-
سەبورى تور ئىنگلىز تىلى 3.لىكسىيە - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-03
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34572892.html
ئۈچىنجى لېكسىيە
مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ 4–دەرىجە ئىمتاھانىغا تەييارلىق
بۇ يەردە بۇ ئىمتاھاننى بىلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئەھمىيتى توغۇرلۇق كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ئورنى يوق . باشقا ساھەدىكى بۇ ئىمتاھاننى بىلمەيدىغانلارغا ئاددىيلا چۈشەندۈرسەم ، دۆلەتلىك مائارىپ نازارىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ھەربىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىدا بۇ ئىمتاھاندىن ئۆتمىسە ، باشقا بارلىق تەرەپلەردىن لاياقەتلىك بولغان ھالەتتىمۇ ئۇنۋان كېنىشكىسى بېرىلمەيدۇ . دەپ بەلگىلىگەن .
ئىمتاھاننىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىش ئىقتىدارى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىلدىن – يىلغا كۈچەيتىلىپ مېڭىۋاتىدۇ .
ئىمتاھان سوئال شەكلى ئاساسلىق يېزىقچىلىق ، ئاڭلاش ، ئوقۇشلۇق ، گىرامماتىكا ، تەرجىمە قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە چىقىرىلىدىغان بولۇپ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بولغان ئىنگلىز تىلى ئاساسىنى تەلەپ قىلىدۇ .
تۆۋەندە مۇشۇ ئىمتاھانغا ئاخىرقى قېتىملىق تەييارلىق قىلىشتا (تەخمىنەن بىر ئاي قالغاندا) پايدىلىنىشقا بولىدۇ دەپ قارالغان ماتېرىياللار (بۇ قېتىملىق ئاساسلىق ئىمتاھان نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇش) ئىمتاھانغا ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەندى ، شۇنى ئاۋۋال ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى ، بۇ ئىمتاھانغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەسىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى بىزگە نىسبەتەن يالغۇز دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى خەلىقئارادىمۇ خەنزۇتىلى ئۆگېنىشنىڭ مۇھىملىقى ئىنگلىز تىلى ئۆگېنىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ(ئۇيغۇرتىلى ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.) . تۆۋەنكى تەمىنلەنگەن ماتېرىياللار خەنزۇچە بولۇپ ، ئەسلى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ قويۇشنى ئويلىغان ، لېكىن ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىنىڭ قىسلىقى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنىڭ جىددىيلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ بىۋاستە ئۇلانما ئادرېسىنى يوللاپ قويدۇم .
1. ئاڭلاش :
http://live.cncmax.cn/ft/cet4/dm/
ئاڭلاش ئادەتتە ئاڭلاپ مەشىق قىلىش جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللىنىدىغان ئىقتىدار. يۇقىرىقى ئادرىستا تەمىنلەنگىنى توردىن كۆرۈش لېكسىيە دەرسلىك فىلىمى بولۇپ ،« يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ» تىل تەربىيلەش مەركىزىنىڭ مۇئەللىمى سۆزلىگەن ، ئاڭلاشقا قارىغاندا سەۋىيسى ھېچقانچە ئەمەس ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ مەركەزنىڭ دەرىسىنى بىر نەچچە كۈن ئاڭلىسا «سوئالنى ئوقۇماي تۇرۇپ توغرا ئىشلەش » ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ ، ئىمتاھانلاردىن ئەسلىدىكى تۆۋەن سەۋىيەسىگە ئالاھىيدە ئىمتاھان بېرىش ئۇسۇلىنى قوشۇپلا ئۆتۈپ كېتىدىكەن. پەقەت ئىمتاھان ئۈچۈنلا ئۆگېنىش ياخشى ئىش ئەمەس ، ئەلۋەتتە. لېكىن جوڭگودا ئىمتاھان مائارىپىغا تاقابىل تۇرۇشمۇ ئىنگلىزتىلى ئۆگېنىشتىكى بىر نىشان دېسەم قارشى چىقمايدىغانسىز؟!
2.ئوقۇشلۇق :
http://edu.qq.com/a/20080520/000063.htm
ئەگەر ئالاھىيدە ئىمتاھانغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەنسىڭىز، ئوقۇشلۇقنىڭ ئىمتاھان سوئالىدىكى نۇمۇر ئېلىش ئەڭ ئاسان بولغان قىسىم ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بەزىلەر بىر پارچە ماقالىدە بىلمەيدىغان سۆزلۈكتىن بىرنەچچىسى ئۇچرىسىلا پۈتۈن ماقالىنى چۈشەنمىگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ بۇ سوئالنى توغرا تاللاش ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشلەردىكى مىساللارنى كۆرسىڭىز يېڭىچە كۆز قاراشلارغا ئىگە بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن .
3.يېزىقچىلىق :
http://www.kekenet.com/cet4/write/xiezuoxl/
بۇ بىر توپلام. ماقالە يېزىشتا ئاساسلىقى پىكىر قىلىش يولىنى رەتلەش. ئاندىن كېيىن ئۆرنەك جۈملىلەرنى يادلاپ بەرگەندە نۇمۇرنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .
4. گىرامماتىكا
http://www.examda.com/cet4/Grammar/Grammar/20080414/145127409.html
بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. گەرچە كەلگۈسىدە گۈللىنىش ئالدىدا تۇرۇپ تۇغۇلۇپ چوڭىيىۋاتقان «سەبورى ئېنگىلىزتىلى گىرامماتىكا دەرسلىكى — چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى »دەك ئاممىباپ ، قىزىقارلىق بولمىسىمۇ ، تېخى تولۇق مۇكەممەلىشىپ بولالمىغان يوق نەرسىدىن يۇقىرىقى ئەمەلىي نەرسە مىڭ ئەۋزەل . (ئۆزىنى ماختىغان بىرىنجى ئەخمەق دەپتىكەن ، بۇ ئۇنىڭغا كىرمەس !؟ )
5.ئۇمۇمىي مۇزاكىرە :
http://edu.sina.com.cn/cet/2008-05-16/1728139577.shtml
بۇ ماقالە بولۇپ قالىدىكەن، بەزى ياخشى ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇپتۇ، بىراق بەك تەپسىلىيمۇ ئەمەس ئىكەن. قالغىنىغا ئۆز كۆز قارىشىڭلارنى قوشۇپ تولۇقلاپ قوبۇل قىلساڭلار تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىسىلەر .
ئاخىرىدا بۇ ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان دوستلارنىڭ ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈشىگە سەمىمىي ئىلھامىمنى بىلدۈرىمەن .
收藏到:Del.icio.us
