-
چەتكە چىقىش ئۈچۈن ئىشنى قانداق باشلاش كىرەك - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-02-09
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34844307.html
مەن ئامېرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيمەن. ماڭا پات-پات ئۇيغۇر بالىلاردىن چەتكە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا مەسلەھەت سوايدىغان ئېلخەتلەر كېلىپ تۇرىدۇ. دائىم قايتا-قايتا جاۋاب يازغاندىن كۆرە، بىرپارچە ماقالە يىزىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم
چەتكە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان بولسىڭىز، ياخشى ئويلاپسىز. بۇ بىر تەس ئىش، لىكىن قىلغىلى بولمايغان ئىش ئەمەس. ئەلۋەتتە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە توغرا كىلىدۇ. لىكىن يەنە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغىمۇ باغلىق، ۋە ياكى خالىسىڭىز مەلۇم دەرىجىدە تەلەيگە باغلىق دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ.
گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم. ئىشىنى قانداق باشلاش كىرەك؟ئالدى بىلەن ئىشىنى چەتئەل تىلى ئۆگىنىشتىن باشلاڭ
مەيلى قايسى دۆلەتكە چىقماڭ، بىر تىل ئۆگىنىشكە توغرا كىلىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە توغرا كىلىدۇ. ئەگەر قايسى دۆلەتكە چىقىشنى قارار قىلمىغان بولسىڭىز ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ تۇرۇڭ. چۈنكى نۇرغۇن ئىگلىز تىلى دۆلەت تىلى بولمىغان دۆلەتلەرمۇ، ئىنگلىز تىلىدا ئاسپرانتلىق ئوقۇتۇشى ئىلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئىنگلىز تىلى سەۋىيىڭىز ياخشى بولسا، ئىنگلىز تىلىدىن TOEFL, GREئىمتىھانلارنى بىرىشكە تەييارلىق قىلىڭ. بۇ ئىمتىھانلارغا ئائىت ئۇچۇرلانى بىلمەكچى بولسىڭىز توردىن ئىزلەپ باقسىڭىز بولىدۇ. ياكى http://www.ets.org گە قاراڭ، ئاندىن چەتكە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگەللەڭ. بۇ ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر خەنزۇتىلى ئاساسىڭىز ياخشى بولسا، نۇرغۇنلىغان ياخشى خەنزۇ تىلىدىكى كىشىلەرنىڭ چەتكە چىقىشى ئۈچۈن مەخسۇس تور بىكەتلەرگە كىرىپ يازمىلارنى كۆرۈڭ. بۇ توربەتلەرگە كىرىپ ئالدى بىلەن «新手必看» دىگەندەك ئاساسى بىلىملەرنى تونۇشتۇرىدىغان يازمىلارنى كۆرۈشتىن باشلاڭ. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەجىرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان يازمىلارمۇ پايدىلىق. يەنە نۇرغۇن پايدىلىق يازمىلار بار. مەن ئۆزۈم بىلىدىغاندىن بۇ خىلدىكى تور بەتتىن بىر قانچىسى بار.
http://www.taisha.org/
http://bbs.gter.net/bbs/index.phpبۇ توربەتلەردىن باشقا يەنە بەزى بۇخىلدىكى كىتاپلارمۇ بار. كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىىيدۇ.بۇ كىتاپلارنىڭ ئىلىكترونلۇق نۇسخىسىنى تاپالايسىز. بۇ خىل كىتاپلاردىن مىنىڭ بىلىدىغانلىرىم «飞跃手册»، «留学美国白皮书»، «留学指导» ئۇيغۇر تىلىدىمۇ بۇخىلدىكى توربەتلەر بار. بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرتىلى تور بەتلىرىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئوقۇش ئۇچۇرلىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەن بىلىدىغانلاردىن
http://www.meripet.com
http://www.bilik.cn/?dp-bbsforum-174.htmlبەزى چاغلاردا ئىمتىھانغا قانداق تىزىملىتىش، پۇلنى قانداق تاپشۇرۇش، دىگەندەك سوئاللار سورالغان ئېلخەتلەنى قوبۇل قىلىپ قالىمەن. بۇنداق سوئاللارغا مەنمۇ دەماللىقتا جاۋاب بىرەلمەيمەن. چۈنكى بۇ خىلىدىكى ئۇچۇرلار ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەن ئىمتىھان بەرگەن چاغدا بىر خىل ھازىر بولسا پۈتۈنلەي بىر خىل بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ خىلدىكى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئۇچۇرلارنى يۇقۇردا كۆرسەتكەن خەنزۇ تىلىدىكى تورلاردىن ئىگەللىگەن ياخشى. چۈنكى بۇ تورلاردا ئۇچۇرلار ئەھۋالغا قارىتا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مىنڭچە ئەڭ ياخشىسى يەنىلا شۇ ئۇچۇرنىڭ مەنبەسىگە بىرىپ ئىگىلىگەن ياخشى. مەسلەن ئىمتىھانغا تىزىملىتىش دىگەندەك ئۇچۇرلارنى شۇ ئىمتىھان ئالغۇچى ئورگاننىڭ بىتىگە بىرىپ ئىگىلىگەن ياخشى. چۈنكى ئىككىنىچى قول ئۇچۇرلار خاتا بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
مىنىڭچە مۇشۇ ئىككى نۇقتا بىلەن ئىشىنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ پەقەت بىر باشلىنىش. كىيىن يەنە ئىمتىھانلارنى بىرىپ، مەكتەپلەرگە ئىلتىماس، پاسپورت بىجىرىش قاتارلىق ئىشلار بار. ئاللا خالاپ ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولۇپ قالسا، يەنە ۋىزا بىجىرىش، چەتكە چىقىش تەييارلىقلىرىمۇ بار. بۇلار كېيىنىكى گەپلەر. ئىنشا ئاللا، شۇنداق كۈنلەرنى سىزگە نىسىپ بولغاي.
===============================================
مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇپ، كۆچۈرۈپ باشقا يەرلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ.ماقالە ئەسلى مەنبەسى : http://sadik82.blogbus.com/logs/32824343.html
收藏到:Del.icio.us
