلىق كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. زىيارەت ئادرىسى:
http://seburi.com/
ھەر قايسى سەھىپىلەر مۇكەممەل ئىقتىدارلىق سەھىپە بولۇش بىلەن بىرگە ئۇسلۇب جەھەتتىن سۇس كۆك رەڭنى ئاساس قىلىپ بىر خىللاشتۇرۇلدى.2. فىلىم مەركىزى يېڭىلاندى.
توپلانغان ئۇيغۇرچە نادىر فىلىم 166 كە يېتىش بىلەن بىرگە ھەربىر تۈردىكى ئەڭ يېڭى 6 فىلىمنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە فىلىم كۆرۈش بېتىدىكى ئەڭ يېڭى يوللانغان فىلىملەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. بۇنىڭغا يەنە فىلىم ئاستىغا تىزىملاتماي تۇرۇپ ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارىنى قوشۇش پىلانلىنىۋاتىدۇ. زىيارەت ئادرىسى:
http://seburi.com/filim/3. سەبورى خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تور لۇغىتى
بۇ ئالاھىيدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان سەھىپە بولۇپ، ئەسلىدىكى ئاددى بولغان كەسپىي ئاتالغۇ لۇغىتى رەسمىي ھالدا ئۇنىۋىرسال تور لۇغىتى قىلىپ تۈزۈپ چىقىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى. خالىغان خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىننى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. نۆۋەتتە لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىۋاتىدۇ. زىيارەت ئادرىسى:
http://seburi.com/dict/4. مۇنبەر سەھپىلىرى كۆپەيتىلدى.