<<  باشقىلارغا مەجبۇرىي ئېلان چەككۈزۈش كودى | باش بەت | ئانا تىلىم بلوگىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇسلۇبىغا باھا بېرىڭ  >>
  • 版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34616281.html

       ئانا


       ئارزۇگۈل نىياز

    جاھاندا ھەممىدىن پاك ۋە نۇقسانسىز،
    نە ئالتۇن، بىباھا گۆھەر،تەڭداشسىز.
    بارلىقىنى پەرزەنتچۈن ئاتاپ مىننەتسىز،
    بارمىدۇر سېنىڭدىن ئۇلۇغ زات ئانا.

    كۈنلىرىڭ تەنھالىق ئىلكىدە ئۆتەر،
    سوغ شامال قار باسقان ساچىڭنى سۆيەر.
    يىغلىسام يۈرەگىڭ قان- ياشلار تۆكەر،
    قەلبىمنىڭ تۆرىسەن پەرىشتەم ئانا.

    قارچۇقتا ياشلىرىڭ تۇرسا لىغىرلاپ،
    "خۇشالغۇ بالام مەن"دەيسەن پىچىرلاپ.          
    چارچاپمۇ قالمايسەن تىنماي مىدىرلاپ،
    مېنىڭچۈن ھەممىگە رازىسەن ئانا.

    ئاپارسام قانچە رەت ھەرەمگە يۈدۈپ،
     ئۆتسەممۇ بىر ئۆمۈر ئوتۇڭدا كۆيۈپ.
    قەرزىمنى يەنىلا قايتۇرالماسمەن،
     كەچۈرگىن قىزىڭنى، رازى بول ئانا.                 

    سابىق «ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتىنىڭ ئىجادىيەت گۈلزارى سەھىپىسىدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى