<<  Alimama ئېلانى ئىلتىماس قىلغان دوستلار سەمىگە | باش بەت | چەتكە چىقىش ئۈچۈن ئىشنى قانداق باشلاش كىرەك  >>
  • بىر قېتىم ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز 10 يۈەن جەرىمانە - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]

    2009-02-08

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34801998.html

    بەلكىم بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا سەل ھەيران قېلىشىڭىز، دەرھال ئاچچىقلىنىشىڭىز، زادى قانداق يەردە مۇشۇنداق ئىش باركەن، مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟ دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇشىڭىز مۇمكىن. لىكىن ھەرگىز ھەيران قالماڭ، ئاچچىقلانماڭ. مەن سىزگە بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرەي.  

     مەكتىپىمىز جەنۇبىي شىنجاڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قوش تىل بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى قىلىپ قۇرۇلغاندىن كىيىن مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، قىلمىغان ئامالى ئاز قالدى. تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىگە يارىشا بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، گەرچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىن بولسىمۇ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى خېلى داڭلىق ئۈنۋېرسىتلار بىلەن بىر قاتاردا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈشلەردىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتتى ۋە تەقدىرلەشلەرگە نائىل بولدى. مانا ھەر مەۋسۈمدە ئۆيىدىن ئايرىلىپ (ھەتتا بەزىلىرى قۇچاقتىكى بالىسىنى كۆتۈرۈپ) مەكتىپىمىزگە كەلگۈسىنىڭ قوش تىل مائارىپىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى تىرىشچانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈزۈمنىڭ چىڭلىقىدىنمۇ ئۇلارنىڭ ئەركىن-ئازادە يۈرۈشىگە ئىمكان يوق، چۈنكى ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا ھەر ئايدا بېرىلىدىغان تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ-دە، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا مۇناسىپ جاۋاپ قاتۇرۇلمىسا قانداق بولغىنى؟ يېقىندا مائارىپ نازارىتىدىن مەلۇم بىر ئۇيغۇر باشلىق مەكتىپىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپى سۈپىتىنى تەكشۈرگىلى كەلدى. بۇ خەۋەر بىزگە خېلى بۇرۇن يىتىپ كەلگەچكە، تەكشۈرۈشنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن، مەكتىۋىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەم پاتپاراق بولۇپ كەتتى، دائىم ئىشخانىدا گېزىت كۆرۈپ، قەرت ئويناپ يۈرۈيدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز بىردىنلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يىغىن زالىدا يىغىنلار قايناپ كەتتى. كەم ماتىرىياللار تولۇقلاندى، ياخشى كۆرۈنۈشلەر سۈرەتكە ئېلىنىپ، مەخسۇس فىلىملەر ئىشلەندى، كۇرسانتلارغا يىغىنلار ئېچىلىپ قاتتىق ۋە يۇمشاق تەلەپپۇزلاردا قۇلاقلار بىرەر قۇر تولغاندى، بۇرۇن ئورۇنلانمىغان تەلەپلەر تەكشۈرۈش كەتكەندىن كىيىن ئورۇنلىندىغانلىقىغا ۋەدە-قەسەملەر بېرىلدى. مەكتەپ ئىچى چىنىدەك تازلىنىپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار روھى كۆتۈرەڭگۈ، رەتلىك، پاكىز بولۇپ كەتتى.    