<<  (The Uyghur Hero Chintomur) چىن تۆمۈر باتۇر | باش بەت | Alimama ئېلانى ئىلتىماس قىلغان دوستلار سەمىگە  >>
  • ياشلىق نىداسى - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]

    2009-02-08

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34616188.html

    ياشلىق نىداسى


    لىف تولىستوي
    (نەسىر )
     شەرۋانەم تەرجىمىسى

    ئېھ، ياشلىق !!! ياشلىق سەن ھېچنىمىگە پىسەنت قىلمايسەن، سەن خۇددى پۈتكۈل كائىناتتىكى ھەممە بايلىقلارنى ئۆزۈڭگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، قايغۇمۇ ساڭا تەسەللىي بېرەلەيدۇ، ھەسرەتنىڭمۇ ساڭا ياردىمى بار، سەن ئىشەنچكە تولغان، يۈرەكلىك. سەن ئېيتىسەنكى: قاراپ تۇر، مەنلا ھايات. لېكىن سېنىڭ كۈنلىرىڭمۇ ئاستا- ئاستا ئۇچۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئازراقمۇ ئىز قالدۇرماستىن، بىكارلا غايىپ بولىۋاتىدۇ. سېنىڭ ئۈستۈڭدىكى ھەممە نەرسە خۇددى قۇياش ئاستىدىكى شامدەك، ئېرىگەن قاردەك يوقىلىۋاتىدۇ ... سېنىڭ سېھرىي كۈچكە تولغان سىرلىرىڭ سېنىڭ ھەرقانداق ئىش قىلالىشىڭدىلا بولماسلىقى مۇمكىن، بەلكى سەن ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلىشىڭنى ئويلىيالايسەن. پەقەت سەن ئۆزۈڭنىڭ شۇ كۈچ - قۇۋۋىتىڭنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلىكىڭدىن كۈچۈڭ بىھۇدە ئىسراپ بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ھەربىر كىشى ئۆزىنى سەرسان دەپ بىلىدۇ، ئۇلار ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىنى شۇنداق دېيىشكە ھوقۇقلۇق دەپ قارايدۇ: «ئاھ ، ئەگەر مەن ۋاقىتنى بىكار ئىسراپ قىلمىسام ، ھەرقانداق ئىشلارنى  قىلالايمەن !»
    مەنمۇ ھەم شۇنداق ... شۇنداق ۋاقىتلار بولغان، مەن خۇرسىنغان ، يېڭى ئېچىلغان گۈلگە ئوخشايدىغان تۇنجى مۇھەببەتنىڭ خىيالىي دۇنياسىدا تۇرغىنىمدا بىرخىل سوغۇق ھېسسىيات مىنى ئۇزىتىپ قويغان ، مەن نېمىنى ئارزۇ قىلغان ، نېمىنى كۈتكەن ، مەن يارقىن ، گۈزەل كېلەچەكنى كۆردۈممۇ ؟
    ئاخىر كېلىپ مەن ئارزۇ قىلغان ئىشلارنىڭ قايسىسى ئەمەلگە ئاشتى ؟ گۇگۇمنىڭ سايىسى ئاللىقاچان مېنىڭ ھاياتىمنى ئوراشقا باشلىدى ، بۇنداق ۋاقىتتا يەنە نېمە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چېقىلغان باھار چاقمىقى كەبى ئەسلىمىلەردىنمۇ ئۇنتۇلغۇسىز ھەم قىممەتلىك ؟
    (تەرجىمان شىئەن ئېلىكتىرون پەن - تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا )

    سابىق «ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتىگە يوللانغان ئەسەر.


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى