<<  ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش ۋە ئېلان چېكىش ھەمكارلىقى | باش بەت | (The Uyghur Hero Chintomur) چىن تۆمۈر باتۇر  >>
  • ئەسەر مەنبەسىنى ئىزدەش يولىدا - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]

    2009-02-08

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34764828.html

    بۈگۈن مەلۇم بىر بلوگدىن «خۇدا ئۇيغۇر تىلىنى بىلەمدۇ» ناملىق مىكرو ھېكايە كۆزۈمگە چۈشتى(بۇرۇن بۇ ھېكايىنى ئوقۇغان بولساممۇ ئۇ چاغدا بەك دىققەت قىلىپ كەتمەپتىكەنمەن). ئانا تىلىم بلوگىنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەيلىمەيلى» سەھىپىسى مەخسۇس ئانا تىلنى قوغداش، توغرا ئاسراش ھەققدىكى نادىر تېمىلارنى توپلاشقا ئاجرىتىلغان(ئالدىنقى شەرت چوقۇم ماقالە مەنبەسى ئورنىدىن تېمىنى يوللىغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، ئاندىن باش بەت، ماقالە بەتلىرىدىمۇ ماقالە مەنبەسى تولۇق ئەسكەرتىلىشى كېرەك.) بولغاچقا، بۇ ماقالە يېقىپ قېلىپ دەرھال مەنبەسىگە قارىسام، « خەنجەر بەگ، شەبنەم مۇنبىرىدىن ئېلىندى » دەپلا بار ئىكەن.يا بىر ئەسلى ماقالە ئورنىنىڭ ئادرىسى ياكى ئۇلىنىش قىلغان ئادرېىسى يوق. ئەپسۇس، بۇ مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتكەنلىك ئەمەس ئىدى. شۇنداق قىلىپ گوگېللاپ كۆرسەم، پاھ، بۇ ماقالە بېسىمىغان مۇنبەرمۇ قالماپتىمۇ نېمە؟! مەن قىزىقىپ بۇلارغىمۇ كىرىپ كۆرسەم يەنە يۇقىرىقىدەك ئەھۋال.  

    شۇنچە جىق تور بەت، بلوگ، مۇنازىرە مۇنبەرلىرى شەبنەم مۇنبىرىدىن ئالغان ماقالە بولغاندىكىن گوگېللىسام بىرىنجى بولۇپ شەبنەم چىقىشى كېرەك ئىدى.  ئازراق تېرىكىپ قالدىم، شۇنداقتىمۇ ئاخىرىنى ئىزدەۋەردىم. شەبنەمدىنمۇ ئاخىرى تاپتىم، ماقالە تېمىسى «ئاللاھ ئۇيغۇرتىلىنى بىلەمدۇ؟» ئىكەن، ھېكايە تېمىسىنىڭ نىمىشقا ئۆزگىرىپ كەتكىنى ماڭا نامەلۇم. بىراق قىزىقارلىق يېرى، بۇ يەردىكى تېمىنىمۇ باشقا بىر تورداش يوللىغان بولۇپ، «ياشلار مۇنبىرىدىن ئېلىندى» دەپلا يېزىلىپتۇ، بۇنىڭدىمۇ ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتىش بولماپتۇ.

    شۇنداق قىلىپ ياشلار مۇنبىرىدىنىمۇ گوگېللاپ تاپسام، بۇ مۇنبەر ماقالىنى مۇنبەرگە تىزىملاتمىسا كۆرگىلى قويمايدىكەن، دەرھال تىزىملاتتىم، لېكىن مەن گوگېللاشتىن ئېرىشكەن تېما ئادرېسى:http://www.yashlar.com/uy/read.php?tid=139  . ئېچىلمىدى. مۇنبەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتسەم بۇ بىر ياش مۇنبەر ئىكەن. 27لا ئەزاسى بار ئىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىملىق ئەسەر مەنبەسىنى ئىزدەش نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى. شۇنداق بىر ياخشى ماقالىنى تەشۋىق قىلسام دىگەن ئۈمىدتىن ، بۇ ماقالىنىڭ ئىسسىق مەرىدىن ۋاز كەچتىم.

    خۇلاسە: ئەسلىدە بەزى تورداشلىرىمىز ئېيىتقاندەك«ياخشى ماقالە كۆپچىلىكنىڭ» بولۇشى كېرەك. لېكىن بۇ يەردە شۇنداق بىر ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت.  بۇ مەسلىنى كۆپچىلىك بىلمەمدۇ، ياكى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلامدۇ، بىلمىدىم. خەلىقئارالىق ئەڭ ئىلغار ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ بىرى بولغان گوگېلنىڭ پ ر قىممىتى دەيدىغان بىر ئۆلچىمى بار بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم مۇشۇ قىممەت ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىسىنى بەلگىلەيدۇ، ۋە بۇ ئارقىلىق بۇ تور بەتنىڭ ئىزدەش ماتورىدىكى ئورنى، تور بەتلەرنى رەتكە تىزىشتىىكى تەرتىپى ۋە ئېلان شىركەتلىرىدىن ئېلان ئىلتىماس قىلغاندىكى ئېلان باھاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قىممەت دەل بىر تور بەتنىڭ باشقا تور بەتلەردە ئۇلىنىش قىلىنىشى ۋە شۇ تور بەتنىڭ ماقالىلىرىنىڭ باشقا ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىپ ئادرېسىنىڭ باشقا تور بەتلەردە ماقالە مەنبەسى قىلىپ كۆرۈلۈشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇرەككەپ ھېسابلاشلار ئارقىلىق باھالىنىدۇ.

    يۇقىرىقى ئەھۋال بويىچە ئېيىتقاندا باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىپ تۇرۇپ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش بىر ياخشى ئىش، بۇنىڭ بىلەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلگەن تور بەتنىڭ قىممىتى ئېشىپلا قالماي، ياخشى ماقالىلەردىن كۆپچىلىك ئورتاق پايدىلىنىدۇ، بۇ ھەم شۇ ماقالە يوللانغان ئەسلى تور بەت ئۈچۈن باشقا ئورۇنلاردا تەشۋىقات بولۇپ قالىدۇ. بىراق ماقالە مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتمەي تۇرۇپ ماقالىنى كۆچۈرۈش يالغۇز بىر تور بەتنىڭ خەلىقئارادىكى ئۇچۇر ئامبىرىدا قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، بىزدىكى تورچىلىقنىڭ ساپاسىنى چۈشۈرۈپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئېغىر ئەخلاق كىرزىسى پەيدا قىلماي قالمايدۇ.

     


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى