-
سەبورى تور ئىنگلىز تىلى 4. لېكسىيە - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-05
تىل ئۆگېنىشنىڭ ئەسلىدىكى ماھىيتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى قوللىنىشتۇر، بۇ خىل قوللىنىش ئەلۋەتتە ئېغىزتىلىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئېغىزتىلىنى ياخشى مەشىق قىلىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى يېڭى شەرق ئېنگىلىزتىلى تىل تەتقىقات مەركىزىنىڭ كۆپ يىللىق ئوقۇ– ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يەكۈنلىگەن قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرلىرى :
-
سەبورى تور ئىنگلىز تىلى 3.لىكسىيە - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-03
ئىمتاھاننىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىش ئىقتىدارى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىلدىن – يىلغا كۈچەيتىلىپ مېڭىۋاتىدۇ .
ئىمتاھان سوئال شەكلى ئاساسلىق يېزىقچىلىق ، ئاڭلاش ، ئوقۇشلۇق ، گىرامماتىكا ، تەرجىمە قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە چىقىرىلىدىغان بولۇپ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بولغان ئېنگىلىزتىلى ئاساسىنى تەلەپ قىلىدۇ .
تۆۋەندە مۇشۇ ئىمتاھانغا ئاخىرقى قېتىملىق تەييارلىق قىلىشتا پايدىلىق دەپ قارالغان ماتېرىياللار (بۇ قېتىملىق ئاساسلىق ئىمتاھان نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇش) ئىمتاھانغا ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەندى ، شۇنى ئاۋۋال ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى ، بۇ ئىمتاھانغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەسىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى بىزگە نىسبەتەن يالغۇز دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى خەلىقئارادىمۇ خەنزۇتىلى ئۆگېنىشنىڭ مۇھىملىقى ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ(ئۇيغۇرتىلى ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.) . تۆۋەنكى تەمىنلەنگەن ماتېرىياللار خەنزۇچە بولۇپ ، ئەسلى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ قويۇشنى ئويلىغان ، لېكىن ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىنىڭ قىسلىقى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنىڭ جىددىيلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ بىۋاستە ئۇلانما ئادرېسىنى يوللاپ قويدۇم .
-
«ئىنگلىز تىلى » دىگەن ئاتالغۇ ھەققىدە - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-02
بۇ ئاتالغۇنىڭ توغرا يېزىلىشى ھەققىدىكى پاكىتلار:
1.ئۇيغۇر ئېدىتتىن كۆرسىتىپ بەرگىنى
2.ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر ئىچىدىكى سەرخىللىرىنىڭ بىرى «بىلىك كۇلۇبى» بۇنداق ئىشلارغا ئالاھىيدە دىققەت قىلىدۇ، ئەلۋەتتە:
-
نېمە ئۇچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنىمىز؟ - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-02
ئاخىرىدا بىر ئىنگلىزچە تىكىستىنى دوسلارغا سۇنماقچىمەن:
ئۇيغۇر تىلى ماڭا تەڭداشسىزلىق بېغىشلايدۇ،مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆز ئوي-پىكىرىمنى ۋە مۇھەببتىمنى ئىپادىلەيمەن...
Uyghur language makes me feel unique,I use it to express my thought and love...خەنزۇ تىلى ماڭا جدىدىيلىك ھېس قىلدۇرىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ياشايمەن ۋە تىرىكچىلىك قىلىمەن...
Chinese language makes me feel urgent, I use it to make my living and survive...ئەرەب تىلى ماڭا قەلبىمنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق روھىمنى پاكلايمەن...
Arabic makes me to be touched deep in heart,I use it to clean my soul...ئىنگلىز تىلى مىنى ئۈمىدۋار قىلىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ياخشى تۇرمۇش ۋە ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشەلەيمەن
English makes me feel hope,I use it for better life and better opportunityئانا تىلىمىزنىڭ قۇدرىتى ئۇچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنەيلى...
«سەرخۇش ئىنگلىزتىلى» دىن ئېلىندى.
-
چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى 2.دەرس - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-02
چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى2 — چىشى پېئىلنىڭ مارستىن ئايرىلىپ ۋېنىراغا كېلىشى
مارستا بىر مەزگىللىك تۇرۇشتىن زېرىكىش ھېس قىلغان be بۇ جايدىن ئايرىلىپ ، بىر قەدەر كىچىك پىلانىت ۋېنىراغا كەپتۇ . ۋە بۇ يەردە ئىككى بالىلىق بوپتۇ . بالىلىرىنىڭ ئىسمى was ، ۋور ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى بالا ئاددىي ئۆتكەن زامان شەخىسلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشنى تەقسىملىشىپتۇ .نۆۋەت بىلەن was ئاۋۋال بىرىنجى شەخىسكە ، were ئىككىنجى شەخىسكە ئاندىن ، was يەنە ئۈچنىجى شەخىسكە ، ئاخىرىدا كۆپلۈك شەخىسلىرىگە were ئىگىدارچىلىق قىپتۇ .