<<  خىيال تونىلى3 (خائىن خىيال) | باش بەت | تور بەتنىڭ كۆچۈرۈشنى چەكلەش كودى  >>
  • ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى ۋە مۇھەببەتلىشىش - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]

    2009-03-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37054291.html

    تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانىغا قاتنىشىش بىلەن مۇھەببەتلىشىش ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئەگەر سىز ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئوتتۇرىسدىكى كىچىككىنە مۇناسىۋەتنى تونۇپ يەتسىڭىز، ھەم شۇنداقلا مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاسپىرانىتلىققا يېتەكچىلىك قىلىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى سىز ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىدا چوقۇم غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.

    1.ھەر ئىككىلىسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىزدە كەم بولغان نەرسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن. مۇھەببەتلىشىشنىڭ كېلىپ چىقىشى بىزنىڭ يات جىنىسلىقلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىگە موھتاج بولغىنىمىزدىن بولغان بولسا، ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانىغا قاتنىشىشنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانى ئوقۇش جەريانىدىكى سېستىمىلىق تەربىيلىنىپ ئۆز قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.
    2. ھەر ئىككىلىسىنىڭ باشلىنىشى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر ئادەم ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن دەيدىكەن، كۆپلىگەن جەلىپكار يات جىنىسلىقلار ئارىسىدىن ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغىنىنى تاللىشى كېرەك؛ شۇنداقلا بىر ئادەم ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانىدا ئۆتۈپ كېتىمەن دەيدىكەن، كۆپلىگەن كەسىپلەر ئىچىدىن ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىيدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق كەسىپنى تاللىشى كېرەك.
    3.ھەر ئىككىلىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان روھنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ھەقىقىي مۇھەببەت قارشى تەرەپنى چۈشىنىش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئېھتىياجى ۋە خاراكتېر ئالاھىيدىلىكىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا قۇرۇلىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغان ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىمۇ چوقۇم ئۆزى ئىمتاھان بەرمەكچى بولغان مەكتەپ ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ سوئال چىقىرىش ئالاھىيدىلىكى، تەپەككۇر يولى ۋە ئېھتىياجىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولىدۇ.
    4.ھەر ئىككىلىسى سادىق بولۇشنى ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ھېسابلايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇھەببەت ۋە نىكاھ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشى ۋە سادىق بولۇشىنى ئاساسىي كاپالەت قىلغان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كېمىگە دەسسىۋېلىش ۋە ئۈچىنجى شەخىسنىڭ قىستۇرىلىۋېلىشىغا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ؛ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىمۇ تاللىغان كەسىپتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سادىق ھالدا بىر باشقا چىقىرىپ ئۆگېنىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھېلى ئۇ مەكتەپ، ھېلى بۇ كەسىپنى ئالماشتۇرۇپ يۈرۈشكە قارشى تۇرىدۇ.
    5. ھەر ئىككىلىسىلا ئالدىنقىلارنىڭ تەجىرىبە– ساۋاقلىرىدىن ئۆگېنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇھەببەتلەشكۈچىلەر كۆپىنچە كىتابلار ياكى باشقا كىشىلەردىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ ئۇنى ئۆزىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ئەھۋالىغا تەدبىقلاپ ئىشلىتىدۇ. ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى بەرگۈچىلەر بولسا پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىغا دائىر بىلىم، ماھارەت ۋە ئۇسۇللارنى ئۆگېنىپ ئۆزىنىڭ ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىدىغا تەييارلىق قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
    6. ھەر ئىككىلىسىلا بەسلىشىدىغان روھ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇھەببەتلەشكۈچى ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئادىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارىسىدىكى كەسكىن رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىپ ئاندىن غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ؛ ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى بەرگۈچىلەر بولسا ئارزۇسىدىكى مەكتەپ ۋە كەسىپكە ئۆتۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن يۇقىرى سەۋىيەلىك رەقىبلىرى بىلەن ئوخشاش مەيداندا بەسلىشىش ئارقىلىق ئۇتۇپ چىقىدۇ.
    7. ھەر ئىككىلىسىدىلا خىيىم– خەتەر ۋە بەدەل تۆلەش بولىدۇ. مۇھەببەتلەشكۈچى گەرچە قىممەتلىك ۋاقتى، زېھنى ۋە مېھرىنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي قېلىشىمۇ مۇمكىن؛ ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى بەرگۈچىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جاپالىق تىرىشقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا مۇۋەپپەقىيەت تاجىنى كىيەلمەسلىكى مۇمكىن.
    8. ھەر ئىككىلىسىلا بىر توپ كىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەت. مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇھەببەتلىشىش شەخىسلەردىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ ئاتا– ئانا، ئۇرۇق– تۇغقان ۋە دوستلىرىنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭغا ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى نەتىجىسى ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى بەرگۈچى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى ۋە مەكتەپ ئۈچۈنمۇ ناھايىتى چوڭ تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
    9. ھەر ئىككىلىسىلا بىر ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇھەببەت بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر ئېلىپ كەلگىنىدەك، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى بىر كىشىنىڭ شانلىق غەلبىسىنىڭ يۆتكىلىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.
    10. ھەر ئىككىلىسىنىڭ گۇۋاھنامىسى بار. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مۇھەببەتلەشكۈچىلەر ئەڭ ئاخىرىدا توي خېتى گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىدۇ؛ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى بولسا ئەڭ ئاخىرىدا ئاسپىتانىتلىق دىپلومى گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىمتاھان بەرگۈچىلەر ئىمتاھان بەرمەكچى بولغان كەسىپنى ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى دەپ قارىشى، كۆڭۈل قويۇپ ئۇنى چۈشىنىشى، تەتقىق قىلىشى، شۇنداقلا ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا ماسلىشىشى، ئۇنىڭ شەرتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك؛ ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى بېرىش ئوبىيكتىنى تاللىغان ھامان دىققەتنى بىر نۇقتىغا يىغىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق مۇھەببىتى بىلەن توغرا بولغان نەزەرىيە ۋە ئۇسۇللارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئۆز ئارزۇسىدىكى مەكتەپ ۋە مەكتەپكە ئۆتۈشنى قوغلىشىش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.


     شىئەن مەدرىسە (شۆفۇ) تەربىيلەش مەركىزى « 2010.يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يېتەكچسى» قوللانمىسىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى.

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تور تۇرانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەيسىز!


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • بۇ تازىمۇ ئوبرازلىق سېلىشتۇرۇش بوپتۇ.ھەم ئىنتايىن قىزىقارلىق،ھەم كۆرسەتكەن ئاساسلىرى كۈچلۈك ئىكەن.ئاسپرانتلىققا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار بولسا،بىر ئوقۇپ كۆرسە،ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىشىغا پايدىسى بولغىدەك.
    م.ئە.سەبۇرى回复لوپنۇرى说:
    توغرا ئېيتتىڭىز ئۇستازىم، پېقىرمۇ بۇ ماقالىنى ئوقۇپ باشقىچە روھلىنىپ قالغان ئىدىم.
    2009-03-28 14:20:18