شۇنداق قىلىپ ھېلىقى ئەمەلدارمۇ  يەتتە –سەككىز ئادىمىنى ئەگەشتۈرۈپ يېتىپ كەلدى. قارىماققا بۇ قېتىم قاتتىق تەكشۈرىدىغاندەك قىلاتتى. تەكشۈرۈش باشلىنىپ ماتىرىياللار بىرەر قۇر ۋاراقلاندى، فىلىملەر سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەچ كۆرۈپ چىقىلدى. داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆتۈپ يادا بولۇپ كەتكەن دەرسلىرى ئاڭلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىكى ئاكتىپ پىكىر قىلىشلىرىنى كۆرگەن رەھبەرلەر ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقىغا ھەقىقەتەن قايىل بولۇشتى. ئاخىردا خۇلاسە قىلىنغاندا ئەلۋەتتە بەزى قىممەتلىك پىكىرلەرمۇ بېرىلدى. يۇقارقى يازمىمىز مۇشۇ قىممەتلىك پىكىرنىڭ بىرسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.   باشلىق خۇلاسە سۆزىدە مۇۋاپىقىيەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈگەندىن كىيىن، مەكتىپىمىزدىكى ئەڭ گەۋدىلىك ئاجىزلىقنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئادەتتە ئۆز ئانا تىلىدا پاراڭلىشىدىغانلىقى بۇنداق بولغاندا تىل ئۆگىنىشكە تەسىر يىتىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم كەلگەندە بۇنداق ھالەتنى كۆرگۈسىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ پىكىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى كەتكەندىن كىيىن مەكتەپ رەھبەرلىكى مۇزاكىرە قىلىدىغان ئالاھىدە بىر مەسىلە قاتارىدا ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، ئاخىرى بۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكى قارار قىلىندى. يەنى، ھەر قانداق قوش تىل كەسپىدە تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە، مەيلى ياتاق، ئاشخانا، مۇنچا، سىنىپ، مەيدان، يول، ھاجەتخانا قاتارلىق سورۇنلاردا ئۆز ئانا تىلىدا پاراڭلىشىشىقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەگەر خىلاپلىق قىلىنغانلار بايقالسا بىر قېتىمدا 10يۇەن جەرىمانە ئېلىنىدۇ. بۇ جەرياندا مەكتەپتىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى بىر بىرىنى نازارەت قىلىدۇ، پاش قىلىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى ئويلىشىپ چىقىرىلغان قاراردۇر. كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا بوي سۇنۇشىنى ئۈمىدى قىلىمىز.بۇ قارار ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن مەكتەپتە نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىغا ئايلىنىپ قالدى. لىكىن ھېچكىم بۇنىڭغا بىرەر قارشى پىكىرنى ئوتتۇرغا قويالمىدى. چۈنكى مەكتەپنىڭ ئاساسلىق مۇدىئاسىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلەنگەن تىلنى ياخشى ئۆگىتىش-تە! مەكتەپ ھەرگىز ئوقۇغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزدىغان چارە-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا قويمايدۇ ئەلۋەتتە.شۇڭا ھەممىمىز شۇنداق ئوي-خىياللار بىلەن ئۆزىمىزگە تەسەللى بەرمەكچى بولدۇق. لىكىن يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، بىر تىلدا ئۇزۇن مۇددەت سۆزلىشىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن كىشىلەرنى مەجبۇرى باشقا تىلدا پاراڭلىشىسەن دېيىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەرىمانە قويۇش باشقىلارنىڭ تىل-يېزىق ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقمۇ قانداق؟ باشقىلارغا تىلنى ياخشى ئۆگىتىش ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ باشقا ئاماللارنىڭ تېپىپ چىقىش زۆزۈرمۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ ھەقتە ئاشۇ قارانى چىقارغانلار ئويلىنىپ باقتىمۇ باقمىدىمۇ؟ بىز بۇ مەسىلىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتساق توغرا بولىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە مەن يالغۇز جاۋاپ بېرەلمەيدىغاندەك تۇرىمەن. ئەگەر سىزگە پۇرسەت بولۇپ بۇ يازمىنى كۆرۈش نېسىپ بولسا، سىزمۇ چارە-تەدبىرلىرىڭىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، كاللامدىكى تۈگۈنلەرنىڭ يىشىلىشىگە ياردەم بەرگەن بولسىڭىز، سىزدىن مىننەتدار بولغان بولاتتىم.

