-
بلوگنى تەشۋىق قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-03-24
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36941683.html
ئاللاھ خالىسا ئەتە 25.مارت كۈنى ئاناتىلىم تورتۇراسى قۇرۇلغىنىغا 2 ئاي بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئومۇمىي زىيارەت سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كېتىشنى كۈتۈۋالىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇيغۇرچە بلوگلار ئىچىدە نوكىيا يانفون بىلىملىرىنى تونۇشتۇرىدىغان بىر بلوگنىڭ قۇرۇلغان دەسلەپكى ئىككى ھەپتىلىك زىيارەت سانى سەككىز مىڭ بولغانلىقى ئېلان قىلىنغان ۋە بىر ئايغا قالمايلا مۇستەقىل بلوگ سېستىمىسىغا كۆچۈپ چىققان . كۈزىتىشىمچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كۆپ قىسىم بلوگچىلارنىڭ ئىلگىرى مۇنازىرە مۇنبەرلەردىكى ئاكتىپ ئەزالار ئىكەنلىكىدەك ئارقا كۆرۈنۈشى بولغاچقا (مەسىلەن: تەكلىماكان بلوگى باشقۇرغۇچىسى بىلىك كۇلۇبى ئەزاسى، جېك ئەپەندى ئىزدىنىش مۇنبىرى ئەزاسى) بلوگ قۇرۇپ ئۇزاققا قالمايلا زىيارەت سانى ناھايىتى ياخشى بولۇپ بەرگەن، لېكىن ھازىرقى 200 گە يېقىن بلوگباس سۇپىسىدىكى ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ يېرىمى دىگۈدەك قۇرۇلۇپ يېرىم يىلغىچە 5000 قېتىملىق زىيارەت مىقدارىدىنمۇ ئاشالمىغان. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەلۋەتتە كۆپ تەرەپتىن ئىزدەش مۇمكىن، لېكىن ئاساسلىق سەۋەبلەردىن يوللانغان تېمىلارنىڭ سۈپىتى ۋە بەلگىلىك سانىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىدىن باشقا مۇۋاپىق ھالدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنىمۇ ئالاھىيدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. پېقىرنىڭ تەجىرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، شەخسىي بلوگلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆز بلوگىنى تەشۋىق قىلسا بولىدۇ:
1. ھەرخىل ئۇلىنىش تور بەتلىرىگە ئىلتىماس سۇنۇش. ھازىرقى ئۇلىنىش تور بەتلىرىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ شەخسىي بلوگلار تۈرى ئاساسەن دىگۈدەك بار.
2. باشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان بلوگ ۋە تور بەتلەر بىلەن ئۆز ئارا ئۇلىنىش قىلىش.
3. كىيۇ كىيۇ توپلىرىدا ياكى توپ ئېلخەت يوللاش سېستىمىسى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش.
4. سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى، ئىنكاس يېزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش.
5. چايخانىلاردا تەكلىپنامە يوللاش ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش.
6. ئېلىكتىرونلۇق كىتاب، بلوگ ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنى تارقىتىش ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش.
7. ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ مەخسۇس قوشۇۋىلىش قوراللىرىغا ئۆز تور بېتىنى قوشۇپ قويۇش.
كەم قالغانلىرىنى تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى سورايمەن.ئىزاھات: يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئىقتىسادىي كىرىمى بولمىغان ياكى ناھايىتى ئاز بولغان بلوگلارغا قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ شەخىسلەرگە ماس كېلىدۇ. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن بىر قىسىم شىركەتلەر ۋە ئايرىم بوشلۇق ۋە ئىسىم ئېلىپ تۇرۇپ ياسالغان تور بېكەتلەرمۇ نومۇس قىلماي مۇشۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باشقىلاردا بىزارلىق كەيپىياتى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شىركەت بولغان ئىكەن پۇل تاپىدىغان، پايدا ئالىدىغان ئورۇن دىگەن گەپ، شۇڭا ھەرقايسى توربەتلەردىكى ئېلان ئورۇنلىرى ئۇنچە قىممەت بولمىغاندىكىن ئۆز سۈپىتى ۋە ھۆرمىتىنى قوغداپ شۇ يەرلەردە ئېلان بېرىشىنى ئالاھىيدە تەۋسىيە قىلىمىز.
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تورتۇرانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەيسىز!
收藏到:Del.icio.us

评论