-
خىيال تونىلى3 (خائىن خىيال) - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-24
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36951641.html
خىيال تونىلى
م.ئە.سەبورى
ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
–ئابدۇقادىر جالالىدىنخائىن خىيال
قارچۇغۇڭدا چاقنىغان نۇردىن،
سېزىۋالدىم ئازاب ھېدىنى.
تىنىقىڭدا قارا رەڭ نەپەس،
چۈشەندۈرمە كۆڭۈل سىرىڭنى.شەكىلسىزلا يۈرگەن چىرايىڭ،
ئوخشىمايدۇ ئادەتتىكىگە.
تور ئىچىدىن مارار ئۆمۈچۈك،
شۇلار ئېيتىپ بەرگەنتى ماڭا:
«خىياللىرىڭ چۈشكەن بەيگىگە.»ئىشەنمەيسەن ئۆزۈڭگە ھازىر،
خىياللىرىڭ قىلدى خائىنلىق.
كۆڭۈل بېغىڭ تاشلىدى ياپراق.
چوقان سالدى ۋىجدان قوشۇنۇڭ،
يولغا چىقتى كۆتۈرۈپ بايراق.مەن تۇرىمەن ئالدىڭدا قاراپ،
ئارىمىزدا ئەينەك توسالغۇ.
مەن ئويلىغان ھەممە نەرسىنى،
سەنمۇ ئويلاپ تۇرىسەن ھازىر.
مەن چۈشەنمەي سېنى شۇنچە يىل
ئازاب– دەرتكە قويدۇم كەچۈرگىن.ئايرىلغۇم يوق پەقەت سېنىڭدىن،
قايتىپ كەلگىن ئەسلى ھالىڭگە.
ھېچ بولمىسا پەقەت قايتىپ كەل،
مەن يېتىمەن سېنىڭ قەدرىڭگە.2004.يىلى 19.نويابېر
نىڭشىيا. يىنچۈەنخىيال تونىلى تامام.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