     بۇ تېما لوپنۇرى بلوگى باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن كۆچۈرۈپ كېلىندى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى:  http://lopnuri.blogbus.com/logs/33853466.html

    تۆۋەندىكىسى مەلۇم تورداش تەرىپىدىن شۇ تېمىغا ئىنكاس سۈپىتىدە يوللانغان شېئىر: 


    ئۇيغۇر بولساڭ ئانا تىلدا سۆزلىگىن

    ئۇيغۇر بولساڭ تەقدىرىڭنى كۆزلىگىن،
    ئۆز-ئۆزۈڭگە يات ئىللەتنى تۈزىگىن.
    ئۆز-ئۆزۈڭنى خاراب قىلماي دېسەڭ گەر،
    ئۇيغۇر بولساڭ ئانا تىلدا سۆزلىگىن.

    ھەرقەدەمدە ئاق-قارىنى پەرق ئەت،
    قايسى ساختا، قايسى توغرا ھەقىقەت.
    ھەي ... شاماللار پەيلى بۇزۇق بەد نىيەت!
    ئۇيغۇر بولساڭ ئانا تىلدا سۆزلىگىن.

    كۆپ تىل بىلىش كاتتا شەرەپ سائادەت،
    بولغىنىدا كۆز ئالدىڭدا ئادالەت.
    مايمۇنلارنىڭ ئويۇنلىرى بەك غەلەت!
    ئۇيغۇر بولساڭ ئانا تىلدا سۆزلىگىن.

    تىلى يوقنىڭ ئەقلى يوقتۇر، يۈزى يوق،
    سايىدۇر ئۇ-جىسمى يوقتۇر ئۆزى يوق.
    ئەھلى جاھان ھەقداسىدا سۈزى يوق،
    ئۇيغۇر بولساڭ ئانا تىلدا سۆزلىگىن.

    ئانا تىلدا سۆزلىمەسلىك –خىيانەت،
    ئۆز تىلىنى بىلمىگەنلىك- جىنايەت!
    مەخمۇت بوۋام دېدى؛"تىلىم ئامانەت"،
    ئۇيغۇر بولساڭ ئانا تىلدا سۆزلىگىن.


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • بۇنداق قىلىش بىزئۇيغۇرلارغا نۇمۇس ، مەخمۇد قەشقەرى بوۋىمىز بۇتىلنى ياخشى ،گۈزەل تىل بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركىي تىللار دىۋانىنى يېزڭپ چىقتى ئەمەسمۇ؟ ھەي،ھەي،ھەي ............
  • يەنە كۆرىدىغان كۈنلەر بار ئوخشايدۇ.
    م.ئە.سەبۇرى回复بوغلان说:
    «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ. (ئۇيغۇر خەلق ماقال– تەمسىللىرىدىن)»
    2009-02-12 17:50:53
  • تىل ئاللاھنىڭ شۇ قەۋم ئۈچۈن ئاتا قىلغان مۇقەددەس گۆھىرىدۇر،كىمكى ئۇنى ئۆز ئىگىسىدىن تارتىۋالماقچى بولىدىكەن، ھامان بىر كۈنى ئاللاھنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ!...
    م.ئە.سەبۇرى回复buhara说:
    ناھايىتى توغرا ئېيتىڭىز، مېنىڭ سوئالىم شۇكى:
    ئاللاھ ئىگەم بىزگە ئاتا قىلغان نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلىش جىھاد قىلغانلىق بولامدۇ؟
    2009-02-12 07:41:38
  • يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى بېتى سىزنىڭ ئۇلىنىش قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا!
    http://www.yukselblog.cn/bloglar/
    م.ئە.سەبۇرى回复يۈكسەل بلوگى说:
    مەن بۇ ئۇلىنشلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دۇنيا قارا بلوگىدا قالدۇرۇلغان ئىنكاستىمۇ، بلوگگېرلار توپىدىمۇ كۆرگەن ئىدىم، تېخى تۆنۈگۈنلا بۇ ئۇلىنىش بېتى ئېلان قىلىنىپلا ئونغا يېقىن بلوگنىڭ ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى ئېيىتقان ئىكەنلا ، بىراق نىمىشقىكىن نورمال ئاچالمىدىم(بەلكىم مەكتەپ تورىنىڭ چەكلىمىسى بولسا كېرەك) شۇڭا ئىلتىماس سۇناي دەپ بىر نەچچە قېتىم تىرىشىپ كۆرۈپمۇ نەتىجىسى بولغان ئىدى. سىلىنى ئاۋارە قىلىپ ئۇقتۇرۇش قىلغىلى ساپتىمەن. يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇلدى، كەمىنىنىڭ ئانا تىلىم بلوگىنىڭ بۇ ئۇلىنىشتىن ئورۇن ئالغىنى نامەلۇم(تورخانىغا چىقىپ كۆرۈپ باقسام بولغۇدەك) ، بولسا قوشۇپ قويغان بولسىلا. ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن، يۈكسەل ئۈزلۈكسىز يۈكسەلگۈسى!
    2009-02-09 07:29:41