-
تۆت پەندىن ئۆتەلمىگەن، يەنىلا ئامېرىكىدا تولۇق مۇكاپات پۇلى ئالدىم - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-02-09
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34844453.html
مەن فىزىكا كەسپىدە ئوقۇيمەن. تېما ماۋزۇسىدا ئېيتىلغاندەك، مەن بېيجىڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتىدا ئوقۇش جەريانىمدا تۆت پەندىن قالغان. ھازىر ئامرىكىنىڭ ئايداھو شىتاتلىق ئونۋېرستىتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىمەن. مەن پۈتۈن ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ياردىمىگە ئىرىشتىم، يەنى ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىپ، ئوقۇتۇش ياردەمچىلىكىگە ئېرىشىپ، باكلاۋۇر ئوقۇغۇچىلارغا تەجىرىبە دەرسى ئۆتكەن. ھازىر تەتقىقات ياردەمچىسى بولۇپ ئشلەۋاتىمەن.
بىز ئۇيغۇرلاردىن چەتكە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كۆپ، شۇڭا كۆپچىلىككە ئاز- تولا ياردەم بولۇپ قىلىشى ئۈچۈن ئەسلىدە خەنزۇتىلىدا يىزىلغان بىر پارچە شىياۋ نىيدا ئىلان قىلغان ماقالەمنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.
چەتكە چىقىپ ئوقۇش مىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇيۇم. كىچىك چاغلىرىمدىلا شۇنداق بىر كۈنلەرنى ئارزۇ قىلاتتىم. باشلانغۇچتىكى نەتىجەم ناچارراق ئىدى، ئوتتۇرا مەكتەپتە خېلى ياخشى ئىدى. 2001-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۆزۈم ياقتۇردىغان فىزىكا كەسپى بويىچە مەكتەپ تاللاپ، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتىنى تاللىدىم ۋە قوبۇل قىلىندىم.
ئىككى يىللىق خەنزۇتىلى تەييارلىق جەريانىدا خەنزۇ تىلىغا پىششىق بولغاچقا، ئىنگلىز تىلى ئوگەندىم، ۋە ئىككىنچى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە تۆتىنچى دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتتۈم.
تەييارلىق پۈتۈپ، 2003 يىلى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتىغا كەلدىم. بۇ تۆت يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇشەققەتلىك ۋە ئوقۇشۇمدىكى ئەڭ ئازاپلىق بىر جەريان ھېسابلىنىدۇ.
تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى جەريانىدا مەكتەپنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، ياتاقتا ياتقان ئىدىم. مەن يالغۇز يېتىپ كۆنۈپ قالغاچقا، كۆپ كىشلىك ياتاقتا پەقەت ئۇخلىيالمايتتىم. سائەت 12 لەردە ئاران ئۇخلاپ قالاتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىگەن سائەت 5،6 لەردە تۇرۇپ بەدەن چىنىقتۇراتتۇق. ئۇزۇن مەزگىللك مۇشۇنداق ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئېغىر ئۆگىنىش بېسىمى ئاستىدا مەندە نېرۋا ئاجىزلىق بار بولۇپ قالغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ياخشى ئۇخلىيالمايتتىم، دائىم ھارغىنلىق ھىس قىلاتتىم.
ئالىي مەكتەپتىمۇ شۇنداق داۋاملاشتى. 7 كىشلىك ياتاقتا تىخىمۇ ياخشى ئارام ئالغىلى بولمايتتى. دەرس ۋاقىتلىرىدا ئۇخلاپ قالاتتىم.ئۇخلىمىغاندىمۇ، بىشىم ساڭگىلاپ، مۈگۈدەپ يۈرەتتىم. (كىيىن ئويلاپ باقسام، دەم ئىلىش ھەقىقەتەن مۇھىم ئىكەن. ھازىر مەيلى قانچىلىك ئالدىراش بولاي، ياكى قانچىلىك مۇھىم ئىش بولسۇن، دەم ئىلىشىمغا دەخلى يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئاندىن قىلىمەن.) شۇڭا نەتىجەم تەبىئي يۇقۇرى نومۇرلار بىلەن كەلگەن خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمدىن تۆۋەن چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تۆت يىل ئوقۇش جەريانىدا جەمئىي تۆت پەندىن قالدىم.( لىكىن ياخشى يىرى شۇكى، بىزنىڭ مەكتەپتە، دەرستىن ئۆتەلمەي قالغانلار قايدىدىن ئوقۇپ ئۆتسىلا، تۇنجى قىتىمدا ئۆتكەنگە ئوخشاش بولىۋېرىدۇ. يەنى نەتىجىڭىزگە ھىچقانداق «ئىز» قالمايدۇ.) ئۆتكەن دەرسلىرىمنڭ نەتىجىسىمۇ تۆۋەن بولۇپ، نۇرغۇن پەنلەردىن 60 نەچچىلا ئالغان ئىدىم. تۆت يىللىق ئوتتۇرا نەتىجەم 74 ئەتراپىدا ئىدى. بۇ رىئاللىق مىنىڭ ئارزۇيۇمدىن يىراق ئىدى.
شۇنداقتىمۇ چەتكە چىقىش ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچمىدىم، ھەمدە تۆت يىل جەرياندا ئۈزۈلدۈرمەي ئىنگلىز تىلى ئۆگەندىم. ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىلى ماتىريال فىزىكىسىدا ئوقۇيدىغان قۇربانجان ئاكىمىز گېرمانىيەگە ئوقۇشقا ماڭدى. ئۇنىڭ بىلەن مىنىڭ نەتىجەم ئوخشىشىپ كىتىدۇ.(ئۇ مەندەك دەرستىن قالمىغان) شۇڭا بۇ ماڭا ناھايىتى زور مەدەت بولدى. مەنمۇ گېرمانىيەگە چىقماقچى بولدۇم. ئۇ چاغلاردا بەك تەس دەپ ئويلاپ، تېخى ئامېرىكىغا چىقىشنى ئويلىشىپ باقمىغان ئىدىم.
ئالىي مەكتەپنىڭ 6- مەۋسۇمنىڭ ئاخىرىدا TOFEL بەردىم. نەتىجەم 583 ۋە4.5 ئىدى. ئويلىغىنىمدىن سەل تۆۋەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيەگە ئىلتىماس قىلغاندا رىقابەت كۈچۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن (GRE) بەردىم،نەتىجەم 1050 ،2.5 . يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بېرەلمىگەن ئىدىم. لىكىن گېرمانىيەگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بولۇپ قالاتتىكىيىن دوستلىرىم ۋە تونۇشلار ئامېرىكىغا ئىلتىماس قىلغىن دەپ نەسىيھەت قىلدى. قاراپ باقسام، ئامېرىكىنىڭ ئىلتىماسى گېرمانىيىدىن خىلى بالدۇر ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن سنىاپ باقارمەن دەپ ئىلتىماس قىلدىم. ئەلۋەتتە، ئىلتىماس قىلىش جەريانى ناھايىتى كۆپ ۋاقىت، كۈچ ۋە پۇل سەرپ قىلىدىغان جەريان ئىدى. بۇ جەريان ئادەمنىڭ ئەقلى، غەيرىتى ۋە چىدامچانلىقىغا سىنىاق ئىدى. مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە ئىلتىماس قىلىش ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرىنى بەرمەكتىنمۇ تەس ئىكەن. چۈنكى ئىمتىھان بىرىش جەريانى ئاددى بولۇپ، جاپاغا چىدايدىغان قوڭ ۋە توغرا ئۇسۇل بولسا ئۆگىنىپ كەتكىلى بولىدۇ. لىكىن ئىلتىماس قىلىش بولسا بىر كاللا ئىشىتىشكە، نۇرغۇن ئىزدىنىشكە توغرا كىلىدىغان بىر مۇرەككەپ جەريان.
ئىلتىماس جەريانىدىكى بېسىملاردىن ئادەم كۆپ خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. بەزىدە ئۆزۈمگە «نىمانداق بىر جاپالىق يول تاللىۋالغاندىمەن؟ نىمىشقا باشقىلارغا ئوخشاش ئوقۇش پۈتۈرۈپ، يۇرتقا قايتىپ، خىزمەت قىلىپ كىيىن توي قىلىپ ئاددىلا ياشىمايمەن ؟» دەپ ئويلاپ قالىمەن. لىكىن مىنىڭچە مەن ئۇنداقلا ئاددى ياشاپ ئۆتىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدىم. مەيلى قانداق بولمىسۇن، چىشىمنى چىشلىدىم. ئۈمۈدسىزلەنگەن چاغلىرىم بولدى. تۆتىنچى يىللىقنىڭ بىشىدا ھەرخىل بىسىملار بەك ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزۈمنى يوقىتىپ قۇيايلا دىگەن ئىدىم. بىسىمنىڭ ئېغىرلىقىدىن، مىجەزىممۇ چۇسلىشىپ كەتتى. مەيلى قانداق بولمىسۇن، ئامېرىكىغا ئىلتىماس ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ ، تەتىلدە ئۆيگە قايتتىم.
تەتىلدە ھىچنىمە قىلماي ئوينىغاچ، مەكتەپلەردىن خەۋەر كۈتتۈم. 6 مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغان ئىدىم. تەتىلدە 3 دىن جاۋاب كەلدى، ھەممىسى رەت قىلىپتۇ.
تەتىلدىن كىيىن مەكتەپكە قايتىپ، يەنە خەۋەر كۈتكەچ تۈركىيەگە ئىلتىماس قىلدىم، ھەمدە گېرمانىيەگە تۇتۇش قىلدىم. شۇچاغلاردا بىر مەكتەپتىن خەۋەر كىلىپ، مىنى قوبۇل قىلدى ھەم ماڭا %33 ئوقۇش مۇكاپىتى بەردى. بۇغۇ ياخشى خەۋەر ئىدى، لىكىن يەنىلا نۇرغۇن پۇل بولمىسا بولمايتتى. كىيىن يەنە بىر مەكتەپتىن (يەنى ھازىرقى مەكتىپىم) قوبۇل قىلىندىم، لىكىن مۇكاپات بېرىش بەرمەسلىكى ئېنىق ئەمەس ئىدى. شۇ جەرياندا تۈركىيەگە ئىلتىماس قىلغانلار ئىچىدە مېنىڭ شارائىتلىرىم خېلى ياخشى ئىكەنلىكى، قوبۇل قىلىنىش مۇمكىنلىكىم خەۋىرى كەلدى. ئەمما ئامېرىكا ۋە گېرمانىيىلەر بولغاچقا، ھەم مەن ئەگەر ئامېرىكا ۋە گىرمانىيىلەرگە كېتىپ قالسام، مىنىڭ ئورنۇمغا باشقىلار ئىلتىماس قىلالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەدىن ۋاز كەچتىم.ئامېرىكىدىكى مەكتەپتىن ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ خەۋرى بولمىغاچقا گېرمانىيەگە ئىلتىماسنى قىلىۋەردىم، نۇرغۇن رەسمىيەتلەرنى تۈگىتىپ، گىرمانىيەنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتتۈم. بۇ جەرياندا 3000 يۈەندەك پۇل كەتتى. كىيىن بەختىمگە يارىشا ئامېرىكىدىكى مەكتەپ ماڭا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بەرگەنلىك خەۋىرى كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، رەسمى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە مۇكاپات ئۇقتۇرۇشنى قوبۇل قىلدىم. كىيىن ۋىزىلارنى ئوڭۇشلۇق بىجىرىپ، بېلەتلەرنى ئىلىپ بولدۇم. ئارزۇيۇم ئاخىرى ئەمەلگە ئاشقان ئىدى.
بۇ جەرياندا ئاتا-ئانامنىڭ قەتئىي قوللىشىدىن باشقا يەنە مېنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگىنىم ۋە بۇ يولدىن ۋاز كەچمەي كەلگەنلىكىم مۇۋەپپىقىيىتىمدىكى مۇھىم ئامىللاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەرمۇ ماڭا مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپلەر بولۇپ، ئىلتىماس قىلماق تەس، ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەردىن ئەمەس ئىدى. ھەمدە فىزىكا كەسپى ئىلتىماس قىلماق ئوڭاي كەسىپ، فىزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئادەتتە ئوقۇش مۇكاپىتى ئېلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ يۇقىرى.
ئەمدى ئويلاپ باقسام، تارتقان جاپالىرىم بىكارغا كەتمىدى. ئادەم جاپا تارتىشتىن قورقماسلىقى كىرەك ئىكەن. جاپانى ھامان تارتىدىغان گەپكەن. كېيىن تارتقاندىن، بالدۇرراق تارتقان ئەلا ئىكەن. ھەمدە مۈشكۈلاتلارنى ۋە ۋاقىتلىق مۇشەققەتلەرنى كۆرۈپ، ئۈمۈدنى كۆرەلمىدىم دەپ، ئۈمۈدنى ئۈزمەسلىك كېرەككەن. بىر ئادەم %100 ،تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپ، قانداق نەتىجىگە ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. مىنىڭ چۈشكۈنلەشكەن كۈن بويى كومپىيۇتىر ئويۇنى ئويناپ ئولتۇرغان كۈنلىرىم بولغان. شۇنداق چاغلاردىمۇ ھامان بىر كۈنى غەيرەتكە كىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىمەن دەپ ئويلايتتىم. نەتىجىلىرىم ناھايىتى ناچار بولسىمۇ، سىناپ باقاي، بەلكىم بولۇپ قالار دەپ ئويلايتتىم. مەن يەنە نۇرغۇن ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ئەترىپىدىكى «رىئاللىق» قا مۇرەسسە قىلىپ، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرمايلا، ۋاز كەچكەنلىنى كۆرگەنمەن. بۇنىڭغا بىزنىڭ ياتاقتىكى ۋە ئۇدۇل ياتىقىمىزدىكى بىر قانچە ساۋاقدىشىم مىسال بولالايدۇ. ئۇلارنىڭ نەتىجىسى مەندىن ياخشى، ئىنگلىز تىلى ئۆگەنسە مەندىن ياخشى نەتىجىلەرنى ئىلىپ كىتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭمۇ چەتكە چىقىش ئارزۇسى بولغان. لىكىن ئاخىرغىچە تىرىشىپ باقماي ۋاز كىچىپ، ئاددى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
تۆۋەندە مەن ئىنتايىن ياقتۇردىغان بىر قانچە ياخشى كىنىولارنى تەۋسىيە قىلاي. بۇ كىنولاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگىنى باش پىرسوناژلارنىڭ قەتئىي ئىرادىسى بىلەن يىڭىش مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارالغان قىيىنچىلىقلارئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، ئۆز ھاياتىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرغانلىقى ھىكايە قىلىنغان. بۇ كىنولارنى كۆرگەندە خېلى ئىلھاملىنپ قالىمەن. ئۇلار1. The Pursuit of Happyness
بەختنى قوغلىشىش
当幸福来敲门2. The Shawshank Redemption
شاوشەڭك تۈمىسىدىن قېچىش
肖申克的救赎3. The Terminal
ئاخىرقا بىكەت
幸福终点站كىنو ئىسمىنىڭ ئويغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۆزۈم تەرجىمە قىلىپ قوشۇپ قويدۇم، توغرا تەرجىمە قىلالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن. ھوزۇرلانغايسىلەر
ماقالە ئەسلى مەنبەسى: http://sadik82.blogbus.com/logs/23826858.html
历史上的今天:
ئانا 2009-02-09باشقىلارغا مەجبۇرىي ئېلان چەككۈزۈش كودى 2009-02-09چەتكە چىقىش ئۈچۈن ئىشنى قانداق باشلاش كىرەك 2009-02-09
收藏到:Del.icio.us
